ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1007 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: [بوزقىر] قېلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-17 10:22

[بوزقىر] قېلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد

قېلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد    

                                  لاڭ ياۋيۇەن    

                              بوزقىر تەرجىمىسى

     ئەسلى ئەسەر ئىلاۋىسى : مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەسلى تېمىسى « ساقال چۈشۈرۈش ، چۈمپەردە ئېچىش مەدەنىيات زور ئىنقىلابىنىڭ  يوشۇرۇن بىشارىتىمۇ ؟» ئىكەن . مەن ئۇنىڭ تېمىسىنى «قېلىچ ئاستىدىكى ئېتىقاد » قا ئۆزگەرتىپ قويدۇم.ئاپتور لاڭ ياۋيۇەن مۇستەقىل تەنقىتچى، بىلىم ئاساسى كۈچلۈك پىلانچى، سودا خارەكتىرلىك يەر-مۈلۈك ۋە سېتىش تىجارىتى مۇتەخەسىسى. جېجاڭنىڭ يوڭكاڭ دېگەن يېرىدىن ، ھازىر خاڭجۇدا تۇرىدۇ.ئۇ «جۇڭگو شەھەر قۇرۇلۇشى كۆرگەزمىسى ۋە ھېيىت-بايراملارنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ساھەسىدىكى ئەڭ كاتتا پىلانلىغۇچى » بولۇپ باھالانغان.ئىلگىرى«جۇڭگو پۇخراۋى ئىگىلىك» ژۇرنىلىنىڭ دائىمىي مۇئاۋېن نەشىرىيات باشلىقى بولغان.ھازىر «دۇنيادىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر » ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋېن نەشىرىيات باشلىقى قوشۇمچە باش پىلانلىغۇچىسى.ئۇ يەنە بېيجىڭدىكى شىڭكوڭ خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاستىلىرى شىركىتىنىڭ لېدىرى،لىياۋنىڭدىكى يېڭى لىياۋنىڭ سودا-مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاستىلىرى شىركىتىنىڭ لېدىرى ، خاڭجۇ ياۋيۇەن پىلان مەسلىھەت شىركىتىنىڭ لېدىرى ، كۆپلىگەن جېجاڭلىق سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ مۇستەقىل لېدىرىيەت ئەزاسى ۋە پىلانلاش ساھەسىدىكى باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

----------------------------

    شىنجاڭنىڭ غۇلجىدا قانات يايدۇرۇلغان « دىنى ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئىلىم-پەنگە ، ساغلام تۇرمۇشقا ھۆرمەت قىلىش »پائالىيىتى ھەققىدىكى خەۋەر سۇمرۇغ، سىنا قاتارلىق چوڭ-چوڭ تور بەتلىرىنىڭ باش بەتلىرىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ماقالە مەزمۇنىدا شۇ جايدىكى « پۈتكۈل كوچىلاردا ئاز سانلىق مىللەت خانىم-قىزلىرى ۋە يىگىت-ئوغۇللىرىنىڭ ئەرەبچە كىيىنىش ۋە ساقال-بۇرۇت قويۇش ، چۈمپەردە ئارتىشتەك  غەيرى ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقۇتۇش » مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇنى كىشىدە سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغان بىمەنىلىك، دېمەي بولمايدۇ.


    مېنى بىئارام قىلغىنى « دىنى ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇش » دېگەن سېياسىي سۆز بولۇپ، ئۇنى تۇنجى ئاڭلىشىم ئىدى. دىنىي ئېتىقاد چوقۇنۇشتىن،ئورتاق ئېتراپ قىلىشتىن پەيدا بولىدىغان مۇستەھكەم ئېتىقاتدىن ھەم پۈتكۈل ۋۇجۇدى بېلەن ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشتىن پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ ئەڭ ئاۋال ئېتىقاتچىلارنىڭ ئېڭىدىكى « چوڭقۇر ئىشەنىچ» نى كۆرسىتىدۇ.جۇڭگودىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە تەرىقەت دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى ۋە ئىسلام دىنىمۇ بۇنىڭدىن خالىي ئەمەس،ئەلبەتتە.«سۇسلاشتۇرۇش» دېگىنى ئەمەلىيەتتە «ئاجىزلاشتۇرۇش»، «ئازايتىش» نى بىلدۈرىدۇ. ئۇنى تۇمان ئىچىدە گۈل كۆرۈش،بارنى يوق قىلىش دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.ھالبۇكى دىنىي ئېتىقادنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىلاھقا ئىشىنىش، بۇ يولدا تەۋرەنمەسلىك، ئۇنىڭغا سادىق بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ھالقىش خارەكتىرلىك ،توللۇق ۋە ئادداققى تەلپۈنىشى ۋە ئىنتىلىشى بولۇپ،ئېتىقاتچىلارنىڭ چىن ، ساپ، گۈزەل روھى دۇنياسىنىڭ قايتىش نۇقتىسىدۇر.شۇنداق ئىكەن ئۇنى قانداقمۇ ئۆز مەيلىچە سۇسلاشتۇرغىلى بولسۇن ؟


