كېسىۋەتسە ئۇيغۇر قىزى ئۆرۈم چېچىنى ،
سەتلەشتۈرسە ئەخلاقىنى ھەمدە سۆزىنى.
مەدەنىيەت بىلەرىكەن شۇنى شۇ قىزلار ،
ۋەيران قىلىپ ئۇزىنىڭ ياشلىق گۈلىنى .
* * * * *
تېنىمدە تۇرغىنى ئۇيغۇرنىڭ جېنى ،
مەندىكى قانمۇ ھەم ئۇيغۇرنىڭ قېنى ،
يىللىرىم راۋاندۇر مەنزىلنى كۆزلەپ،
مەن ماڭغان بۇ يوللار سۇتتۇق نىڭ ئىزى .
* * * * *
قورقىمەن كۆزۈڭگە بېقىشتىن زىلۋا ،
قورقىمەن ھاياتتا يۈرسە بىپەرۋا ،
قورقۇپلا تۇرىمەن مەھەللەمدىن ھەم
چۈنكى مەن قورقىمەن سېنىڭدىن ئىغۋا .
* * * * *
يۇمشاق گۆش، سۇيۇق قان، قاتتىق ئۇستىخان ،
ئادەم ئەتتى قۇشۇپ تىرە بىلەن جان ،
ھەممىگە تەڭ نەپەس بەرگەن رەببىڭگە
شۈكرى قىل ئىمان ئېيت ئەقىللىق ئىنسان .