ئەركەكلەر شەھرى
ئابدۇۋەلى ئىسھاق
بۇ يەردە يۈرەكلەر قاتقان تاش بولۇپ،
ئەركەكلەر تېنىدە سۇۋۇپ كەتتى قان.
بىر-بىرىدىن ۋەھىملىك يۇچۇن كۆزلەردە،
ئۆچمەنلىك تاشقىنلاپ تۇرىدۇ ھامان.
بۇ يەردە بەك ئاددى ياشاش ئۇسۇلى،
قول سۇنۇپ ئۆزگىدىن تىلەر رىسقىنى.
ئېھ، سېخى ئالقانلار سەمرىتكەن قەدەھ،
باغرىغا سىغدۇرۇپ كېتەر ھەممىنى.
بۇ يەردە ئۆكسىمەس ساختا كۈلكىلەر،
بىر ئاچچىق يىغىنى سەزمەس ھېچكىشى.
تۇل ئايال ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتسىمۇ،
بىر ئەركەك قايغۇرۇپ تۆكمەس كۆز يېشى.
بۇ يەردە ئۇنتۇلغان ئېتىقات، غۇرۇر،
تەنتەنە قىلىشار توپ-توپ قاغىلار.
ئەركەكلەر ئەرلىكسىز ياشايدۇ تىمتاس،
ئەجداتلار قېنىغا بولۇپ قەرىزدار.
ئاھ، دەردىم
كىم دەيدۇ تاغلارنى ئويغانمايدۇ دەپ؟
دەس تۇرار ئورنىدىن يايرىمنى كۆرسە.
كىم دەيدۇ دېڭىزنى تاشالمايدۇ دەپ؟
بىر تامچە كۆز يېشى ئاڭا تۆكۈلسە.
ئۈستۈمدە ئاسمان ۋە ئاستىمدا زېمىن،
شۇ يارنىڭ ۋەسلىگە ئۈندەيدۇ مېنى.
قىپقىزىل تۇزىغان گۈلنىڭ بەرگىدە،
تامچىلاپ تۇرىدۇ ئاشىقنىڭ قېنى.
ئاھ، دەردىم! كۈلكەمنى ئاسمانغا بەردىم،
قايغۇمنى چاكۇ-چاك يېرىلغان يەرگە.
ئۇنىڭدەك يار يوقتۇر يەتتە ئىقلىمدا،
مېنىڭدەك باغرى خۇن، سەۋدايى ئەرگە.