ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 581 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوقىماي تۇرالمايسىز؟
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-29 16:16

ئوقىماي تۇرالمايسىز؟

ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى!

( فېليەتون )
مىسرانىم تورىنى ئارىلاۋېتىپ بۇ تېمىغا كۆزۈم چۈشتى ، قېنى تورداشلىرىم ئوقۇپ بېقىڭلارچۇ؟


    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىنلا دوكتۇر، ماگىستېر، ئالىم – ئىنژىنېر، رەھبىرىي كادىر بولۇپ تۆرەلگەن تۇغما تالانت ئەقىل ئىگىلىرىگە:
كەمىنە مۇئەللىم شۇنچە يىللاردىن بېرى ئالجىپ قالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ،بالاڭنى تەربىيەلەشتە تاياق بىلەن ئۇر، تاياق بىلەن ئىللەت تۈزىلۇر; دېگەن ئاساسسىز، مەدەنىيەتسىز، سەۋىيەسىز گەپلىرىگە، كاللىسىغا ئىشەك تېپىۋەتكەن ئەجدادلارنىڭ ;ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرت ئالىم بولۇر;تەلەپچان ئۇستازدىن ياراملىق شاگىرت چىقىدۇ&; دېگەن قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ، ھەر قايسىڭلارنىڭ قاتتىق تەلەپ قويمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىنلا ئەقىللىق، بىلىملىك بولۇپ كېتىدىغان، خاتالىقىنى تەنقىد قىلىپ كۆرسىتىپ بەرمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن تۈزىتىپ ئوڭشىلىپ كېتىدىغان، كەلگۈسىدە داڭلىق ئالىم-ئۆلىما بولىدىغان ئارزۇلۇق پەرزەنتلىرىڭلارنى خۇددى كېيىن ياراملىق ئادەم بولۇپ قالسا ماڭا تۇتاملاپ پۇل ئەكېلىپ بېرىدىغاندەك قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزسە تەنبىھ بېرىپ، تولىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ كەلگەن خاتالىقىمغا چەكسىز پۇشايمان ۋە تەۋبىلەرنى قىلىپ ئولتۇرماقتىمەن.
    ئويۇنغا بېرىلسە سېسىق گەپ بىلەن تويغۇزۇپ، ئىنتىزامسىزلىق قىلسا جازالاپ، ئۈستى – ئۈستىلەپ تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ، ئۇھ دېگۈدەك پۇرسەت بەرمەي ئوقۇتۇپ قولدىن چىقارغان، ھازىر چەتئەللەردە ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان، شىركەتلەرنى قۇرۇپ پۇل تېپىۋاتقان، مېنىڭ شۇ ناچار تەسىرىم بىلەن پەرزەنتلىرىگىمۇ ئوخشاش زۇلۇم سېلىۋاتقان كونا ئوقۇغۇچىلىرىمدىن تولىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.
    كىچىكىمدە "بالىنىڭ گۆشى سىلىنىڭ، سۆڭىكى بىزنىڭ; دەپ مېنى قاتتىق قول تەربىيەچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، يالغانچىلىق قىلىپ مۇئەللىمدىن تاياق يەپ ئۆيگە يىغلاپ كەلسەم، يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇئەللىمنىڭ ياقىسىدىن ئېلىشنىڭ ئورنىغا مېنى "ئۇستازىڭغا يالغان گەپ قىلدىڭما؟; دەپ ئۆگەي بالىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كەتكەن دادامنى قەبرىسىدىن تارتىپ ئېلىپ چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى، تورداشلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش، ئاسراش ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرسەتكۈم كېلىۋاتىدۇ. شۇ تىل – دەشناملارنىڭ دەستىدىن ئاران ماگىستېر بولۇپتىمەن، ناۋادا ئۇنداق كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەي، سىلاپ – پەپىلەپ ئوقۇتقان بولسا چوقۇم دوكتۇر ئاشتى بولاتتىمكەن. خەپ دادا!
ئۆتكۈر پىچىقى بىلەن راك ھۈجەيرىلىنى كېسىپ تاشلاپ، نۇرغۇن بىمارنى قۇتقۇزغان ئۇستا دوختۇرنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالساق، نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنى پاراسەت بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى قوغداپ كەلگەن ساقچىنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن تۈرمىگە سولىساق، نۇرغۇن ئالىم – ئىنژىنېر، تەتقىقاتچى – كەشپىياتچىلارنى تەربىيەلەپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋېلىشى بىلەن مۇنبەردىن ئايرىساق .... ئەسلىدە ئىشنىڭ توغرا يولى مۇشۇ ئىكەندە؟
    18 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا يەتمىش پۇشتىغىچە پۇشايمان قىلغۇدەك جازالايسىز-يۇ، كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ، چوڭ بولغاندا خاتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نېمە ئۈچۈن خاتا دەيسىز؟
    ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قۇرامىغا يەتكەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرسە، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا كۆزىڭىزنى مىت قىلمايسىز، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىر – ئىككىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان تەنبىھلىرىگە چىدىماي ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالسا، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاغزىڭىزغا كەلگەنچە تىللاپ، مىدىرلىيالماس قىلىپ قويىسىز.
    نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كەپسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان، ئاتا – ئانىسىمۇ باشقۇرالماي قالغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن تاياق يېسە دەرھال تۈزۈم چىقىرىپ تەن جازاسى بېرىشكە بولماس بولدى، ھەر قانچە خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ، غورۇرىمىزغا تەگسىمۇ قول تەگكۈزەلمەيدىغان بولدۇق. ئۆتكەن يىلى ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپى ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەن بىرى بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالسا ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنى تىللاشقىمۇ، ئاتالمىش زىتىغا تېگىدىغان; گەپلەرنى قىلىشقىمۇ بولماس بولدى.
    ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا تۈرمىگە كىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا ;قۇرامىغا يەتمىگەن&t; دېگەن باھانە بىلەن پەقەت تەربىيە بېرىلىدۇ.
قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەيۋىسى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوپۇزى؟
    سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ غورۇرى غورۇر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ غورۇرى كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىما؟
-       تاپشۇرۇق ئىشلىمەپسەنغۇ؟
-       مۇئەللىم، ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىڭلار دەۋاتسا، نېمە دېگەن كۆپ تاپشۇرۇق بۇ؟ ئىشلىمىدىم....
-       تۈنۈگۈن نېمىشقا دەرسكە كىرمەيسەن؟
-       مۇئەللىم، بۇ دىگەن ساپا مائارىپى. ئوقۇغۇچىلار قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيەلىنىشى كېرەك. قىزىقىشىم پۇتبول بولغاچقا پۇتبول مەشىق قىلدىم شۇ.
-       .....
    شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. قايسى بىر ئوقۇتقۇچى كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ ئوينايدىغاندۇ؟ قايسى ئوقۇتقۇچى ھېچبىر سەۋەبسىز ئوقۇغۇچىنى تەنقىد قىلىدىغاندۇ؟ سىزچە ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە شۇنچە ھېرىسمەنمىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلىشى ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈنمىدۇ؟
    پۈتكۈل جەمىئىيەت قاتتىق قول، تەلەپچان ئۇستازلاردىن شۇنچە بىزار بولغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتىپلا قۇتۇلساڭلار بولمامدۇ؟
يەنە يازىدىغانلىرىم كۆپ ئىدى، قالغىنىنى ئىنكاسلارغا قاراپ بېقىپ ئاندىن يازاي.

