ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 434 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بورتالا ئىتتپاق لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 646
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
تۆھپىسى: 114
پۇلى: 994 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 174
ياخشى باھا: 890
توردا: 321(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-01
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-01 02:45

بورتالا ئىتتپاق لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

تۆۋەندىكسى چىمبۇلاق تورىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ  ئالتۇندەك قىممەت ۋاقتىنى ئاجىرتىپ دىيارىمزدا ئۆتكۈزۈلگەن  <بورتالا ئىتتپاق لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى > توغىرسىدا مەخسۇس ئىشلگەن فىلمى. مەن بارلىق تورداشلار نامىدىن ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ مۇسابىقىنى كەڭ تور جامائەتچىلىكىگە سۇنغانلغىغا چىن قەلبىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن .

دىيارىمىزدىكى گۈزەل يۇرتلاردىن بىرى بولغان مىھرى ئاتەش بورتالا دىيارى گۈزەل سايرام بويلىرى ، تەنگە شىپا ئارشاڭلىرى ، يەر ئاستىدىكى بايلىقلىرى بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئوت يۈرەك خەلقى بىلەن ئەلگە داڭلىق يۇرت .  بورتالا دىيارىدا سىزگە ئەڭ تەسىر قىلىدىغىنى كىشىلىرىنىڭ دوستانە ، قىزغىن ۋە مىھماندوستلىقى ... چىمبۇلاق ستۇدىيىسىدىن ئەرافات بىلەن مەن (چىمبۇلاق) بورتالا دىيارىدىكى بىر نەچچە كۈنلۈك كاماندىروپكىدا بۇلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتۇق .   
  
بورتالا شەھىرى 2012- يىللىق ئىتتىپاق لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش تەستىقىنى ئېلىشى بىلەنلا بۆرتالا ئوغلانى ، پۇتبۇل ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان ، بۆرتالا خەلقى بېشىدا ئېلىپ كۆتۈرگەن ، جاپاكەش ، مىھنەتكەش ئابدۇغېنى ئاكا بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ دىيارىمىزنىڭ پۇتبۇلچىلىقىغا ئازۇر - كۆپتۇر كۈچ چىقىرىۋاتقان چىمبۇلاق تورىنى بورتالا دىيارىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ بورتالا خەلقىنىڭ پۇتبۇل سۆيەرلىكىنى پۈتۈن ئەلگە ھەتتا دۇنياغا تونۇتماقچى بولغانلىقىنى ئىيتقاندا ، بىزمۇ ھاياجان ئىچىدە تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ ، مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلىغۇچ كۈنى بورتالا دىيارىغا يېتىپ بېرىپ مۇسابىقىنى سۈرەتكە ئېلىش ، زىيارەت فىلىمى ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەردە بولدۇق ھەمدە پۇتبۇل سۆيەرلىكى بىلەن ئەلگە تونۇلغان ئاكىمىز يۈسۈپ ھاجى ئىمىن ئاكىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆڭلىمىزنى ئېلىپ بېرىپ بورتالا خەلقىگە يەتكۈزدۇق .
بورتالادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە 16 كوماندا قاتناشقان بولۇپ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قېرىنداشلار كوماندىسى بىلەن قىزىلتوز كوماندىسى ئۈچىنجىلىكنى تالىشىدىغان  ، بۆرتالا دىيارىدىكى داڭدار پۇتبۇلچىلار يېغىلغان ئاتلان كوماندىسى بىلەن ئىھسان كوماندىسى بىرىنجىلىكنى تالىشىدىغان بولۇپ كىرگەن ئىكەن
نەتىجىدە قېرىنداشلار كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن قىزىلتوز كوماندىسىنى يېڭىپ ئۈچىنجىلىككە ئېرىشتى .   
ئاتلان كوماندىسى ئەزالىرى بورتالادا بۇرۇندىن توپ ئويناپ كېلىۋاتقان يىگىتلەردىن بولۇپ ، ئىھسان كوماندىسىمۇ ھەم شۇنداق ئىكەن ، ئىھسان كوماندىسى سىرتتىن قوشۇلغان ئىككى ئەزا يەنى يولۋاس بىلەن ئىلھامنىڭ كۈچى بىلەن ھۇجۇم ۋە مۇداپىيىدە خېلىلا كۈچلۈك بولۇپ ئىككى كوماندا كۈچى ئاساسي جەھەتتىن تەڭ كېلىپ قالدى ، ھەمدە ئاتلان كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ يېشىنىڭ بىر ئاز چوڭ بولۇشى قاتارلىق بىر نەچچە سەۋەبلەر بىلەن بىرىنجى مەيداندا 0:0 تەڭلىشىپ قالغان ئىككى كوماندا ، ئىككىنجى مەيدان باشلىنىپ ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ھۇجۇمغا ئۆتكەن يولۋاسنىڭ شىددەت بىلەن توپ ئېلىپ كىرىپ ۋاراتارغا ئۇرىشى بىلەن نەتىجە 1:0 بولۇپ ، ئىھسان ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىدى ، ئەمما ئارقىدىنلا ئاتلان كوماندىسى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ 9 - نۇمۇرلۇق ماھىرنىڭ 1 توپ ئۇرىشى بىلەن نەتىجە 1:1 بولۇپ قالدى ، بىر ئاز تىركەشكەندىن كېيىن ئىھسان كوماندىسى بىر بولۇڭ توپقا ئېرىشتى ، بۇلۇڭ توپنى يەنىلا يولۋاس باشلاپ شۇ جايىدىنلا ۋاراتارغا يۆگەپ تېپىپ ئۇرىۋەتتى ، شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە يولۋاسنىڭ 2 توپ ئۇرىشى بىلەن 2:1 نەتىجە بىلەن ئىھسان كوماندىسى بۆرتالا شەھىرى 2012- يىللىق ئىتتىپاق لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشتى .   
 
