مىڭ يىللىق توغراق
ھاياتلىق مەنبەسى سۇدىنمۇ پىلھان ،
تۇرار باياۋاندا بىر پىشقەدەم بوۋاي.
مىڭ يىللىق تارىخنىڭ شاھىدى بولۇپ،
مەزمۇتتۇر يىقىلماي ۋە ياكى سۇنماي.
سۇ سىزمۇ قۇچاق يەتمەس توغراق غولىغا ،
بوي سۇنماس ئاپاتلەر ياغسىمۇ گاھىدا .
يەنە ھەممىدىن مۇستەھكەم ھەممىدىن قېرى ،
قوۋرۇقلىرى گۇۋاھتۇر ئۇنىڭ بېشىغا .
قۇرتالماس شېخىنى زىمستان سوغۇق ،
ئېگەلمەس بېشىنى مىڭ يىللىق بوران .
ئۆزىنى ئۇرسىمۇ قۇملار ئۇنىڭغا ،
ياشىدى مىڭ يىل ياشايدۇ ھامان .
ئاپتورى : بورتالا ئوبلاستى جىڭ ناھىيسى داخېيەنزى ئوتتۇرا مەكتەپ 8- يىللىق 8-سىنىپ مۇققەددەس سەمەت
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-05 18:34قايتا تەھرىرلەندى ]