ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 408 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يېڭى جۇڭگۇ تارىخىدىكى قاچقۇن ھەربىيلەرنىڭ تىزىملىكى.
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 771
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە771دانە
تۆھپىسى: 208
پۇلى: 1269 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 406
ياخشى باھا: 1194
توردا: 164(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-17 12:15

يېڭى جۇڭگۇ تارىخىدىكى قاچقۇن ھەربىيلەرنىڭ تىزىملىكى.



1960-يىلى1-ئاينىڭ 12-كۈنى خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسى  ئاۋىئاتسىيە قىسمى 4-دىۋېزىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى ياڭ دېسەي 6501-نۇمۇرلۇق MG1  كۈرەشچى  ئايروپىلانىنى ھەيدەپ جېجاڭدىكى لۇچاۋ ئايرۇدورىمىدىن ئۇچۇپ   تەيۋەننىڭ يىلەن رايۇنىغا  كەلگەندە پاچاقلىىنپ كەتكەن بۇ خەلق ئازاتلىق  ئارمىيىسىدىن قاچقان تۇنجى ھەربى ئايرۇپىلان.1961-يىلى 9-ئاينىڭ 15- كۇنى ئازاتلىق ئارمىيە ئۇچقۇچىلىرىدىن شاۋ شىيەن، گاۋ جىشۇې安-2 ھەربى تىرانسىپورت ئايروپىلانىنى شەندوڭنىڭ جىياۋشەن ناھىيىسىدىن ئۇچۇپ كورىيەنىڭ جىجۇ ئارىلىغا قونغان. ئىككىيلەن شۇ يىلى  10-ئاينىڭ 7-كۈنى تەيۋەنگە بېرىپ 500سەر ئالتۇنغا ئېرىشكەن. كېيىن تەيۋەن  ھاۋا ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلىپ، پولكاۋنىك ھەربى ئۈنۋانى بىلەن پىنسىيىگە  چىققان.



1962-يىلى3-ئاينىڭ 3-كۈنى دېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمى 16-پولك  3-چوڭ ئەترەت 8- ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئۇچقۇچىسى لىيۇ چىڭسى MG-15 ناملىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلاننى جېجاڭنىڭ لۇچىياۋ ئايرودورۇمىدىن ئۇچۇپ، تەيۋەننڭ  تاۋيۈەن ئايدورۇمىغا قونغان، ھەمدە 1000سەر ئالتۇنغا ئېرىشكەن كېيىن تەيۋەن  ھاۋا ئارمىيە رادىيو ئىستانسىسىنىڭ پولكاۋنىك دەرىجىلىك مۇئاۋېن سىتانسا باشلىقى بولغان.1962-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە  ئۇچقۇچى ۋە پاراخوت  خادىملىرىدىن قوزغىلاڭ قىلىپ كايتىپ كەلگەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە ئالاقىلىشىش  ئۇسۇلىنى ئېلان قىلدى. 1964-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچى ۋە  پاراخوت خادىملىرىدىن قېچىپ كەلگەنلرنىمۇ كاپاتلاش چارىسىنى ئېلان قىلدى  ھەمدە گۇاڭدوڭنىڭ شەنتو، فۇجىيەننىڭ چىڭتىيەن، جېجاڭنىڭ لۇچىياۋ قاتارلىق ئۇچ  ئايرۇپورتنى قۇنۇش نوقتىسى قىلغانلىقنى جاكارلىدى.1965-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە ھاۋا ئارمىيە  8-دىۋىزىيىسى 22- چوڭ ئەترىتىدىن لى شەنبىن 伊尔-28 تىپلىق بىر بومباردىمانچى  ئايرۇپىلان بىلەن خاڭجۇنىڭ جىيەنچاۋ ئايرۇدۇرورمىدىن ئۇچۇدۇ. ئۇچۇش جەريانىدا  لى شەنبىن ئۇچقۇچى لى سەي ۋاڭنى ئېتىپ يارىلاندۇرۇپ، ئايروپىلاننى ھەيدەپ  تەيۋەننىڭ تاۋيۈەن ئايرودورۇمىغا قۇنۇش جەريانىدا ئۇچۇش يولىدا سۇقۇلۇپ  ئالاقىچى جىيەن باۋ شىڭ ئۆلىدۇ. تەيۋەن تەرەپ  ئۈچۈيلەننىڭ ھەممىسىگە  «كومىنىستلارغا قارشى باتۇرلار» دەپ نام بەردى. لى شەنبىنگە 2مىليون800مىڭ  يېڭى تەيۋەن دوللىرى مۇكاپات بەردى. ئۇ كېيىن پولكاۋنىك ھەربى ئۈنۋانى بىلەن  ھەربىدىن چېكىندى.



1991-يىلى لى شەنبىن كانادا ئارقىلىق تەيۋەنلىك قېرىنداش  نامى بىلەن يۇرتىغا كېلىپ ئانىسىنى  يوقلاش جەريانىدا چىڭداۋ ساقچىلىرى  تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، دۈشمەنگە تەسلىم بولۇش جىنايىتى بىلەن 15يىللىق  قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. لى سەيۋاڭ تەيۋەندە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.  1976-يىلى ئامىرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ 1998-يىلى يۇرتىغا كېلىپ تۇققان يوقلىدى. 1977-يىلى7-ئاينىڭ 7-كۈنى ھاۋا ئارمىيە 2-رازۋېتكىچىلار پولكى 1-چوڭ  ئەترەت 2- ئوتتۇرا ئەترىتىنى باشلىقى فەن يۈەن يەن 3171 -نۇمۇرلۇق 米格-19  تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى فۇجىيەن پۇجاڭدن ھەيدەپ تەيۋەننىڭ تەينەن   ئايرودۇرمىغا قۇنۇپ، 4000 سەر ئالتۇن مۇكاپات ئالغان ھەمدە پولكاۋنىك ھەربى  ئۈنۋانى بىلەن ھەربىدىن چېكىنگەن.



