ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 942 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئانتاراكتىكاغا قەدەم باسقان ئۇيغۇر يىگىتى
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-29 19:34

ئانتاراكتىكاغا قەدەم باسقان ئۇيغۇر يىگىتى

ئانتاراكتىكاغا قەدەم باسقان ئۇيغۇر يىگىتى


ئالمۇتادا ياشاۋاتقان  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا: «ئۇيغۇر يىگىتى بەختىيار ئىبراھىم ئوغلى روزىباېۋ  ئامېرىكا ئالىملىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئېكسپېدىتسىيە تەركىبىدە، ئانتاركتىكىدا كاماندىروپكىدا بولۇپ ۋە ئۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئۇتۇقلۇق ئىشلىرى ئۈچۈن ئالتۇن مېدال ئېلىشقا مۇيەسسەر بوپتۇ !..» دېگەن سۆز  تارقالدى.خەلقىمىزدە «قۇلاق ئاڭلىغاننى كۆز كۆرۈپتۇ»، دېگەن گەپ بار. شۇنىڭدەك ، يېقىندا ئاشۇ بەختىيار ئىسىملىك يىگىت بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم: ئۇ يازلىق دەم ئېلىش پەيتىدە ئالمۇتادا ياشاۋاتقان   ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈشكە ئامېرىكىدىن كەلگەن ئىكەن. بىر قارىماققا ئەندىلا ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەن بالىدەك كۆرۈنىدىغان، ئوتتۇرا بويلۇق،  مېڭىش-تۇرۇشى بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرى سالماقلىق،بۇ  يىگىت  بىلەن كۆرۈشۈپ، تونۇشقاندىن كېيىن  خېلى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق.— مەن دەسلەپتە ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنى ئويلىمىغان ئىدىم، — دېدى بەختىيار. — ئامما كېيىن تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ، دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن شۇ تەرەپكە قاراپ يولغا چىققىنىمدا ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزۈم بىلەن بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئارىسىدىن يالغۇز مېنىڭ دوكتورلۇققاقوبۇل قىلىنىشىم — ماڭا تېخىمۇ چوڭ، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى يۈكلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.بۇ گەپلەرنى قىلغان چاغدا غوللۇق، ئاق يۈزلۈك يىگىتنىڭ چىرايى نۇرلىنىپ، كۆزلىرىدە شادلىق نۇرى چاقنىدى. شۇ چاغدا مەن كېلەچەككە چوڭ ئۈمىد باغلىغان يىگىتنىڭ ئالدىكى ھاياتىدا — ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئۇتۇقلارغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچ ھاسىل قىلدىم…بىز سۆز قىلىۋاتقان بەختىيار روزىباېۋ 1983-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ھازىرقى ئا.روزىباقىېۋ نامىدىكى 153-مەكتىپىدە 6-سىنىپقىچە ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن شەھەردىكى قازاق-تۈرك ھەمكارلىق مەكتىپىگە كىرىپ، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى. قېرىنداش تۈرك مىللىتىنىڭ تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈش بەختىيار ئۈچۈن ھېچ قانداق قىيىنچىلىق تۇغدۇرمىدى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىنىمۇ پۇختا ئۆزلەشتۈردى. 2000-يىلى ھەمكارلىق مەكتىپىنى ئەلا باھالاردا تۈگىتىپ، «ئالتۇن بەلگۈ» ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى ۋە شۇ يىلى  تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئوتتۇرا شەرق تېخنىكىلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا-ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا باكالاۋرلىق بويىچە ئوقۇشقا چۈشتى.بۇ يەردىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئالىي پەزىلەتلىرى، بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىشى بىلەن ستۇدېنتلار ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە چۈشتى. بەش يىل ئوقۇش جەريانىدا ئۇ پەقەتلا ئالدىنقى سەپتىن كۆرۈندى. بەختىيار ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگەتكەندە «فىزىكا باكالاۋرى»، «ئالىي بىلىم بويىچە ماگىستىر» دېگەن ئىككى دىپلومنى ئېلىپ چىقتى. شۇ كۈنلىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىن تۈركىيىگە كەلگەن بىر توپ ئالىملار بەختىيار روزىباېۋ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنى  ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بېرىشقا تەكلىپ قىلدى.—  شۇنداق قىلىپ، بەختىيار روزىباېۋ دېلاۋېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇققا ئوقۇشقا ئاتلاندى. بۇ يەردە ئۇ ئاستروفىزىكا يۆنىلىشى بويىچە «كائىنات نۇرى» — دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ئىلمىي  پائالىيەت ئېلىپ باردى.شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، بەختىيار ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقتىدا ساۋاقدىشى، ئەنقەرەلىق تۈرك قىزى ئىنژۇ بىلەن تونۇشۇپ، دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدى. كېيىنچىرەك ئۇلار ئۆيلىنىپ، ئائىلە قۇردى. بەختىيار دوكتورلۇققا چۈشكەن دېلاۋېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئېلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، دوكتورانتلار ئۈچۈن بۇ يەردە نەزەرىيىۋى ئالغان بىلىمىنى ئەمەلىيەت بىلەن باغلاشتۇرۇپ، ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك شەرت-شارائىتلار يارىتىلغان. ئۇ دوكتورلۇقتا ئاستروفىزىكا ساھەسى بويىچە ئوقۇپ، بۇ ساھەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقان ئىشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا قويۇق ئارىلاشتى، تاللىغان ماۋزۇسى بويىچە ماقالىلەرنى يېزىپ، تۈرلۈك نەشرلەردە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىلىرى بۇ ساھەدىكى چوڭ ئالىملارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.