    دىن ۋە ئېتىقات ئەركىنلىكى ھازىرقى زاماندىكى ئىنساننىڭ تۈپكى ئەركىنلىكىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئىزچىل ھالدا دۇنيا «گىراژدانلىق  ھوقۇقى ۋە  سېياسىي ھوقۇق  ئەھدىنامىسى» نىڭ يادروسى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.ھەر قانداق بىر گىراژداننىڭ مەلۇم بىر دىن ياكى پەلەسەپە،ئەخلاق سىستېمىسىغا ئېتىقات قىلىش ياكى ئېتىقات قىلماسلىق ئەركىنلىكى بولىدۇ.ھەتتا ئاتا-ئانىلارمۇ قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنىتلىرىگە مەلۇم بىر دىنغا ئېتىقات قىلىش-قىلماسلىقنى بەلگۈلەپ بەرسە بولىدۇ.گىراژدانلارنىڭ بۇ خىل تاللىشىغا قارىتا ، ھەرقانداق ئورگان ياكى  شەخسنىڭ زورلۇق ۋاستىسى قوللىنىشى ياكى ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ.ماركىس «گوتا پروگراممىسىغا تەنقىت» ناملىق كىتابىدا مۇنداق كۆرسەتكەن : «ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي ئېھتىياجىنى راۋا قىلىشىنى خۇددى ئۆزىنىڭ تەن ئېھتىياجىنى راۋا قىلىشىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇ ساقچىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. » ئەمەلىيەتتە دىنغا قارىتىلغان ھەرقانداق ھوقۇق ياكى بېسىم  ئېتىقاتچىلارنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپلا قالماي يەنە بىلىپ-بىلمەيلا پۇخرالارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ قويىدۇ.


    دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا گىراژدانلارغا بېرىلگەن بىر خىل ئاساسىي ھوقۇقتۇر.شۇنداقلا جۇڭگو كۇمىنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسلىق دىنىي سېياسىتىدۇر.«ئاساسىي قانۇن»نىڭ 36-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ : «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىراژدانلىرى دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىگە ئىگە  »، «ھەرقانداق دۆلەت ئورگانلىرى ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇخرالارنى دىنغا ئېتىقات قىلىش ياكى قىلماسلىققا زورلىشىغا بولمايدۇ، دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان ياكى دىنغا ئېتىقات قىلمايدىغان پۇخرالارنى كەمسىتىشىگە بولمايدۇ»، «دۆلەت نورمالنى دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ» دەپ بەلگۈلەنگەن. دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىمۇ پۈتۈن دۇنياغا قايتا-قايتا : «جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى ھەقىقىدۇر  ۋە ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ باققىنى يوقتۇر» دەپ ئوچۇق جاكارلىغان.شۇنداق تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ غۇلجىسى «سۇسلاشتۇرۇش» قا نېمىشقا شۇنچە كۈچەيدىكىنە ؟


    شىنجاڭ غۇلجىنىڭ « دىنى ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇش »نى زور ھەيۋەت-ھەشەم بېلەن بازارغا سېلىپلا قالماي يەنە  «ساقال چۈشۈرۈش ، چۈمپەردە ئېچىش» نى زورلۇق بېلەن يولغا قويۇپ ، ئىسلام ئېتىقاتچىلىرىنىڭ ئەن-ئەنىسىدىكى ئەرەبچە كىيىنىش ۋە ساقال قويۇشنى «نورمالسىزلىق»دەپ قارىشى ھەتتا ئۇنى «پۈتۈنلەي يوقۇتۇش»قا پەرمان چۈشۈرۈشى كىشىنى ھەقىقەتەن بىئارام قىلىدۇ. بۇ تەبىكى كىشىگە سېسىق نامى پۇر كەتكەن تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ «بارلىق ئەرلەر ئىككى ئاي ئىچىدە ساقال-بۇرۇتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆستۈرىشى كېرەك، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازالىنىدۇ» دېگەن پەرمانىنى ئەسلەتمەي قالمايدۇ.


