شائىرلىق ھەۋىسى
تۇرسۇنجان ئەمەت (قوشاقچى)
قاچانلاركىن بىلمىدىم ، شېئىرغا ھەۋەس قىپتىمەن ،
شائىرلارچە ئويغا پېتىپ ، ئېغىر نەپەس ئاپتىمەن .
دوراپ يېزىپ ئۆزگىنى ، ئۆزۈمگە قەپەز ساپتىمەن ،
باھا بەرسەم ئۆزۈمگە ئاپتاپپەرەس بوپتىمەن .
گۆدەكلىكتە ئالدىراپ ، شائىر دېگەن ئاتاققا ،
پۇچەك يېزىپ ئەسەرنى ، قالدىم تالاي چاتاققا.
كۆچۈرگىنىم چانغاچقا قالدىم تېخى مازاققا ،
ئويلاپ باقسام مەن ئۆزۈم شائىر پەرەس بوپتىمەن .
تۈزۈپ بەزى مىسىرا ، قاپىيەنى كەلتۈرۈپ ،
مىسرالارغا قىستۇرۇپ چېكىت، پەشنى تولدۇرۇپ .
نەچچە ئەسەر يېزىۋەتتىم بىر كېچىدە ئولتۇرۇپ ،
يازغىنىمدا مېغىز يوق ، مەن شەكىلۋاز بوپتىمەن .
يازغان بەزى ئەسىرىم يېقىپ قالسا دوستۇمغا ،
سورۇنلاردا مەن ئۇنى قېتىۋالدىم رومكىغا .
تەخەللۇسنى ھەم تېغى ئېسىۋالدىم بوينۇمغا ،
سەللە يوغان ئىمان يوق ، نەق بۇتپەرەس بوپتىمەن .
يازغىنىمدا بولمىسا نە ۋەزىن ھەم نە تۇراق ،
يۈرسە تېنەپ چېكىت-پەش ،ئۈندەش بىرلە ھەم سوراق .
يېزىۋەرسەم مۇشۇنداق مەندە بار دەپ ئىشتىياق ،
ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا مەن بىغەرەز بوپتىمەن .
شۇڭا دەيمەن ئۆزۈمگە ، ھاي-ھاي تۇرسۇن، ھاي تۇرسۇن ،
ھەۋەس قىلما بولدى قىل ، تەپەككۈرى تاي تۇرسۇن .
شائىرلىقتا يوق تېغى ، ساڭا ئورۇن - جاي تۇرسۇن ،
شائىر دوستلار قاتارى ، مەن بىنەزەر بوپتىمەن .
شائىر بولسا تىلغا باي ، ئۇچار ئىجاد كەپتىرى ،
يانار ئەلنىڭ قەلبىدە ، ئەسەر يۇلتۇز ئەختىرى .
شائىر ئەمەس مەن كەبى تولسا شېئىرغا دەپتىرى ،
يازغىنىدا مەنا يوق ، قولاشمىسا گەپلىرى .
چانار ھامان بىر كۈنى قىغان ساختا -ئەپلىرى ،
بىر بولمىسا ئەل بىلەن تۇرغان قاتار - سەپلىرى .
شۇڭا سەپتىن چۈشمەكتە ماڭا ئوخشاش كوپلىرى ،
ئۆز -ئۆزۈمدىن دوستلۇرۇم ، مەن بىخەۋەر بوپتىمەن .
مەنبە : قەلىمىم