ماڭا بەر
مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ ‹رۇزى سايت تۇتقان قەلەم قۇلۇمدا›ناملىق شىئېرىغا ئۇلانما .
سەن سۆيگەننى سۈيەي مەنمۇ ئۆلگىچە ،
نۆۋەت كىلىپ ئەلمۇ سىنى كۆمگىچە .
پۈتۈن خەلق شۇ قايغۇغا چۆمگىچە ،
شائىر ئاكا شۇ قەلەمنى ماڭا بەر .
رۇزى سايىت ساڭا مىراس قالدۇرغان ،
شۇ قەلەمدە سەنمۇ تۇلپار چاپتۇرغان ،
دىھقان ئۈچۈن سۆيگۈگە يول ئاچقۇزغان ،
شائىر ئاكا شۇ قەلەمنى ماڭا بەر .
رۇزى سايىت شائىرمۇ يا دىھقانمۇ ،
قەلەم بىلەن بوز يەر ئاچقان ئىشچانمۇ ،
بىز ئۇنىىڭكى ئېتىزىدا بىر دانمۇ ،
شائىر ئاكا شۇ قەلەمنى ماڭا بەر .
شۇ قەلەمادە مىنىڭمۇ بوز ئاچقۇم بار ،
دىھقان ئۈچۈن بىر نەچچە كۈي قاتقۇم بار ،
تەڭكەش قىلىپ ئۇنىڭغا جۈر ئېيتقۇم بار ،
شائىر ئاكا شۇ قەلەمنى ماڭا بەر .
ئەل ئۈچۈن دەپ قەلەم تۇلپار چاپتۇرغان ،
ئەل كۆڭلىدە چەكسىز ئۇرۇن ئالدۇرغان ،
رۇزى سايىت ساڭا مىراس قالدۇرغان ،
شائىر ئاكا شۇ قەلەمنى ماڭا بەر .
مەنمۇ ھىرىس شۇ قەلەمنىڭ ئەجرىگە ،
ئىرىشەلسەم شۇ قەلەمدەك بىرىگە ،
تىگىشمەسمەن ئۇ قەلەمنى نەچچىگە ،
شائىر ئاكا شۇ قەلەمنى ماڭا بەر .
ئۇ سۆيگەننى تالاي سۆيسەك كەم تېخى ،
بىز يۇپۇرماق ئۇ كۈچەتنىڭ بىر شېخى ،
ئۇ سۆيگەن ئەل شۇ كۆچەتنىڭ يىلتىزى ،
شائىر ئاكا شۇ قەلەمنى ماڭا بەر .
شۇ قەلەمنىڭ تېخى تالاي سۈزى بار ،
دىھقان ئۈچۈن تۈكۈلەر كۆز يېشى بار ،
شائىر كەتتى قەلىمىنىڭ جېنى بار ،
شائىر ئاكا شۇ قەلەمنى ماڭا بەر .
سەھرالاردا ئۇ قەلەمنىڭ يىلتىزى ،
ئېتىزلاردا ئۇ قەلەمنىڭ يىلتىزى ،
دىھقان بىلەن بىللە ئۇنىڭ ھۇزۇرى ،
شائىر ئاكا شۇ قەلەمنى ماڭا بەر .
ئۇ قەلەمدە ھەر دىھقاننىڭ سۆزى بار ،
ئۇ قەلەمدە ھەر دىھقاننىڭ دەردى بار ،
ئۇ قەلەمدە يەنە بۇلبۇل كۈيى بار ،
شائىر ئاكا شۇ قەلەمنى ماڭا بەر .
مەنبە :ئۆز قەلىمىم (دەرۋىش)