    بىر دىن مۇنداق ئۈچ قاتلامنى ئۆزىدە ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈنلا دىن بولالىغان : بىرىنچى، دىننىڭ ئىدىيىۋى قاراشلىرى ۋە ھېسىيات سېزىمى (دىنىي ئەقىدە) ، ئىككىنچى، دىننىڭ يول باشچىسى ھەمدە چوقۇنۇش-بەيئەت قىلىش ئوبىيېكتى(دىننىڭ خۇداسى)، دىننىڭ دىنىي ۋەزىپە تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتى(دىنىي تەشكىلات) .ھەر بىر دىننىڭ بىرى-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۆز ئالدىغا ئېتىقات قىلىدىغان سېمۋولى بولىدۇ. مەسىلەن بۇددا راھىبلىرى چېچىنى چۈشۈرۈپ، كاسايا كىيىدۇ، خىرىستىيان پوپ-مۇناخلىرى كۆكرىكىگە كىرىسىت بەلگۈسىنى ئېسىۋالىدۇ،تەرىقەت دىنىنىڭ تويىنلىرى چۆرىسىگە جىيەك تۇتۇلغان  قارامتۇل سىپتا يەكتەك ۋە ئۇزۇن ئاق پايپاق،قونچىلىق قارا ئۆتۈك، ئون تۆشۈكلۈك لاتا چورۇق  كىيىدۇ. مۇسۇلمانلار ئەرەبچە كىيىنىدۇ، ئەرلىرى ساقال قويىدۇ، ئاياللىرى چۈمبەل ئارتىدۇ . شىنجاڭ غۇلجىنىڭ ئىسلام ئەن-ئەنىسىنى «نورمالسىز ھادىسە» دەپ قارىشى بىر خىل دىنىي كەمسىتىش قىلمىشىغا ياتىدۇ؛ ئۇنى «پۈتۈنلەي يوقۇتۇش» قا پەرمان چۈشۈرىشى بولسا  دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىگە قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتى ھېساپلىنىدۇ.بۇ خۇددى راھىبلارنى  كاساياسىنى سېلىۋېتىشكە، پوپلارنى كىرىسىت بەلگۈسىنى ئېلىۋېتىشكە ، تويىنلارنى  قارا يەكتىكىنى سېلىۋېتىشكە قىستىغاندەكلا بىر ئىش بولۇپ ، چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىق ۋە ئاساسى قانۇنغا قىلىنغان ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.