تېمىنى ئەسلى يوللىغۇچى ناۋابات، بوزقىرغا يوللاپ قويدۇم.
  
http://bbs.misranim.com/thread-67060-1-1.html
تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-30, 04:05
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
تۆھپىسى: 30
پۇلى: 268 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 60
ياخشى باھا: 268
توردا: 57(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-11-07
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-30 12:20

ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا تۈرمىگە كىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا ;قۇرامىغا يەتمىگەن&t; دېگەن باھانە بىلەن پەقەت تەربىيە بېرىلىدۇ.

پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىر – ئىككىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان تەنبىھلىرىگە چىدىماي ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالسا، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاغزىڭىزغا كەلگەنچە تىللاپ، مىدىرلىيالماس قىلىپ قويىسىز.

ئۆتكۈر پىچىقى بىلەن راك ھۈجەيرىلىنى كېسىپ تاشلاپ، نۇرغۇن بىمارنى قۇتقۇزغان ئۇستا دوختۇرنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالساق، نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنى پاراسەت بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى قوغداپ كەلگەن ساقچىنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن تۈرمىگە سولىساق، نۇرغۇن ئالىم – ئىنژىنېر، تەتقىقاتچى – كەشپىياتچىلارنى تەربىيەلەپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋېلىشى بىلەن مۇنبەردىن ئايرىساق .... ئەسلىدە ئىشنىڭ توغرا يولى مۇشۇ ئىكەندە؟
****************************************************************************
ماۋۇ مەزمۇنلارنى ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي ئادالەتسىزلىك ھېس قىلغان  شۇ ئاتالمىش ئۇستازنىڭ يۈرەكلىك قاخشاشلىرىدىن نومۇس قىلدىم.
ئىجتىھاد
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-30 18:31

بۇ تەنىمۇ؟ ياكى كۆينۇشمۇ؟ ماقالە ماڭا تومتاق يىزىلىپ قالغاندەك بىلىندى.

ئوقۇتقۇچىنى ئۇرىدىغان ناكەسلەر باردەڭ ئاڭلىماپتىكەنمەن. ئۇنداقلارنى ئەۋرەز  قودىقىغا
سولاپ گۇنايىنى يۇدۇرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.   
خەلقېم مەن بىلەن
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-30 19:39

ئوقۇتقۇچىنى ئۇرىدىغان ئىشلارنى ئاڭلىغان ، لېكىن نەق  مەيدانغا كۆرگەنلەرمۇ بار ئىكەن...........
[ بۇ يازمىنىتىمتاس 2012-08-31 13:04قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
تۆھپىسى: 30
پۇلى: 268 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 60
ياخشى باھا: 268
توردا: 57(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-11-07
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-31 11:39

ئالىم ،دوكتۇر،يازغۇچى .....قاتارلىقلارنى پەخىرلەنگەن ھالدا تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا، مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىغا مۇش كۆتۈرگەن ئاتالمىش لۈكچەكلەرنىڭمۇبىزنىڭ  تەربىيە مېۋىمىز ئىكەنلىكىنى نومۇس قىلغان ھالدا ئىتىراپ قىلىشىمىز ۋەئۇلارنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ كېتىشى توغۇرلۇق ۋىژدانى ئويلىنىش مەجبۇرىيتىمىز بار.  
ئىجتىھاد
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-31 13:05

ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-02 14:13

ئىت تەگىنى بىلەن ئەسلا،
ھارام بولماس ئەزىم دەريا.

                 _ ئەبۇلمەلىك موئىززىي