بىغۇبار يىگىت
تۈنۈگۈنلا تاپشۇرۇپ ئالدىم ،
قۇلۇمدىكى بۇ پارچە خەتنى .
سەن قەلبىمدە بىغۇبار يىگىت
دەپ تۈگۈتۈپ يېپىپتۇ بەتنى .
ماڭا شۇنچە كۈيەركەن ئۇقىز ،
چىن دلىدىن قەدىرلەپ مىنى .
ئۆز كۆڭلىدە ھۈرمەت بىلدۈرۈپ
دەپتۇ ئاخىر سۈيىمەن سىنى .
مېنى ئەگىپ يۈرۈپتۇ شۇنچە ،
كۆڭلىنى ھېچ بىلدۈرەلمەستىن .
كۆيگەن ئاشىق كۆڭلىنى ماڭا
ھەركىترىدە سەزدۈرەلمەستىن .
خېتىدە ئۇ دەپتۇ تەكرارلاپ،
سەن قەلبىمدە بىغۇبار يىگىت.
يىگىت دېگەن تالاي ۋە لېكىن،
مەن ئۈچۈن سەن كۆز خۇمار يىگىت .
ئاڭا قىلچە كۆڭلۇمغۇ يوقتۇر ،
ئۇقۇپ قويدۇم خېتىنى تەكرار .
قويدى لېكىن تەسىرلەندۈرۈپ،
خېتىدىكى مۇشۇنداق قۇرلار .
* * * * * * * *
ئاشىق كۆڭۈل تار ئىكەن ئەجەپ،
سىغمىدىغۇ سەندىن باشقىلار .
مەن سىنى دەپ قالدى يىگانە
ماڭا كۆيگەن تالاي ئاشىقلار .
سەن بىلەمسەن بىپەرۋا يىگىت ،
سىنى دەپلا يۈرەك سۇقىدۇ .
ھېچ بىلمەيمەن كۆڭلۈڭنى سىنىڭ
سىنىڭ كۆڭلۈڭ كىمگە باقىدۇ .
مەن كۆيگندەك سەنمۇ باشقىغا
كۈيەمسەن يا ، ھېچبىر بىلمەسمەن .
بىلسەڭمۇ يا كۆگەن كۆڭلۈمنى
مەندىن قېچىپ يۈرەمسەن قەستەن .
قەلبىمدىكى بىغۇبار يىگىت،
ئورنىڭ نىسىپ بولماس باشقىغا .
تىلەپ قويغىن بەختىمنى لىكىن،
يىتەلمىسەم سەندىن ۋىسالغا .
بولدىمۇ يا ساڭا كۆيەۈنۈم
گۈدەكلىكىم نادان بىر چېغىم.
شۇنچە ۋاقىت پەرۋاسىز يۈردىڭ
گۈناھمۇ يا ساڭا كۆيگۈنۈم .
بەرگەن بولساڭ چىن سۆيگۈڭنى سەن ،
مەڭگۈ بەخت تاپقان بۇلاتتىم .
پاك قەلبىڭنى بەرگىن سەن ماڭا ،
ۋىسال تاپسۇن پاك مۇھەببىتىم .
كۆڭلۈڭنى ھېچ بىلىپ بولماسمەن
يالغۇزمۇ سەن ياكى بىر ئاشىق .
مەن كۆيگەندەك كۆيگىن سەن ماڭا،
بۇلۇپ قالماي ئاشىقسىز مەشۇق .
ساڭا كۆيگەن قەلىب پاك قەلىپ
سوۋغام ساڭا پاك مۇھەببىتىم .
مەن دىلدارىڭ بۇلاي دىلبىرىڭ
مۇھەببىتىم دېگىن نىگارىم .
* * * * * * * * *
سۆيگۈڭ شۇنچە بىغۇبار ئىكەن
خەتلىرىڭنى ئۇقۇدۇم تەكرار .
مەن كۆڭلۈڭنى چۈشەندىم قىزچاق،
ساڭا كۆڭۈل سۈزۈم مۇنۇلار .
ساڭا رەھمەت لېكىن كەچۈرگىن ،
بىرەلمەيمەن كۆڭلۈمنى ساڭا .
ماڭا كۆيگىن ، ۋە ياباشقىغا
مۇھەببەتنى چۈشەنگىن توغرا .
توغرا دەيسەن ئەي سەبى قىزچاق،
ئاشىق كۆڭۈل تار ئىكەن شۇنچە .
بەخت تىلەپ قۇيىمەن ساڭا،
لىكىن ساڭا كۆڭلۈم يوق قىلچە .
كۆيگەندەكلا ماڭا بىغۇبار
كۈيەلىسەڭ باشقا بىرىگە .
سىنى بەخت كۈتۈپ تۇرىدۇ ،
بىرگە بارغىن بەخت مەنزىلىگە .
مەنبە:ئۆزقەلىمىم (دەرۋىش)