    ئەرەبچە كىيىنىش ۋە ساقال قويۇپ چۈمبەل ئارتىش ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئىسلام مەدەنىيىتى بېلەن باشقا مەدەنىيەتلەر ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆز-ئارا تەسىر قىلىش، سىڭىشىش ۋە يۇغۇرلۇش جەريانىدا ئۆزىنى ئۈزلىكسىز بېيىتىپ ۋە تولۇقلاپ بارغان. ئىسلامى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ئىسلام دىنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، كۆپ مەنبەلىك بولۇش ۋە بىرلىككە كېلىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.ئەرەب ئاياللىرى ئەن-ئەنىۋى كىيىنىش جەھەتتە بېشىغا چۈمبەل ئارتىدۇ، ئۇزۇن جىباپ كىيىدۇ. ئىسلامى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ موھىم بىر ئىپادىسى ئىسلام ئەقىدىسىدىن ئىبارەت بۇ تۈپكى قىممەت قارىشىنى ئۆزىدە ھازىرلاپ ، بۇ خىل ئەن-ئەنىۋى كىيىم كېچەكلەرنىڭ  مەدەنىيەت ، تارىخ، دەۋىر، پىسخىكا، ئىستېتىكا قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئەڭ ئالىي يېتەكچى ئىدىيەگە ئىگە بولغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ كىيىم-كېچەك سەنئىتى جەھەتتە چوقۇم مۇشۇ خىل قاراشنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدىغانلىقى ئېنىق. ئومۇمەن  ئەرەب كىيىم-كېچەكشۇناسلىرى بېلەن ئاساسلىق پىرىنسىپلاردا ئاسانلا زىدىيەتلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.بەزىلەر ئەرەبلەرنىڭ  تۆۋەن دەرىجىلىك كىيىم-كېچەك سەنئىتى گۈزەل بولمايلا قالماستىن بەلكى ئىنتايىن ناچار، دەپ قارايدۇ. ئىسلامدا ئاياللارنىڭ نېپىز، ئېتى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ،  يېرىم كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ياكى يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىشى  چەكلەنگەن. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ مەيدىسىنى ئوچۇق قويۇپ ئەمچىكىنى دومبايتىۋېلىشىى، بەل ۋە ساغرىسىىغا چىپپىدە كېلىدىغان جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدىغان كىيىملەرنى كىيىشى تېخىمۇ چەكلىنىدۇ. ئىسلامى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى زامانىۋى مودا كىيىم-كېچەكلەرنى پىسخىكىدىكى بىنورماللىق ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى ئاينىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قاراپ، ئاتالمىش كىيىم-كېچەك سەنئىتىگە ئىنتىلىشكە ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. ئوتتۇراھال گۈزەللىك ، چىن ئىنسانىي گۈزەللىك  ، ئىناقلىق جەھەتتىكى گۈزەللىك ئىسلام كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئاساسى ئىستېتىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن.


    ۋەھالەنكى، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ غۇلجىنىڭ ئىسلام ئېتىقاتچىلىرىدىن ئەن-ئەنىۋى ئەرەب كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، « يېڭى مودىغا ئەگىشىش» نى تەلەپ قىلىشىنى ئۇچىغا چىققان قارا قورساقلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق دېمەي بولمامدۇ قانداق ؟ كوچىلاردا سېتىلىۋاتقان ئەشۇ مودا، نېپىز، يېرىم يالىڭاچ كىيىم-كېچەكلەرگە قاراپ بېقىڭچۇ. مۇبادا ئۇنى مۇسۇلمانلار كىيسە ئىسلامنىڭ كىيىم-كېچەك ئىستېتىكىسىغا ئۇيغۇن كېلەرمۇ ؟ ئۇ ئىسلام پەزھىزلىرىگە قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ قالماسمۇ ؟ ئىسلامى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ئۆز تەرەققىياتى جەريانىدا دەۋىرنىڭ ئىلگىرلىشى ۋە تەرەققىياتىغۈغا ئەگىشىپ، ئەن-ئەنىۋى رەخىتلەردىن ئىشلەنگەن قوپال چۈمپەردىلىرىدىن ۋاز كېچىپ ، رەڭگارەڭ ئېسىل يىپەك رەخىتلەردىن ئىشلەنگەن چۈمپەردىلەرنى تاللايدىغان بولدى. بۇنىڭ بېلەن ئەرەبلەرنىڭ ئەن-ئەنىۋى كىيىم –كېچەكلىرى موللاشتى ۋە كۆپخىللاشتى. مۇسۇلمانلار قانداق كىيىنىدۇ ، بۇ پۈتۈنلەي مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىنلىكى، ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن كېلەمدۇ ؟ جۇڭگونىڭ خەنزۇ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى بىر خىللىقىدىن تارتىپ ئىسلاھات –ئېچىۋېتىش دەۋرىدىكى گۈزەللىكىگىچە بولغان جەرياندا قايسى بىر ئورگان ياكى قايسى بىر رەھبەر زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ بېقىپتىكەن ؟ ئەينى يىلى  باش شۇجى خۇ ياۋباڭنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيگىنى  پەقەت شۇنداق كىيىنىشنى تەشەببۇس قىلغىنى ۋە بۇ جەھەتتە ئۈلگە بولغىنى ئىدى ، خالاس. ئۇ ھېچقاچان پۇخرالارنى بىر تۇتاش كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيىشكە زورلىغان ئەمەس. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى سەمىمىي-سادىقلىق بېلەن ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ سېياسىي مەدەنىيلىك ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن ؟


