خۇدا دۇنيانى ئاپىرىدە قىلىشتا باشتا ئۇنۇڭغا قارىدى ...
لېكىن ئۇ ماڭا قارىمايتتى .
مەن ئۇنۇڭغا قارايتتىم ...
ئۇ ماڭا ھومىياتتى ، مەن ئۇنۇڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتىم !
مەن ئۇنۇڭغا سالام قىلىشنى خالايتتىم ؟
لېكىن ئۇ سالامىنى چەكلىك دائىرىدە تەرك ئەتكەن ئىدى ؟
ئۇ خۇدانى سىرتقى شەكىل ئارقىلىق تۇنۇشنى ياخشى كۈرەتتى .
مەن خۇدانىڭ قەلبىنى تۇنۇشنى ئىستەيتتىم ، شۇڭا خۇداغا بولغان قەلبىم ئەڭ نازوك لەۋلىرىمگىچە ئىپادىسىنى تاپقاندەك تۇراتتى !
مەن پۈتۈن ئىنسانلارنى سۈيۈش ئارزۇيۇم ئىدى .
ئۇ ئۆزىنى سۈيۈشنى بىر نەچچە ۋاقىتتىلا ئەسلەيتتى .
مىنىڭ يۈرۈكۈم داۋاملىق خۇدا دەپ سۇقاتتى .
ئۇنىڭ يۈركىدە رىتىمسىزلىق بولغاچقا ، ناھايىتى ئاسانلا يۈرەك تىقىلمىسىدا قىينىلاتتى ، شۇڭا ئۇنىڭ نەزىرىدە ئادەملەرنىڭ ئىش -ھەركىتى ئوغۇرلۇغچە نەشىر قىلىنغان ئەرزان پىلاستىنكىدەك قىتىۋالاتتى .
مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ، پۈتۈن قەلبىمنى تىز سىزمام ئارقىلىق ئىپادىلەشنى «ھەق»نى چۈشەنگەنلىك دەپ بىلەتتىم ...
باشقىلار بۇيرۇق بىلەن ھەممە تامام بولىدۇ دەيتتى .
يەنە باشقىلار ئورتاقلىقنى تەشەببۇس قىلاتتى .
بەزىلەر بۇرۇنقىغا ئىسىلىۋىلىش ياخشى ئەمەس دەيتتى ... لېكىن ۋۇجۇدىدا داۋاملىشىۋاتقىنى بۇرۇننىڭ ،بۇگۈنى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇراتتى .
يەنە بەزىلەر مەن ئاتامنى سۈيىمەن ،بۇۋامنى سۈيىمەن ، ئۇلار بىزنىڭ ئۆچمەس مەشئەلىمىز بىز پەقەت شۇنىڭ يورىقىدا مىڭىشنى خالىمىغانلا يىرىمىز بار دەيتتى .
خۇدا ھەر ۋاقىت «ئاتا-ئاناڭنى سۆي »دەپ خىتاپ قىلاتتى ! كەڭ مەنىسىنى تەپسىرسۇناشلار چۈشەندۈرۈشنى خالىمايتتى ، ياكى بىلمەيتتى ، چۈنكى ئۇ ئكزىنىڭ ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇقلۇققا ئايلاندۇرۇشتىن قورقاتتى .ئۇ مەڭگۈ ياراتقۇچىنىڭ ئەمىرگە بويسۇنۇپ بۇلالمايدىغانلىقىنىلا بىلەتتى !
مەن ،ئۇ ، باشقىلار ،يەنە باشقىلار ، بەزىلەر ،يەنە بەزىلەر خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنى سۆيىدۇ ، ئەگەر شۇنداق بولمىسا ئىدى ، قۇياشنىڭ يۇرۇقلىقىنى ياخشىلارغا چۈشۈرۈپ ،يامانلارغا چۈشۈرمەيتتى ....