ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 582 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يېرىم ئەسىر  مەخپى تۇتۇلغان  كېلىشىم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 186
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە186دانە
تۆھپىسى: 80
پۇلى: 511 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 160
ياخشى باھا: 462
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-08-18
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-14 17:35

يېرىم ئەسىر  مەخپى تۇتۇلغان  كېلىشىم.

يېرىم ئەسىر پىنھان تۇتۇلغان مەخپى كېلىشىم
ئۆمەرجان ھەسەب بوزقىر تەرجىمىسى
 

ئىلاۋە: جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى رەئىس ماۋزېدوڭ ئۆمەك باشلاپ موسكىۋاغا بېرىپ بىر قانچە ئايغا سوزۇلغان زىيارىتىنى باشلايدۇ. 1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زوڭلىسى قۇشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇئېنلەيمۇ موسكىۋاغا كېلىپ رەئىس ماۋزېدوڭنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى سۈپىتىدە  سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. (ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزىمۇ شۇ سۆھبەتكە قاتناشقان ئىكەن) سۆھبەت ئۇزۇن داۋاملىشىپ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. سۆھبەت نەتىجىسىدە  ئىككى مەخپى شەرىتنامە تۈزۈلىدۇ.بۇ شەرىتنامىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 30يىل قىلىپ بېكىتىلىدۇ. ئىككى تەرەپ كېلىشىمنى مۇتلەق مەخپى تۇتۇشقا كېلىشىدۇ،ئەمما 1950-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامرىكا تاشقى سىياسەت جەمىيىتى نىيۇيوركتا كېلىشىم مەزمۇنلىرىنى خەلقاراغا ئاشكارىلىۋېتىپ زىل-زىلە قوزغايدۇ.ئەمما دۆلەت ئىچىدە يەنىلا سىر پېتى قالىدۇ.1991-يىلى12-ئاينىڭ 25-كۈنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيە تەرەپ بۇ مەخپى شەرتنامىنى ئاشكارىلايدۇ...بۇ شەرتنامىنىڭ مەزمۇنى خەنزۇچە تور بەتلەرگە قويۇلغاندىن كېيىن ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغايدۇ.ئەمما نىمىشقىدۇر ھازىرغىچە بۇ شەرىتنامىگە دائىر ئۇچۇرلار ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە قويۇلماي كەلدى.شۇڭا بۇ قېتىم خەنزۇچە قانۇنلۇق مۇنبەرگە قويۇلغان نۇسخىسىغا ئاساسەن شەرتنامىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باغداش مۇنبىرىگە يوللاپ قويدۇم.
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ دوستلۇق- ئىتتىپاقداشلىق ئالاھىدە كېلىشىمى)
تولۇق تېكىستى
ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى قويۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ؛ئىمپىريالىزىمنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى تاجاۋۇزچىلىقىدىن ھەمدە ياپۇن جاھانگىرلىكى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن ئورتاق ئورتاق مۇداپىئەلىنىش؛ئاسىيادا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش؛ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق-ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇق-ھەمكارلىق شەرىتنامىلىرىن سىرت بۇ ئالاھىدە كېلىشىم  تۈزۈپ چىقىلدى.ھەرقايسى تەرەپ ئەۋەتكەن تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل تۆۋەندىكىچە:
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى جوڭگو مەمۇرى كېڭىشىنىڭ زوڭلىسى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇئېنلەي.
سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئالى سوۋېت ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندىرى ۋىشىنىسكى.
ئىككى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل گۇۋاھنامىلىرىنى ئۆز-ئارا كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇۋاپىق تېپىپ تۆۋەندىكى ماددىلارغا قوشۇلدى.
1.ماددا:
شەرتنامە تۈزۈشكەن ئىككى دۆلەت جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىدۇ، 3-دۇنيا ئۇرۇشىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇدۇ. جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جوڭگو چېگرىسى ئىچىدە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ،دۇنيا تېنچلىقىنى ئورتاق قوغدايدۇ.
2. ماددا:
كېلىشىم ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋال شەرقى شىمال ۋە شىمالى جوڭگودا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىغا ھەربى ئورونلاشتۇرىشى ئۈچۈن دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىسى بېرىدۇ.ھەمدە جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى مەسئۇل بولۇپ شەرقى جەنۇبى ئاسىيانى ئازات قىلىشقا ياردەملىشىدۇ، ئاسىيانى ئازات قىلىش بۈيۈك ئىشىنى تاماملايدۇ.
3. ماددا:
شەرتنامە تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ جوڭگو خەلىق ئازاتلىق ئارمىيىسىنى خەلقارا قىزىل ئارمىيە قىلىپ ئۆزگەرتىشكە،قىزىل ئارمىيە ئالى باش قوماندانى بىۋاستە قوماندانلىق قىلىشقا قوشۇلىدۇ.
4. ماددا:
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10مىليۇن ئىشچى تەييارلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەملىشىپ جوڭگو-سوۋېت ھەربى ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق قۇرۇپ،جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىگە تاقابىل تۇرىدۇ.
5. ماددا:
