ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 673 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دۇنيادىكى جان ئالغۇر دەپ تەرىپلەنگەن ۋەھشىي ھايۋانلار
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-28 17:59

دۇنيادىكى جان ئالغۇر دەپ تەرىپلەنگەن ۋەھشىي ھايۋانلار



قارا تۇل خوتۇن ئۆمۈچۈك، قىسقارتىپ قارا تۇل خوتۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ نېرۋىلارنى زەھەرلەيدىغان ناھايىتى ئۆتكۈر زەھىرى بولغان ئۆمۈچۈك شۇنداقلا كەڭ تارقالغان چوڭ تىپتىكى تۇل خوتۇن ئۆمۈچۈك، ئادەتتە شەھەر ئاھالىلەر رايونىدا ۋە يېزىلاردا ياشايدۇ.


تۈكلۈك قۇرت: ھاشارەتلەر دۇنياسىدىكى «كىچىك گىگانت ئادەم»، ئۇ ئادەتتە برازىلىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا ياشايدۇ. گەرچە تۈكلۈك قۇرتنىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلەشتۈرىدىغان تاشقى قىياپىتىدىنلا ئىدىيىمىزدە تەييارلىق قىلىپ بولغان بولساقمۇ، ئەمما بۇ برازىلىيىلىك تۈكلۈك قۇرت يەنىلا ئادەمنى قورقۇتىۋىتىدۇ. ئۇنىڭ تېنىدىكى چىرايلىق قوغدىنىش رېڭىدىنلا ئۇنىڭ زەھىرىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلۈكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئېيتىلىشلارچە، ھەريىلى نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ تۈكلۈك قۇرتنىڭ زەھىرىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ تۈكلۈك قۇرتنىڭ زەھىرى ناھايىتى ياخشى دورا بولۇپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىكى يارىلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىكەن.


كۆك ھالقىلىق سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىق، ئادەتتە ئاۋسترالىيەدىكى دېڭىز ياقىسىدىكى سۇ بويلىرىدا گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىب بولىدۇ. بۇ خىل يۇمشاق تەنلىك ھايۋاننىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمېتر بولۇپ، تىنىدە چىرايلىك كۆپ رەڭلىك ھالقىلار بار. خەتەرگە يولۇققاندا، بۇ كۆك ھالقىلار كۆك رەڭلىك نۇر چىقىرىپ قارشى تەرەپكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى غەۋغاسلارنىڭ كىيىمىنى تېشىۋىتەلەيدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چىقارغان زەھىرى بىر قۇرامىغا يەتكەن كىشىنى نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا جەھەننەمگە يولغا سېلىپ قويالايدۇ.


ۋارونكىسىمان ئۆمۈچۈك ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھەر ئەتراپىدا ياشايدۇ، ئەگەر ئۇ چېقىۋالسا 15 مىنۇت ئىچىدىلا ھاياتىڭىزدىن ئايرىلىسىز. ئۇ زەھىرى ئەڭ كۈچلۈك ئۆمۈچۈك دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، زەھەرلىك چىشى ئادەمنى تىرنىقىنى تېشىۋىتەلەيدۇ. كۆپلىگەن كىچىك ئۆمۈچۈكلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ ئۆچۈمۈك ھۇجۇم قىلىش خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ، ئاۋارچىلىققا ئۇچرىسىلا كەينى پۇتىنى كۆتۈرۈپ، توختىماستىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى چىشلەيدۇ. گەرچە ئەركەك ئۆمۈچۈكنىڭ تەن قۇرۇلمىسى چىشى ئۆمۈچۈكنىڭكىدىن كىچىكرەك بولسىمۇ، ئەمما زەھىرى چىشى ئۆمۈچۈكنىڭكىدىن بەش ھەسسە كۈچلۈك. يادىڭىزدا بولسۇنكى، ئاۋسترالىيىدە ھاجەتخانىغا كىرسىڭىز، تەرەت قاچىسىغا بەكرەك دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇ يەر زەھەرلىك ئۆمۈچۈك ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي.


سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىق پەقەت ئادەمنىڭ ئالقىنىچىلىك كېلىدۇ، بۇ رەڭلىك كىچىك بېلىق بىر ئادەمنى بىر چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويالايدۇ، شۇنداقلا قۇتقۇزۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس. تىنچ ئوكياندا ياشايدىغان كۆك ھالقىلىق سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىقنىڭ تىنىدە چىرايلىك كۆپ رەڭلىك ھالقىلار بار. خەتەرگە يولۇققاندا، بۇ كۆك ھالقىلار كۆك رەڭلىك نۇر چىقىرىپ قارشى تەرەپكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى غەۋغاسلارنىڭ كىيىمىنى تېشىۋىتەلەيدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چىقارغان زەھىرى بىر قۇرامىغا يەتكەن كىشىنى نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا جەھەننەمگە يولغا سېلىپ قويالايدۇ. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى، نۆۋەتتە ئىنسانلار كۆك ھالقىلىق سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىقنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز.


يادرو بومبىسى ـــ ئۆتكۈر زەھىرى بولغان زەھەرلىك خەنجەر پاقا: باشقا قوش ماكانلىق ھايۋانلارغا ئوخشاش، ئۇنىڭ تېرىسىدە نۇرغۇن بەز تەنچىلىرى بولۇپ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىپ تېرىسىنى سىلىقلاپ ئۆزىنى قوغدايدۇ، ئەمما ئۇ ئاجرىتىپ چىقارغان بۇ سۇيۇقلۇق زەھەرلىك بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى زەھىرى ئەڭ كۈچلۈك ھايۋانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلاردىن سىرت، ئۇنىڭ باشقا ئەشەددىي دۈشمىنى يوق. جەنۇبىي ئامىرىكىدىكى كولۇمبىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى زەھەرلىك خەنجەر پاقا ئاجرىتىپ چىقارغان پاقا زەھىرى، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىنسانلار بىلىدىغان ئەڭ ئۆتكۈر زەھەر، بىر گرامنىڭ يۈزمىڭدىن بىر قىسمى بىر ئادەمنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ قويالايدۇ.


يەرشارىدىكى ئەڭ زەھەرلىك چايان پەلەستىن زەھەرلىك چايىنى بولۇپ، زەھەر شاھى تېزىملىكىنىڭ بەشىنچىسىگە تىزىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇن پەنجىسىدىكى قۇيرۇقىدا نۇرغۇن زەھەرلىك نەشتەرلىرى بار بولۇپ، دىققەت قىلمىغان ۋاقتىڭىزدىن پايدىلىنىپ چىقىۋالسا، ئېيتقۇسىز ئاغرىتىۋىتىدۇ، پېيىڭىز تارتىشىپ، پالەچلىنىسىز ھەتتا جېنىڭىزنىمۇ ئېلىشى مۇمكىن. ئاساسلىقى ئىسرائىلىيە بىلەن يىراق شەرقتىكى بىر قىسىم جايلاردا ياشايدۇ.


كۆزەينەكلىك يىلان شاھى: مەخسۇس يىلان يەيدىغان كۆزەينەكلىك يىلان شاھىنىڭ نامىنى ئاڭلاش بىلەن نۇرغۇن يىلانلارنىڭ تېنى شۈركىنىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ دائىرىسىدە باشقا يىلانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئازراق چۆچۈپ كەتسىلا، بەدىنىنىڭ ئالدىنقى قېسىمىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەم ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن ئاچىماق تىللىرىنى چىقىرىپ باش قىسمىنى ئولجىسىغا قارىتىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئولجىنىڭ قېچىپ قۇتۇلىشى مۇمكىن ئەمەس! تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى، ئۇنىڭغا چېقىلمىسڭىزمۇ ئۇ سىزگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن، ئۇ چېقىۋالسا، كۆپ مىقداردىكى زەھەر سۇيۇقلۇقى بىر سائەت ئىچىدىلا ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ.


