شېئىرلىرىم بولسۇن سەدىقە
قاراخان
قەلەمدە ئۆزگىدىن قېلىشمايمەن ھېچ،
يازغىنىم ئەل ۋەتەن تېمىسىدا غىچ.
سانى بار، ساپاسى يوقمۇ دىمىگىن ،
ھەر مىسرا شېئىرىم خەنجەر يا قىلىچ.
مەن تۆمۈر، ھاياتلىق بەئەينى بىر پېچ،
تاۋلىنىپ تۇرىمەن بولماي<< پارالىچ>>.
پولاتمەن، شېئىرىم پولاتنىڭ تىغى،
چۈشەنمەي كۈلىدۇ ئۈنى<< خاۋارىچ>>.
ھەر تىنىش، ھەر قەترە رىئاللىققا زىچ،
ئاھ! دىسەم شۇ تاپتا ئوت ئالىدۇ ئىچ.
مەتبۇئات قىس ئەمەس،مۇھەررىرمۇ كور !
نىمىشقا بەرمەيدۇ بەتنى بىر غېرىچ.
لازىمدۇر ئىمارەت ئۈچۈن پىششىق خىش،
بۇغدايدەك قالغاندا گۆش يىمەيدۇ چىش.
تۈگمەننى چەككۇزگەن ئۈگۈت ئەمەسمۇ،
شېئىرنىڭ بېسىلماي ياتقىنى نىمئىش؟
ئاڭلىسام تەھرىردە جىق ئىكەن تەشۋىش،
بېشىدا بار ئىمىش ئىسسىق -سوغ كەچمىش.
شېئىرنىڭ خاھىشى چىگىت چاقمىسا ،
بولاركەن ئۈلارغا كۈن-تۈن ئاسايىش.
كۆز،قۇلاق تۆت تامغا بولۇپتۇ << تەپتىش>>،
شېئىرغا تېخىمۇ كۆپكەن<< مۇپەتتىش>>،
قوش بىسلىق ،ئەستەرلىك گەپنى شېئىردا ،
قىلغانغانلار گۇمانلىق بولۇپ قاپتۇمىش.
شېئىر ئۇ دۈنياۋى ،مەنىۋى ‹‹يىمىش››،
شائىرمۇ خىسلەتتە تەڭداشسىز دانىش،
شېئىر ئۇ تۇتقۇن يا ئەمەستۇر ئەسىر،
تۇتقۇن ۋە ئەسىرمۇ ئەمەستۇر رايىش.
شېئىر ئۇ ئىنسانغا ئورتاق كەچۈرمىش،
ئۇنىڭغا يوق زادى رامكا پەرمايىش.
ھەقىقى شائىرنىڭ سىنىپ ،چېگرىسى،
يوق ھەتتا ۋەتىنى ،چەكلىمە گەردىش.
روداكى،گېينى ياق! شاھ مەشرەپ دەرۋىش،
جاھانغا مەنسۇپچۈن لايىق ناۋازىش*.
ئۇنىڭكى يولىغا ،تىلىغا توزاق،
قۇرغانلار نىچۈنكى ئالىدۇ قارغىش.
يازغاننى ‹‹دوستلىرىم››دىمە پەلەپەتىش،
سەن ئۇنى <<ھېمايە>> قىلمىغىن <<پەرۋىش>>.
مەن ئۆزۈم يازىمەن ،دەردىن تارتىمەن.
ياغدۇرما سەن ماڭا يالغاندىن ئالقىش.
بەرمىگىن شېئىرغا يېشىم ،ئەسكەرتىش،
شائىردىن مۇستەسنا قايسى سىر، قىلمىش.
بايرون ۋە پوشكىن ،چۈيۈەن ،لوتۇننىڭ ،
يازغىنى ھەقىقەت،چۇقان ،ئۈن-تىۋىش.
شائىرغا كۆرسەتمە قىبلە يۆنىلىش،
كۈنچىقىش، كۈنپېتىش شائىرغا‹‹بېھىش››.
زۇخۇينىڭ كۆزىگە سىغمىغان بىلەن ،
خەلقىمنىڭ قەلبىگە بولىدۇ نەقىش.
شېئىر ۋە شائىرنى ناھەق كەمسىتىش،
ياغدۇرار بېشىڭغا زاۋال ھەم مۇدھىش.
تىللاغا يارىماي ،دىللارغا ياقسا،
شائىرغا مۇكاپات ئاشۇدۇر ئالقىش.
شائىرغا يات مەڭگۈ كېبىر -كېرىلىش،
مەغرۇرلۇق ئاقىلغا روھى يىمىرىلىش.
يازغىنىم بولسۇنچۇ ئېھسان -سەدىقە،
مەن بولاي تولستوي يازغان <<تىرىلىش>>!
شائىرنىڭ قەلبى ئۇ باھار بىلەن قىش،
مۇھەببەت-نەپرەتكە يۈرىگى ئىدىش.
ھەق تاما،نان تاما ،قىلماي نام تاما،
ئۆتىدۇ دۈنيادىن پېقىر تىپ-تىنىچ.
شائىرسىز قەۋمدە بولماس يۈكسىلىش،
شېئىرسىز روھىمدا پەۋەس سىقىلىش.
يازغىنىم مەنسۇپتۇر ئىنسانىيەتكە ،
خىيالىم ئەمەستۇر خاس نام چىقىرىش.
شېئىر ۋە شائىرغا<< كوماندا>> بېرىش،
ئۇلارغا نىسبەتەن << قەتلى قىلىنىش>>.
شېئىر ۋە شائىرلار ھۆرلۈك ئەلچىسى،
ئۇنىڭسىز ھاياتتا كۆپتۇر تېيىلىش.
شائىرغا ياراشماس يىغا ، يېلىنىش،
يېلىنىش مەن ئۈچۈن ئۆلۈم ،يېڭىلىش.
قوۋۇرغام كۆرۈنۈپ قالغىچە يازاي،
شېئىر ئۇ فرونت يوقتۇر چېكىنىش.
مەقسىدىڭ شائىرنى ھاڭغا ئىتتىرىش،
بولسا گەر،ساڭا يول -دارغا ئېسىلىش
دۈنيانىڭ تىلىكى-شائىر تىلىكى،
شائىرغا خوپمىكەن,تىلى كېسىلىش.
ئىستىكىم ھەتتاكى ھەر نەپەس تىنىش،
ئەل بىلەن ئەر بولۇش ،بىللە يېتىلىش.
ۋەسلىمنى ئاتىغان تۇرسام ئېلىمگە،
تەسمىكەن شېئىرنى سەدىقە قىلىش؟!
تامام
2012-يىلى ،رامىزان
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-08-16 08:52قايتا تەھرىرلىدى ]