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىمالى جوڭگودىكى ھەرقايسى پورتلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەبەدى ئەسكەر تۇرغۇزىشىغا ئېچىپ بېرىدۇ.ئەسكەرلەر ئەركىن كىرىپ چىقىدۇ.ئېچىلىدىغان پورتلار چىڭخۇاڭداۋ، خەيجوۋ، يەنتەي، ۋېيخەيۋېي، چىڭداۋ،دالىئەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
6. ماددا:
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن 4مىليون ئەسكەر تولۇقلاپ، جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىگە تەييارلىق قىلىدۇ.
7. ماددا:
بايلىق مەنبەسى كەمچىل بولغانلىقتىن جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 100مىليۇن نوپۇسنى كېمەيتىدۇ.ئۇنىڭ تەپسىلى چارىسىنى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.
8. ماددا:
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەزكىزى ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئىدارە-ئورگانلارغا،ئومۇمى مۈلۈكچىلىك تىجارەت كەسىپى ئورۇنلىرىغا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەت ئىتتىپاقىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى مەسلىھەتچىلىككە سەپلىنىدۇ.
9. ماددا:
شەرتنامە تۈزگەن ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلىشى بىلەن سوۋېت ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن تېخنىك خادىملار جوڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى موھىم سائائەت تىجارىتىگە قاتنىشىدۇ.جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ئەۋزەل مۇئامىلە قىلىدۇ.
10. ماددا:
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېڭىز بۇيىدىكى سودا بازىرى ۋە ئىچكى بازىرىنى سوۋېتلىكلەرنىڭ ئەركىن سودا قىلىشىغا ئېچىۋېتىدۇ ھەمدە 100دە بىر پىرسەنتلىك ئېتىۋار بىلەن باج ئالىدۇ.
11. ماددا:
شەرتنامە تۈزگەن ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش شەرتى ئاستىدا ماددى بويۇم تېگىشىش شەكلىدە سودا قىلىپ دوستلۇق مۇناسىۋىتى تىكلەيدۇ
12. ماددا:
سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە كۆمۈر،تۆمۈر خام ئەشيالىرى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش ئالاھىدە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە قەلەي كېنىنىڭ يىللىق مەھسۇلاتنىڭ يۈزدە يىگىرمە پىرسەنتى جوڭگوغا قالدۇرۇلۇپ قالغان قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەمىنلىنىدۇ.ئېغىر سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇپ جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
13. ماددا:
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بېيجىڭ،شاڭخەي، تىيەنجىن، گۇاڭجۇ، چوڭچىڭ، چاڭشا، خاڭجۇ، جۇجاڭ، ۋۇخۇ، شىيامېن، شەنتو، فۇجۇ قاتارلىق   15 شەھەرنىڭ مەزكىزى رايۇنىنى سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھاجىرلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن ئايرىپ بېرىدۇ.
14. ماددا:
سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن جوڭگوغا ئۈچ مىليون دوللار قەرىز بېرىدۇ.(قەرىز قايتۇرۇش پىرىنسىپى قەرىز كېلىشىمىدە بېكىتىلىدۇ) جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقى شىمال ۋە شىمالى جوڭگودىكى پۈتۈن خام ئەشيا مەھسۇلاتلىرىنى قەرىز ئۈچۈن رەنىگە قويىدۇ. قەرىز قايتۇردىغان خام ئەشيا تۈرلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمىلى ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ.
15. ماددا:
شەرتنامە تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى چاڭچۈن تۆمۈر يولى ۋە يول بۇيىدىكى 50چاقىرىم دائىرەدىكى رايۇننى ئورتاق باشقۇرىدۇ.ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئۆتەيدىغان ۋەزىپىدە مەسىلەن تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ باشلىقىلىقىنى، دائىمى ھەيئەت رەئىسىلىكىنى ئەمىلى ئېھتىياجغا ئاساسەن سوۋېت ۋەكىللىرى ئۈستىگە ئېلىپ جوڭگو ۋەكىللىرى مۇئاۋىن بولىدۇ.
16. ماددا:
جوڭگو كومنىستىك پارتىيىسى بىلەن سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئىلگىرى ئىمزالىغان مانجۇرىيە كېلىشىمىگە ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى داۋاملىق سودا ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولۇدۇ. جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
17. ماددا:
شەرتنامە تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، شىزاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا قۇشۇلىدۇ.ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ئىككى تەرەپ ئورتاق مەسئۇل بولۇدۇ،ياردەم بېرىدۇ.
18. ماددا:
كېلىشىمنامە ئىككى تەرەپ تەستىقلىغاندىن كېيىن دەرھال كۈچكە ئىگە بولۇدۇ.تەستىقنامە چىتا شەھرىدە ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇلىدۇ.
19. ماددا:
كېلىشىمنامە مەخپىلىككە ئىگە بولۇپ ،شەرىتنامە تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش،ئاشكارىلىماسلىق مەجبۇرىيىتى بار.
1950 ـ يىلى2 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى  موسكىۋادا ئىمزالاندى. جەمى ئىككى نۇسخا بولۇپ، ھەر بىر نۇسخىسى خەنزۇچە ـ رۇسچە ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلدى، ئوخشاش كۈچكە ئىگە.
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى جۇئېنلەي(ئىمزا)
سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئالى سوۋېت ھەيئەت رىياسىتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ئاندىرى ۋىشىنىسكى(ئىمزا)