قارا مانبا يىلىنى: دۇنيادىكى زەھەر شاھلىرى ئىچىدە 10-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، زەھەرلىك يىلانلار ئىچىدىكى بەدەن قۇرۇلمىسى ئەڭ ئۇزۇن، سۈرئىتى ئەڭ تېز. ھۇجۇمى ئەڭ كۈچلۈك بولغان قاتىل. ئۇ 19 كىلومېتر \ سائەتلىك تېزلىك بىلەن ئولجىسىنى قوغلايدىغان بولۇپ، پەقەت ئىككى تامچە زەھىرى بىلەن بىلەنلا ئادەمنى جەھەننەمگە يولغا سېلىپ قويىدۇ. تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى، مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولسۇن قارا مانبا يىلىنىڭنىڭ زەھەرلىل چىشىدا 20 تامچە زەھەر سۇيۇقلۇقى ساقلانغان بولۇپ، ئىنسانلار چېقىۋىلىنغان ھامان نەچچە مىنۇتقا قالمايلا جېنىدىن ئايرىلىدۇ.


زەھەرلىك ئوقيا پاقىسى ئائىلىسىدىكىلەر لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نىكاراگۇئادىن برازىليىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىگىچە بولغان رايونلار ۋە بولىۋىيەگە جايلاشقان، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق زەھەرلىك ھايۋان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ بەدىنىگە ئىنتايىن رەڭدار ئاگاھلاندۇرۇش رەڭگى بار، زەھەرلىك ئوقيا پاقىسى پاقا ئائىلىسىنىڭ ئەڭ چىرايلىق ئەزاسى. ئۇنىڭ تەن قۇرۇلمىسى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئاران 1.5 سانتېمېتر كېلىدۇ، ئەمما ئاز ساندىكى ئالتە سانتېمېتر كېلىدىغانلىرىمۇ بار. ئەڭ ئەجەللىك زەھەرلىكلىكى جەنۇبىي ئامېرىكا كولۇمبىيەدىكى كېكې پاقىسى، پەقەت 0.0003 گرام زەھىرى بىلەنلا بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويالايدۇ. بىر زەھىرى ئەڭ كۈچلۈك زەھەرلىك ئوقيا پاقىسىنىڭ زەھىرى 20 مىڭ چاشقاننى ئۆلتۈرۈپ قويالايدۇ.

(دۇنيا ئايلىنپ ساياھەت قىلدىغان دۇسلار دىققەت قىلغاي)
مەنبە:نۇرتورى
خەلقېم مەن بىلەن
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-28 18:46

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ھەم بېلىۋېلىشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن .ئەجرىڭىزگە رەخمەت .
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-28 19:13

ئاللا ھەممىگە قادىردۇر.........................
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-28 20:43

بولسا ئادەملەر ئارىسىدىكى ۋەھشى ،زەھەرلىك چايانلارنىمۇ بىرمۇ -بىر كۆرسىتىپ چىققىلى بولسا ھئە؟ سالمان ؟
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-29 09:33

پەرىشان؛
غۇجامۇھەممەدنىڭ شېئىرى تىنىقلىرىدا كۆرسۈتۈپ بېرىدىكەن........
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-29 20:59

3-قەۋەت (qarxan) نىڭ يازمىسىغا

ئاشۇنداق ئادەملەرگە خەتەرلىك دەرىجىسى، ئۆزىنى نىقاپلاش ماھارىتى،قانداق ئۇسۇلدا ھۇجۇم
قىلىشى قاتارلىقلارنى ئىزاھلاپ ماركا چاپلاپ قويساق ھە!!!!!!!!!!   
[ بۇ يازمىنىسالمان888 2012-08-29 22:37قايتا تەھرىرلى ]
خەلقېم مەن بىلەن