ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 969 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يىزا-كەنت(بازار) ئۆيلىرىنى سېتىش ھەققىدە
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 214
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە214دانە
تۆھپىسى: 88
پۇلى: 555 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 176
ياخشى باھا: 506
توردا: 11(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-11-07
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-11 08:35

يىزا-كەنت(بازار) ئۆيلىرىنى سېتىش ھەققىدە

يىزا-كەنت(بازار) ئۆيلىرنى سېتىش مەسىللىرى ھەققىدە
يىزا-كەنت(بازار) ئۆيلىرنى سېتىش مەسىللىرى ھەققىدە

 يىزا بازار ئۆيلىرىنى سېتىشقا دائىر مەسىللەر ھەققىدە دۆلىتىمىزدە ھازىرغىچە ئىككى خىل قاراش مەۋجۇد بولماقتا.بىر خىل قاراشتىكىلەر يىزا ئۆيلىرنى شو يىزا كەنىت ئاھالىللىردىن باشقا كىشىلەرگە سېتىپ بىرىشكە بۇلمايدۇ دەپ قارايدۇ .يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر بولسا يىزا ئۆيلىرىنى خالىغانچە ئىلىپ سىتىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

بىرىنچى قاراش : يىزا كەنىت(بازار) ئۆيلىرىنى شۇ يىزا كەنىت (بازار )ئاھالىللىردىن  باشقا كىشىلەرگە سېتىشقا بۇلمايدۇ،ئەگەر سېتىپ بەرسە ئۆي ئېلىم سېتىم توختامى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.يەر باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ62-ماددىسدا« يېزا ئاھالىلىرىدىن بىر ئائىلە بىر جايدىلا ئۆي يېرى ئىگىلىسە بولىدۇ. ئۆي يېرىنىڭ كۆلىمى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. يېزىلاردىكى ئاھالىلەر ئۆي سالغاندا، يېزا (بازار)نىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇنلاشۇرۇشى ھەمدە ئىمكانقەدەر ئەسلى ئۆي ئورنى ۋە كەنتتىكى بوش يەرنى ئىشلىتىشى كېرەك. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي يېرىنى يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەكشۈرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىگىلەيدىغانلىرىدا، بۇ قانۇننىڭ 44 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلاش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ. يېزا ئاھالىلىرى ئۆيلىرىنى سېتىۋېتىپ، ئىجارىگە بېرىۋېتىپ يەنە ئۆي يېرى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا تەستىقلاپ بېرىلمەيدۇ. 63 ماددىسىدا « يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ؛ لېكىن يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن بولغان ھەمدە قانۇن بويىچە قۇرۇلۇش يېرى ئالغان كارخانىلاردىن ۋەيران بولۇش، قوشۇلۇپ كېتىش سەۋەبلىرى بىلەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىدا قانۇن بويىچە ئۆزگىرىش بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا». يۇقارقى قانۇن ماددىللىرغا  ئاساسلانغاندا يىزا ئۆيلىرنى يىزا ئىقتىسادى كۇللىكتىپ  ئەزالىردىن باشقا كىشىلەرگە سىتىشقا بولمايدۇ،ئەگەر سېتىپ بىرىلسە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىمۇ ئۇتۇنۇپ بىرىشكە تۇغرا كىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا يىزا ئۆي يەرلىرنى ئىشلىتىدىغان  ئاھالىلەر كۆپىيىپ كىتىدۇ.ئەگەر يىزا يەرلىرى  خالىغانچە سىتىپ بىرىلسە يىزىلاردىكى ئۆيلۇك يەرئورنى ئازلاپ يىزا يەرلىرنىڭ كۆللىكتىپ ئىگىدارلىقىدا بۇلۇشتىن ئىبارەت خاراكتىرى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.1999-يىلى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمسى ئىشخانىسى «يەر ئۇتۇنۇپ بىرىشنى باشقۇرۇش ،باھانى توختىتىپ سېتىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇشنى تارقاتتى .ئۇقتۇرۇشتا  «دىھقانلارنىڭ ئۆلتۇراق ئۆيىنى شەھەر شەھەر ئاھالىللىرگە سېتىپ بىرىشكە بولمايدۇ.شەھەر ئاھالىللىرىنىڭ كەنىت كوللىكتىپ يىرىنى ئىگىلەپ ئولتۇراق ئۆي سىلىشىنى تەستىقلاشقىمۇ بولمايدۇ.مۇناسىۋەتلىك تارماقلارقانۇنسىز قۇرلۇش ۋە سېتىۋالغان ئۆلتۇراق ئۆيگە يەر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى ۋە ئۆي مۇلۇك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەرسە بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەندى.بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندىمۇ  يىزا ئۆيلىرىنى سىتىشقا قەتئى بۇلمايدۇ.