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككىلا تەرەپنىڭ ماھىرلىرى كۆپ كۈچ چىقارغان بولۇپ ئىھسان كوماندىسىدىن : يولۋاس ، ئىلھام ، نۇرمۇھەممەد قاتارلىقلار ، ئاتلان كوماندىسىدىن : ئىككى غېنى ، ۋاراتار ئەكرەم ۋە 17- نۇمۇرلۇق ، 9- نۇمۇرلۇق ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى  .   
 
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە جەريانىغا سىرتتىن كېلىپ قاتناشقۇچى بولغان بىزلەرگە مۇسەبىقە جەريانىدا بۆرتالا خەلقىنىڭ پۇتبۇل سۆيەرلىكى ۋە قىزغىنلىقى ، دوستانلىقىغا ئاپىرىن ئوقىدۇق . ئىشىنىمىزكى ئابدۇغىنى ئاكىدەك ئوغلانلار بىلەن بۆرتالا پۇتبۇلچىلىقى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كېلەچەكتە دىيارىمىز پۇتبۇلچىلىقىدىكى بىر يارقىن ئابىدە بولۇپ قالغۇسى ، پۇتبۇل ئۈچۈن تۆكۈلگەن ھەر بىر تەرىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن ئەزىزلەر ، تېنىڭكار سالامەت ، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن .   
بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدە بىزنى قىزغىن كۈتىۋالغان ، دوستانە قوللىرىنى سۇنغان قېرىنداشلىرىمىزدىن : ئابدۇغىنى ئاكا ، يارمەمەت ، ئەخەت ، خەيرۇللا ، نىجات ... قاتارلىقلارغا چىمبۇلاق تورى نامىدىن كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ئىيتىمىز ! 'oVx#w^mf  [flash=314,256,1]





















[ بۇ يازمىنىئۈمىديار 2012-09-01 03:01قايتا تەھرىرلىد ]
ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
دەرىجە: بىكەت باشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 111
پۇلى: 1291 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 122
ياخشى باھا: 372
توردا: 118(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-16
ئاخىرقى: 2012-10-28
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-02 00:04

ناھايىتى ياخشى بوپتۇ . مەنمۇ بۇندىن كېيىن قاراپ تۇرماي بوز قىرنىڭ ئامان -ئىسەن ئىچىلىشىغا ھەمدە مۇشۇنداق ئەزىمەتلەرنىڭ پۈتۈن دىيارىمىزغا تۇنۇلىشىغا  ئېنتىرنىت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ياردەم قىلىمەن .