بەختىيارمۇ ئۆزىنى قىزىقتۇرغان كۆپلىگەن سوللارغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە تۈرلۈك ئېكسپېدىسىيالەرگە قوشۇلۇپ، ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى.كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەختىيار ئامېرىكىنىڭ ئانتاركتىكىدا قوللىنىلىدىغان پروگراممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۆۋەتتىكى سەپەرگە چىقىدىغان ئېكسپېدىتسىيە تەركىبىگە  تەكلىپ قىلىندى. — كېيىنكى ۋاقىتتا سىزنىڭ ئاستروفىزىكا ساھەسىدە يېزىۋاتقان ئىلمىي ئەمگەكلىرىڭىز ئالىملىرىمىزنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا، — دېدى ئېكسپېدىتسىيە رەھبىرى رىد دژون. ئېكسپېدىتسىيە خادىملىرى  تەركىبىدە سىزدەك ياش ئالىملارنىڭ بولۇشى ئالغا قويغان مەقسىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئىشىنىمىز ۋە شۇنىڭغا ئۈمىد قىلىمىز.بۇ سۆزلەر بەختىيارنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى ۋە ئۇنىڭغا چوڭ مەدەت بەردى.ئامېرىكا ئېكسپېدىتسىيىسى ئانتاركتىكىغا كۆزلىگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بىردەك مۇز توڭلاپ تۇرىدۇ. ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرىسى بەزەن – 70 گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. ھاۋا غۇبارسىز پاك ھەم تازا. ھازىرچە ئالىملار بۇ يەردىكى مۇزنىڭ بەش مىڭ مېتىرغىچە بولغان قېلىنلىغىنى ئۆلچەپ چىقتى. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر بولۇشى مۇمكىن. شۇنچە قېلىن مۇزنىڭ توغرا كەلگەن يېرىدىن بىر پارچىسىنى چېقىپ ئېلىپ، قاراپ باقسىڭىز، ئۇنىڭ  خرۇستالدەك تازا ھەم سۈزۈكلۈكىنى كۆرەلەيسىز.بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئانتاركتىكىغا قىلغان دەسلەپكى ئېكسپېدىتسىيىسى ئەمەس. ئۇلار بۇرۇنمۇ بۇ يەرگە تالاي قېتىم كېلىپ، مۇشۇ جەنۇبىي قۇتۇپتا ئامۇندسېن سكوتت ناملىق پونكىتىنى قۇرۇپ، بۇ يەردە تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. بەختىيار روزىباېۋ بۇ قېتىم ئاشۇ ئامۇندسېن سكوتت پونكىتىغا بېرىپ تەجرىبىلىك ئالىملار بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرىغا قىزغىن قاتناشتى. بۇ قېتىم ئېكسپېدىتسىيە خادىملىرى ئالدىغا قويغان  ۋەزىپە بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى— كاىناتنى، ئاسمان بوشلۇقىنى، يەنى ئالەمنى تەكشۈرەيدىغان ІCECUBE ناملىق دېتېكتور تېلېسكوپ ئاپپاراتىنى مۇشۇ جەنۇبىي قۇتۇپقا ئورنىتىپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىش پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشتىن، تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىدى.ئەنە شۇنداق مۇھىم ۋە جاۋاپكەرلىك ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا دوكتورانت بەختىيار روزىباېۋ تاللاۋالغان ساھاسىنى يېتۈك بىلىدىغانلىغى بىلەن كۆزگە چۈشتى. ئۇنىڭ ئەمگىگىگە قايىل بولغان ئالىملار: «بىز سىزدىن مۇنچىلىك چوڭ ئۇتۇقنى كۈتمىگەن ئېدۇق»، دەپ نۆۋەت بىلەن كېلىپ، ئۇنىڭ قولىنى قىسىشتى. بىر ئايدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتۈپ، ۋەزىپە ئۇتۇقلۇق ئاياغلاشقاندا ئۆز ئىشىدا قول يەتكەن ئۇتۇقلىرى ئۈچۈن بەختىيار روزىباېۋ ئا ق ش مىللىي-ئىلمىي ئاگېنتلىقىنىڭ «ئانتاركتىدىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن» ئالتۇن مېدالى بىلەن تەغدىرلەندى. مۇشۇ يەردە بۇ مېدالنىڭ 1960-يىلى ئا ق ش پارلامېنتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمدۇر.بىز جەنۇبىي قۇتۇپ — ئانتاركتىدىغا ئاياق باسقان ئۇيغۇر يىگىتى بەختىيار روزىباېۋنى قىزغىن تەبرىكلەپ، كەلگۈسىدە  ئۇنىڭ ئوقۇش ۋە ئىلمىي ئىشلىرىغا چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.

مەنبە:http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-21325.html
ئەسلى مەنبە:http://uyguravazi.kz/?p=3403
[ بۇ يازمىنىسالمان888 2012-08-29 19:39قايتا تەھرىرلى ]
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-29 21:02

ئاللا بىزگە ئامانچىلىقنى بەرسىلا ئايغىمۇ چىقىمىز..........................
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-30 09:34

ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار.

                  _ ئاتىلار سۆزى
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-04 13:18

سىللەر ئۈزۈم يەڭلار بىز ئايغا چىقىمىز.................................   
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-06 18:33

   دوستلۇرۇمنىڭ  غېمى،
     ئىكەن  قوساقتا،
  گاھى ئىشلار توقلۇقتىن،
توسۇلار ئىكەن تۈز يولدا.................................
                                                                    
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-09-14 12:39قايتا تەھرىرلىدى ]
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-14 12:41

  قانائەتمۇ بار،
سائادەتمۇ بار.
مۇشاققەتمۇ بار،
  راھەتمۇ بار.............................