گۈلنىڭ شەرتى گۈل بەختى
(ئارۇز ۋەزنى،رەمەل بەھرىدىن)
گۈل ئۈچۈن بۇلبۇل كېرەك شېخىدا سايرايدىغان،
باغقا تاڭ بۇلبۇل كېرەك پەيزىدە يايرايدىغان.
تاڭ قۇياشى زىننىتى بارچىنى ئۇز ئۆستۈرۈپ،
گۈلگە- گۈل ئۆسمەس يېقىن پۇرىقى ئوخشايدىغان.
خۇشتىرى بۇلبۇل ئۇنىڭ جۈرئىتى پەرھاتقا تەڭ،
ئېرىشەلمەس گۈلىگە كۆزىنى نەملەيدىغان.
گۈل چاچار پاكلىق چېڭى شەبنەملا سۆيگەن پەقەت،
گۈل بىراق،ئاچماس چىراي ئۆزگىنى ئالدايدىغان.
تەشنالىق ئىلكىدە جان قىينىسا ھىجران چىداپ،
لىۋىدە ئۈنگەن تىكەن،چاڭقىسا قامدايدىغان.
بىر ئىشىق سەۋدا قىلار ۋەسلى دەپ تارتقان جاپا،
كىرسىمۇ تىكەنلىرى ئارقىغا يانمايدىغان.
جىڭ ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىق12-سىنىپ تەشنا
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-05 18:35قايتا تەھرىرلەندى ]