    «ساقال »خەنزۇلارنىڭ نەزىرىدە يۈزگە چىققان تۈكتىنلا ئىبارەت، خالاس.تۈك ئۈنسە ئۇنى ئېلىۋېتىش كېرەك . مانا بۇ خەنزۇ مەدەنىيىتى. ئەمما، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ نەزىرىدە ئۇ مىللىي تەۋەلىكنىڭ بەلگۈسى ۋە خۇداغا ئىشىنىش ئېتىقادى بولغان  دىنىي ھېسىياتنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۇ يىگىتلەرنىڭ قورامىغا يەتكەنلىكى، كۈچ-قۇۋەتكە تولغانلىقى  ۋە قەدىر-قىممەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغانلىقىنىڭ بەلگۈسىدۇر. پەيغەمبەرگە تەقلىدلىسەك ئۇ بىر ئىلاھىلىقتۇر.چۈنكى، مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ساھىبلىرىمۇ ساقال قويغان.شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ ساقال قويۇشى كۆپچىلىكنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەن.شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ساقال قويۇشنى سۈۈننەت دەپ قارايدۇ. بۇ مەنىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلى ئۈنگەن ھامان ئېلىۋېتىدىغان تۈك ئەمەس بەلكى، ئۇ بىر ئادەمنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بېرىپ تاقىشىدىغان ئېتىقات مەسىلىسىدۇر . ئەمما، ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا «ساقال قويۇش -قويماسلىق ئۆز ئىختىيارىدىكى ئىش » دەپمۇ قارىلىدىغان بولدى. مەيلى نېمىلا دېمەيلى ، ساقالغا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆرۈمە چېچىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ.قانداقتۇر ئۇ  ئىنقىلاۋۋى پارتىيىنىڭ بىر پاي ئوقى بېلەنلا يوق قىلىۋەتكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇڭا ساقالغا «ئال پىچاقنى، كەس چوچاقنى» دېگەن تەدبىر ئاقمايدۇ.


   شىنجاڭ غۇلجىنىڭ  ئۆزىگە تەۋە رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ   ساقىلىنى بىردەك چۈشۈرىۋېتىش تەلىپىگە يېتىش ئۈچۈن بەزى كوچا ئىش باشقارمىلىرى «قانۇن-تۈزۈم بويىچە تەربىيلەش كۇرس» لىرىنى ئېچىپ ، كۇرسانىتلاردىن ئۈچ ئاي سۈرۈك ئىچىدە پۈتۈن ساقاللارنى چۈشۈرۈپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان.بۇنىڭ 10 يىل داۋاملاشقان مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارنى چوشقا بېقىشقا زورلىغانلىقتىن، قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ مەسچىتلەردە چوشقا گۆشى يىگەنلىكىدىن نېمە پەرقى بولسۇن ؟ ئەجىبا مۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلىنى چۈشىرىۋەتكەنگىلا جەمىيەت تېخىمۇ ئىناقلىشىپ كېتەرمۇ ؟ شەھەرلەر تېخىمۇ مەدەنىيلىشىپ كېتەرمۇ ؟ شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىمىز دەۋاتقان ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ قالارمۇ ؟ مېنىڭچە، ئۇنداق قىلىش ئۆچمەنلىك ئۇرۇغىنى تېرىشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ، خالاس.

         مەشھۇر دىنىي داھى جىياۋ پۇچۇ تەخسىر مۇنداق دېگەن : « ئىلگىىرى”سول“ چىل ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ تەسىرىدىن دىنغا ھۆرمەت قىلىنمىغان، دىننىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاكتىۋال مەزمۇنلىرى كەمسىتىلگەن بولسا ھازىر دىننىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. دىن ئاۋال بىر خىل ئېتىقات ،شۇنداقلا بىر خىل مەدەنىيەتتۇر.دىننىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەكىتلىگەندە دىننىڭ ئىدىيىۋى ئېتىقات ئامىلىنى سۇسلاشتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.مېنىڭچە، دىن سۇسلاشتۇرىلىدىكەن مەدەنىيلىكمۇ سۇسلىشىدۇ.ھازىر جۆۇڭگودا تۈرلۈك ناشايان ئىشلار ۋە رەزگىلىكلەر مەۋجۇت.مەسىلەن تۇرمۇشىمىزدىن مىسال ئالساق ئەخلاقنىڭ بەربات بولۇشى، ئېتىقاتنىڭ سۇسلۇشىشى، ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر دىنغا ئەمەس بەلكى ھوقۇق ۋە پۇلغا ئېتىقات قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئامېرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك پرزېنتى ، مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى يازغۇچى جېففېرسون مۇنداق دېگەن : ”ئەخلاق جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېشى، دىن ئەخلاقنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر“.   ئېتىقات يوق جەمئىيەتتە ھەرقانداق ”مۆجىزىە“ لەر يۈز بېرىدۇ. بىر ئېتىقاتى يوق ئادەم مۇبادا ئەخلاقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سىزىقىدىنمۇ مەھرۇم قالسا ھەرقانداق رەزىل ئىشنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ».


     يەرشارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە ، دىنىي ئېتىقات ئەقلىيلىككە    ۋە ئالغا بېسىشقا ۋەكىللىك قىلىپ كەلمەكتە. ھازىرقى دۇنيادا دىن يوقىلىۋاتمايدۇ بەلكى يوقالماسلىقى كېرەك بولىۋاتىدۇ.چۈنكى، بۇ دۇنيا راستىنلا ئېتىقاتقا مۇھتاج بولماقتا.ئىنسانىيەت جەمئىيىتى «دىن مەدەنىيىتى »ھالىتىدىكى جەمئىيەتتىن «پانىي دۇنيا  مەدەنىيىتى » ھالىتىدىكى جەمئىيەتكە؛ جەمئىيەت باشقۇرۇشمۇ «ئىلاھ ئارقىلىق باشقۇرۇش» دىن «ئادەم ئارقىلىق باشقۇرۇش»قا ، ئاندىن « قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش » قا تەرەققىي قىلدى.دىننى پانى دۇنياغا ئېلىپ كېلىش ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلماي قالمايدۇ.ئەمما ، دىننى پانىيلاشتۇرۇش ھەرگىزمۇ دىننى يوقىتىشتىن ، دىننى سۇسلاشتۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەلبەتتە . بەلكى دىن ئۆزىدىكى ئاكتىۋال بولغان ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش ، ئۆزگىرىش ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى «زامانىۋىلىق ئېڭى» قاتارلىق روھى مەنبە بېلەن تەمىن ئېتىدۇ ياكى مۇشۇ جەرياننى «سىجىل تەرەققىيات» نىڭ ئاكتىپ مەنىۋى يوشۇرۇن كۈچى بېلەن قوللايدۇ.


  «دىننى پانىيلاشتۇرۇش» مۇنداق ئىككى قاتلاملىق مەنىگە ئىگە : بىرىنچىدىن، « پانىيلاشتۇرۇش» «ئىلاھسىزلاشتۇرۇش» نى كۆرسىتىدۇ.ئۇنىڭ مەنىسى ئەن-ئەنىۋى ئىلاھ قارىشىدىكى «چىقىرىۋېتىش» نى يەنى ئىلاھنىڭ سىمۋولىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ شەرىتلىك بەلگۈلىرىنى يېشىشنى كۆرسىتىدۇ.كىشىلەر دىنغا تەلپۈنۈش جەريانىدا دائىم ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، سىرلىقلاشتۇرۇپ  ۋە ئەپسانىلاشتۇرۇپ شەرھىلىگەن بولسا ھازىرقى كۈندە ئۇنى ئەقىلغە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، رېئاللاشتۇرۇپ ، ئەسلىگە قايتۇرۇپ شەرھىلەش لازىملىقىنى تەقەززا قىلىدۇ.تەسسەۋۇردىكى ئىلاھ ئوبرازىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ قىممەت ئىلاھى ئاستا-ئاستا تىكلىنىپ، كىشىلەرنىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسىدا يېڭىلىنىش بولىدۇ.بۇنىڭ بېلەن دىنغا ئېتىقات قىلغۇچىلار كىشىلىك دۇنيانىڭ پاسىلى ۋە روھىيەت دۇنياسىنى ساپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ماددىي دۇنيا ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتا «روھىيەت ماكانى» غا توختاۋسىز ئىنتىلىپ تۇرىدۇ.شۇڭا دىن«ئىلاھسىزلاشتۇرۇلغان» دىن كېيىنمۇ يەنە ماھىيەت جەھەتتىن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، دىننىڭ قىممەت سىستېمىسى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ.ئىككىنچىدىن،« پانىيلاشتۇرۇلغان» دىن يەنىلا دۇنياغا پائال تەسىر كۆرسىتىدۇ،رېئاللىققا قايتىدۇ، ئىنسانغا يۈز ئاچىدۇ.بۇ ئارقىلىق كىشىلىك دۇنياغا «ئىللىق»لىق ئاتا قىلىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ۋە رېئال مۇناسىۋىتىنى تەكىتلەش كېرەك.مەسىلەن بۇددا دىنى رېئال جەمىيەتتە «دۇنياغا مېھرى-شەپقەت ئاتا قىلىپ»، «  زېمىنىنى پاكلاش»تۇرسا؛ خىرىستىيان دىنى «جەمئىيەت قاتنىشىش»يولى بېلەن  «بەخىتلىك جەمئىيەت» قۇرۇشتا رول ئوينايدۇ؛ ئىسلام دىنى « ئىككىلا ئالەمدە ساۋاپ تېپىش  كۆز قارىشى ئارقىلىق ، رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىش» ئېڭىنى تۇرغۇزسا، تەرىقەت دىنى « تەبىئي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش يولى بېلەن ئەخلاق جەھەتتىن ئۆزىنى تاكامماللاشتۇرۇش»قا ئۈندەيدۇ؛ كاتولىك دىنى دېمىگراتىك مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئۆگەتسە ، تىبەتلەرنىڭ لاما دىنى ئىبادەتخانىلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك ، قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدۇ. دېمەك، « پانىيلاشتۇرۇش» دىننى تېخىمۇ مۇپەسسەل، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ساۋاپلىق يوللار بېلەن تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ،يېڭى دەۋىردە ئۆزىنى تېخىمۇ  يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ ”سۇسلاپ“ قالمايدۇ.