1982.يىلى 10.ئاينىڭ 16.كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمى 1-رازۋېتكا پولكى 2-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئۇچقۇچىسى ۋۇ روڭگېن 歼侦-6 تىپلىق بىر   رازۋېتكا ئايرۇپىلاننى  شەندوڭنىڭ ۋېندىڭ ئايدورۇمىدىن ھەيدەپ قوماندانلىق  مەركىزىنى ئالداپ كورىينىڭ  سېول شەھرىدىكىK16 ئايرودورۇمىغان قونغان.  كېيىن10-ئاينىڭ 31- كۈنى تەيۋەنگە بارغان ھەم 5000سەر ئالتۇنغا ئېرىشكەن.  پولكاۋنىك ھەربى ئۈنۋانى بىلەن چېكىنگەن. 1983-يىلى8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە ھاۋا ئارمىيە قىسمى دېڭىز  ئارمىيىسىنىڭ ھاۋادىن ھاۋاغا قۇيۇپ بېرىدىغان  يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان  سىنارەتنى سىناق قىلىشقا قاتناشقان پود پلكاۋنىك دەرىجىلىك  ئۇچقۇچى سۈن  تىيەنچىن米格-21 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلاننى دالىيەن ئايرودۇرۇمىدىن  ھەيدەپ كورىيىنىڭ K16 ئاترودۇرۇمىغا قونغان. بۇ قېتىملىق قېچىش ئازاتلىق  ئارمىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ يۇقىرى خادىمنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى  ئايروپىلاننى ئېلىپ قېچىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. جوڭگۇ تەرەپ كورىيە تەرەپتىن   ئايروپىلام ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ  ئايروپىلاننى قايتۇرۇپ بەرگەن. سۈن تىيەنچىن 8-ئاينىڭ 24-كۈنى تەيۋەنگە بېرىپ  7000سەر  ئالتۇن مۇكاپات ئالدى.  1985-يىلى8-ئاينىڭ 25-كۈنص ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىسى شاۋ تىيەنرۇن بىر  دانە轰-5 تىپلىق بومباردىمانچى ئايرۇپىلاننى شەندوڭ جىياۋشەندىن ئۇچۇپ كورىيەنىڭ لى لى شەھرى ھاۋا تەۋەسىدە ھادىسىگە ئۇچراپ چۈشۈپ كەتكەن. ئۇچقۇچى سۇن ۋۇچۈن ئۆلگەن، شاۋ تىيەنرۇن يارىلانغان. بىر نەپەر كورىيىلىك دېھقان ئۆلگەن. 9-ئاينىڭ 20 كۈنى شاۋ تىيەنرۇن تەيۋەنگە بېرىپ 3000 سەر ئالتۇن مۇكاپات ئالغان.1986-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ھاۋا ئارمىيە 4-رازۋېتكا پولكىنڭ 3- ئوتتۇرا  ئەترەت باشلىقى چېن باۋجوڭ 3283 نۇمۇرلۇق بىر دانە歼侦-6 تىپلىق رزۋېتكا  ئايروپىلانىنى ھەيدەپ كورىينىڭ شۈييۇەن ئايروپورتىغان قونغان. 4-ئاينىڭ 30-كۈنى تەيۋەنگەبېرىپ 5000سەر ئالتۇن مۇكاپات ئالغان.



1986-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىسى جېڭ لەيتىيەن بىر دانە 歼-6 كۈرەشچى ئايروپىلاننى كورىيىگە ھەيدەپ بارغان، كېيىن تەيۋەنگە بېرىپ  5000 سەر ئالتۇن مۇكاپات ئالغان. 1987-يىلى11-ئاينىڭ 19-كۈنى ھاۋا ئارمىيە 49-دىۋىزىتىسىنىڭ ئوتتۇرا   ئەترەت باشلىقى لىيۇجىيەن بىر دانە 歼-6 كۈرەشچى ئايروپىلاننى ھەيدەپ تەيۋەنگە  قېچىپ بېرىپ 5000 سەر ئالتۇن مۇكاپات ئالغان. 1988-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە ئىككى قىرغاق  مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى كۆزدە تۇتۇپ 1962-يىلى ئېلان قىلغان قوزغۇلاڭ  كۆتۈرگەن ھەربىلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لىۇ لەنكۇن جوڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى باش ئارقا سەپ قورال-يارق  بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گېنىرال مايور ئۈنۋانىغا ئىگە. ئۇ 1992-يىلدىن 1999-يىلىغىچە تەيۋەنگە زور مىقتاردىكى ھەربى ئاخباراتنى سېتىۋەتكەن. 1996-يىلىدىكى پىڭخۇ ئارىلى پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا  بىۋاستە زىيان  يەتكۈزگەن.



مەنبە:بىلىش بىلوگى.
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1899
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1899دانە
تۆھپىسى: 107
پۇلى: 2216 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 2145
توردا: 313(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-17 12:25

- ئېچىلمىغان نىنى سىرلار ۋاقىتنىڭ  ئۆتۈشى بىلەن ئاشكارىلىنىدۇ...
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-08-17 14:15قايتا تەھرىرلىدى ]