ئىككىنچى قاراش :يىزا ئۆيلىرىنى ئېلىم سىتىم قىلىش قانۇنغا ئۇيغۇن.يىزا ئۆيلىرىنى سىتىش سىتىۋىلىش توختامىنى كۇچتىن قالدۇرۇشتا توختام قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىللىرى ئاساس قىلىنىشى كىرەك. توختام قانۇنىنىڭ 52-ماددسىدىكى« تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىر كۆرۇلسە توختام كۇچتىن قالىدۇ: (1) بىر تەرەپ توختامنى ئالدامچىلىق مەجبۇرلاش ۋاستىللىردىن پايدىلنىپ تۇزۇپ دۆلەت مەنپەتىگە تەسىر يەتكۇزۇش .(2) يامان نىيەتتە تىل بىرىكتۇرۋىلىپ دۆلە ت كۆللىكتىپ ۋە ئۇچۇنچى بىر كىشىنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۇزۇش.(3) قانۇنسىز مەقسەتنى قانۇنلۇق شەكىل بىلەن يۇشۇرۇش.(4) قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتىردىكى بەلگىلىمىلەرگە  خىلاپلىق قىلىش» دىگەن بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا توختام قانۇن مەمۇرى نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغاندا توختام كۇچتىن  بولىدۇ. 1999-يىلى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمسى ئىشخانىسىنىڭ  «يەر ئۇتۇنۇپ بىرىشنى باشقۇرۇش ،باھانى توختىتىپ سېتىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش» مەمۇرى نىزام ئەمەس ،توختامنى كۇچتىن قالدۇرۇشنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ. يەر باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ 62- ،63- ماددىللىرنى ئانالىز قىلغاندا يىزا يەرلىرنىڭ ئۇتۇنۇپ بىرىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ،ئەمما يىزا ئۆيلىرنىڭ ئۇتۇنۇپ بىرىلىشى ۋە يىزا ئۆيلىرنىڭ ئاستىدىكى يەرنى ئۇتۇنۇپ بىرىش مەنئى قىلنمىغان . پەقەت يىز ا ئۆيلىرىنى ساتقۇچى ساتقاندىن كىيىن يىزا ئۆي يەر ئۇرنىنى قايتا ئىلتىماس قىلالمايدۇ.ئىگدارلىق ھوقۇقنىڭ ئىچىدىكى ئىگىلەش ،ئىشلىتىش ،مەنپەتلىنىش ،بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ھوقۇق بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىدۇر. ئەگەر يىزا ئۆيلىرىنىڭ ئىگىدارلىق قىلغۇچىسى ئۆزىنىڭ خۇسۇسى مۇلكىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالسا، ئونداقتا يىزا ئاھالىللىردا يىزىلاردا ئولتۇراق ئۆيگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى يۇق بۇلغان بۇلىدۇ.ھازىر يولغا قۇيۇلىۋاتقان قانۇنلار يىزا ئۆيى بىلەن يىزا ئۆي يىرىنى ئىشلىتش ھوقۇقىنىڭ بىرلىكتە ئۇتۇنۇپ بىرلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. يىزا ئۆيلىرى ئۇتۇنۇپ بىرىلگەندىن كىيىن يىزا يىرىنىڭ كۇللىكتىپ ئىگىدارلىقىدا بۇلۇشى ئۆزگەرمەيدۇ.

 مىنىڭ قارىشىمچە ئىككىنچى خىل قاراش قانۇنغا ئۇيغۇن . يىزا ئاھالىللىرى ئەگەر خالىغان ئادەمگە ئۆي ساتالمىسا ئۇنداقتا يىزىلاردا ئۆيگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن سىتىشقا يۇل قۇيۇش سىتىۋالغۇچىنڭ ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ھەم يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بۇلۇشىغا يۇل قۇيۇش كىرەك. ئۇندىن باشقا يىزا يىرىنى ساتقۇچىغا قايتا ئۆيلۇك يەر تەستىقلاپ بەرمەسلىك كىرەك. يىزا ئۆيلۇك يەرلىرنى سىتشقا دائىر قانۇن نىزام ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۇرۇش لازىم. شۇنداق بولغاندىلا يىزا ئۆي يەرلىرىنى سىتىش سىتىۋىلىش ئىشلرى زىددىيتىنى مۇۋاپىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

قانۇنچىلىق تەشۋىقاتنى كۇچەيتىپ خەلق ئاممىسنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش ئۇچۇن  تىرىشايلى .
بەختىيار ئادۇۋكات

مەسلىھەت بىرىش تۇرلىرى : نىكاھ ،جىنايى ئىشلار ،قەرىز ئىشلرى ،قاتناش ۋەقەلىرى،توختام ماجرالىرى قاتارلىق تورلۇك قانۇنى ئىشلار .

24
سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى: ،18299819854
  توردا ماتىريال يۇللاش ئۇچۇن چ چ :  1471561935

توردا مەسلھەت بىرىلمەيدۇ .

 

تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-11, 00:36
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+50(ئۈمىديار)
  • ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2426
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
    تۆھپىسى: 142
    پۇلى: 2823 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 285
    ياخشى باھا: 2742
    توردا: 440(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2012-11-16
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-11 16:12

    1-قاراش توغرا؛
    مۇشۇنداق بولغاندا رايونىمىز سىرتىدىن كەلگەنلەر ھەرگىزمۇ شەخىسنىڭ يېرىنى سېتىۋالالمايدىكەن-ئەمەسمۇ...