   باش شۇجى خۇجىنتاۋ مۇنداق دەيدۇ : « بىزنىڭ سېياسىي ساھەيىمىز ياكى ئىجتىمائىي ساھەيىمىزدە پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا چېتىلىدىغان بەش چوڭ مۇناسىۋەتنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك».بۇنىڭ ئىككىسى مىللەت ۋە دىنغا مۇناسىۋەتلىك.يېڭى دەۋىردىكى جۇڭگونىڭ دىنىي ئىشلىرىنىڭ ۋەزىپىسى  ئاساسلىقى «دىننى سوتسىيالىزم بېلەن ماسلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش » ، «دىنىي زاتلار بېلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى پائال رولىنى جارىي قىلدۇرۇش» دىن ئىبارەت. دىننىڭ ئاجابىي يوسۇندىكى ئىجتىمائىي ئىقتىدارى ۋە قىممەت جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى قانداق جارىي قىلدۇرۇشتا ئاۋال «ئېتىقات جەھەتتىكى باراۋەرلىك» نى ئىشقا ئاشۇرۇش، پەرىقلەرنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا ئىنتىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۆزلىشىش ۋە ئېچىۋېتىشتەك جانلىق روھى ھالەتنى ساقلاش كېرەك.كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتكە يۈزلىنىشتە ، جەمئىيەتنى ئېچىۋېتىشنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدىكى جۇڭگو پەقەت «قىممەتنىڭ بىرلا تەرىپى»گە ئېسىلىۋالماي دۇنيانىڭ مول ۋە رەڭگا-رەڭ ئىجدىمائىي ، ئىدىيە، مەدەنىيەت باغچىسىدا ئىناق بىرگە تۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك.دىن ماھىيىتىدىن  ئالاھىدە بىرخىل مەۋجۇتلۇق شەكلىنى ھازىرلىغۈان بولۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر ئۇنىڭغا رەڭلىك كۆزئەينەك بېلەن قاراپ ، ئۆزى بىلگەنچە پەتىۋا پىچماسلىقى كېرەك. دىنغا قارىتا ئاددىي-قوپاللىق بېلەن ئىش تۇتۇلسا ياخشى ئىشنىڭمۇ يامىنىغا ئايلىنىپ كېتىشى ئېنىق.


    دىنىي كەڭ قورساقلىق، دىنىي ئەركىنلىك، ئېتىقات ئەركىنلىكى ئىدىيە ئەركىنلىكى، ۋىجدان ئەركىنلىكى ئۈچۈن موھىم يول ئاچىدۇ؛ ۋەھالەنكى، ئىدىيە ئەركىنلىكى، ۋىجدان ئەركىنلىكى بىزنىڭ ھازىرقى دۆلىتىمىزدە ئەڭ كەم بولىۋاتىدۇ.