 

شەرتنامىنىڭ خەنچىدىكى كۆپخىل مەنبەسى:
http://bbs.sssc.cn/redirect.php?fid=107&tid=1832547&goto=nextoldset
http://wenku.baidu.com/view/a0ea815d3b3567ec102d8aa4.html
تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-14, 09:37
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1896
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1896دانە
تۆھپىسى: 107
پۇلى: 2213 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 2142
توردا: 312(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-08-18
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-14 18:05

17 - ماددىسى ئىنسانلىققى ماسكەن.
قالغانلىرى خورازدىن قورۇققان مىكىياننىڭ ئىشىدەك بولۇپتۇ...
بۇ تېمىنى يوللىغان؛
ئوغاۋالىغا رەھمەت............................
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-08-14 18:23قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 771
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە771دانە
تۆھپىسى: 208
پۇلى: 1269 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 406
ياخشى باھا: 1194
توردا: 164(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-08-18
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-14 18:45

شۇنداق ياخشى كىلىشىم بوپتىكەن، مەخپى تۇتۈلغانغا لايىق ئەمىلىلەشمىگىنى قانداق گەپ؟
ياكى ئۇستازدىن شاگىرىت ئەقىللىق چىقىپ قالدىمۇ قانداق.؟
خەلقېم مەن بىلەن