نازىم ھېكمەت شېئىرىلىرى
نازىم ھېكمەت(1902 - 1963)تۈركىيلىك دۇنياۋى شائىر،شائىرنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرىلىرىنى ئابدۇقادىر جالالىدىن
تەييارلىغان.قەشقەر جورنىلىنىڭ 2011.6.سانىدىن ئېپقويدۇم.
سەھەر
بۇ سەھەر ئۇيقىدىكى ئۆيگە
ئوچۇق دەرىزىدىن كىرگەن شولا
تۈندىن قالغان يالغۇز يۇلتۇزدەك
پەشتاقلاردىن چۈشتۈم مەن ئاستا.
ئاندىن ئورمانغا چىقتىم باغچىدىن
سالقىنداپ تۇردۇم،بۇ سەھەر
دەرەخلەردە ياش بىر ئانا شەپقىتى
تاشكۆۋرۈكتىن ئۆتۈپتۇ يولۇچىلار.
يولدا
يولدا كېتىپ بارار بىر شائىر
دېڭىزىدا دۇنيايىمىزنىڭ
قارىغانچە بىر يۇلتۇزغا.
يولدا كېتىپ بارار بىر شائىر
يۇلتۇزلارنىڭ بىرىدىكى بىر دېڭىزدا
قارىغانچە دۇنيايىمىزغا.
يولدا كېتىپ بارار شائىرلار
دېڭىزلىرىدا كائىناتنىڭ
قارىغاندا بىر-بىرىگە.
دۇنيانى بالىلارغا بېرەيلى
دۇنيانى بېرەيلى بالىلارغا،
ھېچ بولمىسا بىر كۈنلۈك.
رەڭدار پۈپۈكتەك قىلىپ بېرەيلى
ئوينىسۇن ئۇلار
ئوينۇسۇن قوشاقلار توۋلاپ
يۇلتۇزلارنىڭ ئارىسىدا.
دۇنيانى بالىلارغا بېرەيلى
كىچىككىنە بىر ئالما كەبى،
ئىسسىققىنە بىر نان بۇردىسى كەبى،
ئۇلار قانسۇن ھېچ بولمىسا بىر كۈنلۈك.
دۇنيانى بالىلارغا بېرەيلى
بىر كۈنلۈك بولسىمۇ،چۈشەنسۇن
دۇنيانىڭ ھەمجەھەتلىكىنى.
بالىلار دۇنيانى ئالار قولىمىزدىن
تېكەر ھەم قۇرىماس دەرەخلەرنى.