مەنبەسى : http://blog.sina.com.cn/s/blog_6e28c66001017zcv.html

------------------------------------------  

  تەرجىماندىن: مۇشۇ كۈنلەردە خېلى كۆپ تورداشلار تور ياكى تېلېفونۇمغا ئۇچۇر يوللاپ ئۆزى موھىم دەپ قارىغان تېمىلارنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ، ئۇنى تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشۇمنى تەۋىسىيە قىلىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشىنىپ تۇرساممۇ ئەمما ، ۋاقىت ئېتىبارى بېلەن تەۋىسىيە قىلىنغان تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاشقا ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەي كەلگەنىدىم. نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاز ھەم ساز يازىدىغان  köksöy ئىسىملىك «باغداش» ئەزاسى مەزكۇر تېمىنى تەۋىسىيە قىلىپ ئۇچۇر قالدۇرۇپتىكەن.مەن بۇ تېمىنىڭ خەنزۇچىسىنى بىر نەچچە رەت ئوقۇپ چىقىپ ، بۇ تېمىنى  رېئاللىقىمىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىممىتى بار تېمىكەن دەپ قاراپ ،بىر كېچىلىك ئۇيقۇمدىن كېچىپ ئۇنى تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرۈپ ، روزا ھېيىتلىق سوۋغا سۈپىتىدە مۇنبەرگە يوللىدىم.تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىش بېلەنلا قالماي يەنە ئۇنى ئەتراپىدىكىلەرگە كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىش يولى بېلەن ئۆزىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىز ۋە مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىزنى قانۇنلۇق قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، دىنىي ئېتىقادىمىز ۋە مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىزنى قانۇنلۇق قوغداش جەھەتتە مەيلى مەملىكەت ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، مەيلى بىز بېلەن دىنىي قېرىنداش ياكى يات دىندىكىلەر بولسۇن ھەتتا ئاتېزمچىلار بولسۇن  بىز تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلەيدىغانلار ۋە بۇ ئىشقا ئىزچىل باش قاتۇرىدىغان مەسئۇلىيەتچان زىيالىيلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.بۇ ھال پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتىكى قانۇن-سېياسەتلىرىگە زىت يول تۇتۇپ ، مەركىزىي ھۆكۈمەت بېلەن يەرلىكتىكى ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاڭ پەيدا قىلىپ ، دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچىدىغان، يەرلىكتىكى ھوقۇق بېشىغا چىقىۋالغان بىر ئوچۇم قارا قورساق سولچى  كۈچلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى شەرمەندە بولۇپ، كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ  قانۇندا بەلگۈلەنگەن دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە پارتىيە سېياسىتى تەرىپىدىن تولۇق ۋە توسقۇنسىز رەۋىشتە كاپالەتكە ئىگە بولىشىنىڭ  ھامان توللۇق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەلبەتتە.

2012يىل17-ئاۋغۇسىت، ئۆزىمىزنىڭ ۋاقتى كېچە سائەت 3:5دە ئاقسۇدىكى كۈلبەمدە تاماملاندى.



http://bbs.misranim.com/thread-85494-1-1.html
خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-17 21:08

بوزقىر ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالقىلىق تېمىغا بولغان سەگۈرلۈگىدىن روياپقا چىققان بۇ تەرجىمە ھەممىمىزنىڭ ئىچىدە ساقلاپ كەلگەن ھەق گەپلىرىنى دەلىلىلىك يورۇتۇپ ئۆتكەچكە ئۇنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا بولالمىدىم .بۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ھەم تەرجىمانىمىزغا ۋە سالمانغا ھېيتلىق سالام سائەتلەر ۋە مىننەتدارلىق يار بولسۇن .بۇ ماقالىنى جۇمە كۈنلىرى مەسچىتنىڭ ئىچى -تېشىدا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان ئالدىنقى سەپ  رازۋېتكا ئوبىكىتلىرىمۇ بىر كۆرۈپ قويسا بولۇپتىكەن... مەن بۇ ئەسەرنى ئىلىغا ئېلىپ كەتتىم ئەمىسە؟