ئالدىڭقى بىر تېمىدا شىنجاڭدىكى تۈركمەنلەر توغرىسدا تېما يولىغان ئىدۇق . دۆلتىمىزدە ئۇلاردىن سىرتمۇ نامى 56 مىللەت ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن يىگانە مىللەتلەر مەۋجۇت . نوپوس تەكشۈرۈش خۇلاسىسىدا نامى تىلغا ئېلىنماي قالغان كۆپ كىشىلەر بىلەمەيدىغان بۇ مىللەتلەرنىڭ سانى 73 مىڭ ئەتىراپىدا ئىكەنلىكى ئىنقلانغان . تۆۋەندە بۇلار ئارىسىدىكى ئاساسلىقلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنىمىز .
1- ئەينۇلار (艾努人)
ئاساسلىقى تارىم ئويمانلىقى تەكلىماكان قۇملىقى ئەتىراپ بوستانلىقلىرىدا ياشايدۇ . يەرلىكتە ئابدال دەپمۇ ئاتىلىدۇ ... بۇلار توغرىسىدىكى مەلۇماتارنى بۇيەردىن كۆرۈڭ
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=149642- باجىيالار (八甲人)
باجالار ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىشۇاڭ بەننا مىڭخەي ناھىيىسى ئىچىدە يېزا كەنتلەرگە بۆلىنىپ ياشايدۇ .
باجالار ئۆزلىرىنى «باجا» دەپ ئاتايدۇ . ئۆزلىرىنىڭ تىلى بار بولۇپ دەيزۇ تىلغا ئوخشاپ قالىدۇ . دەيزۇلار بىلەن يېقىن ئالاقە قىلىدۇ . ئولتۇراق ئۆيلىرى ئاساسەن خەنزۇلارنىڭ ئۆي قۇرلۇشلىرىغا ئوخشايدۇ . كىيىنىش جەھەتتە ئىلگىرى ئۆزلىرىگە خاس كىيىملىرى بار بولۇپ ھازىر كۆپ كىيىلمەيدۇ .
3- بىسۇلار (毕苏人)
تەخمىنەن نوپوسى 6000 ئەتراپىدا بولۇپ ، ئاساسلىق تارقىلىش ماكانى يۇننەن ئۆلكىسى南普洱澜沧县 ۋە 南省西双版纳傣族自治州勐海县.
4- سەيزۇلار (菜族人 )
ئاساسلىقى گۇيجۇ نىڭ تغلىق رايونلىرىغا تارقالغان . جەمىيى 32 ئۆيلۈك ،170 ئادەم . خەنزۇ تىلى ئىشلىتىدۇ . كىملىكىگە ئاساسەن خەنزۇ دەپ تولدۇرۇلغان .
5- چۈەن چىڭلار (穿青人 )
چۈەنچىڭلار مىللەت نامى دۆلىتىمىز مىللەتلىرى قاتارىغا قېتىلىشنى كۈتىۋاتقان مىلللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ . كىملىكىگە چۈەنچىڭ مىللىتى دەپ يېزىلغان . چۈەنچىڭلار گۇيجۇ دىكى يىگانە يەرلىك مىللەت . ئاساسلىقى گۇيجۇ ئۆلكىسى غەربى قسمىدىكى بىجىې ، ئەنشۈن ، لىيۇ بەن شۈي شى ، قاتارلىق 20 نەچچە ناھىيەگە تارقالغان نوپوسى 670 مىڭ .
6- دىڭلار (僜人)
دىڭلار جۇڭگۇ بىلەن ھىندىستا چىگرىسىغا يېقىن جايدىكى چايۈ دەرياسى ۋادىسىدا ياشايدىغان مىللەت . نوپوسى 20-30 مىڭ ئەتراپىدا .
7-گېلۇلار (格鲁人)
جىياروڭ تىلىدا سۆزلىشىدۇ . سىچۈەننىڭ خېيشۈېي ، لىشىيەن ، ۋېنچۈەن جىڭچۈەن شىياۋجىڭ قاتارلىق ناھىيەلەرگە تارقالغان .
8- گۇچىياڭلار (顾羌人 )
مىللەت نامى دۆلىتىمىز مىللەتلىرى قاتارىغا قېتىلىشنى كۈتىۋاتقان مىلللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ گۇيلىڭ تىلىدا سۆزلىشىدي سىچۈەن ئۆلىكىسىگە تارقالغان بولۇپ نوپوسى 6 مىڭ ئەتراپىدا .
9-كېمۇلار (克木人 )
كېمۇلار دۆلىتىمىزدىكى نوپوسى ئەڭ ئاز مىللەتلەرنىڭ بىرى . ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىدە ياشايدۇ . نوپوسى 2 مىڭ ئەتراپىدا .
10- كۇسوڭلار ( 苦聪人)
ئاساسلىقى يۈننەندە ياشايدۇ ، نوپوسى 40مىڭ ئاساسلىقى تىلى لاخۇ تىلىغا يېقىن كېلىدۇ .
داۋامى داۋاملىق يولىنىدۇ .
ئەمدىكى تونۇشتۇرۇلىدىغان مىللەتلەر
土生葡人
莽人
摩梭人
茂族人
夏尔巴人
图瓦人
布里亚特人
占族
西家人
羿人
犹太
者来寨人
阿尔巴津人
مەنبە : ئەجداد تارىخ تورى .