ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 325 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: زىيالىلىرىمىز نېمە يېزىۋاتىدۇ؟[كۆچۈرۈلمە]
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-03 12:42

زىيالىلىرىمىز نېمە يېزىۋاتىدۇ؟[كۆچۈرۈلمە]

(بۇ ئەسەرنى مەلۇم بىر دۆلەتتە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆز شەخسىي بىلوگىدا ئېلان قىلغان ئىكەن، مەن ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ئانا تۇپراق مۇنبىرىگە يوللاپ قويدۇم، بۇ يازما مۇشۇ ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى ئادىرسىنى مەنبە ئۇلانمىسى قىلىپ ئەسكەرتىلگەن شارائىتتا باشقا ھەرقانداق مۇنبەرگە يۆتكەلسە بولىدۇ.)



بىز زىيالىلارنى قەدىرلەيمىز. ئۇلارنىڭ خەلققە يول باشلىغۇچىلار ئىكەنلىكىدەك ئورنىنى مۇتلەق ئېتراپ قىلىمىز. ئۇنداقتا ئۆزىمىزدىن سوراپ باقتۇقمۇ- زىيالىلار كىملەر؟ ئىلگىرى بىز يازغۇچىلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم زىيالىلىرىمىز دەپ قارىغان ئىدۇق. ئەدەبىي يازغۇچىلىرىمىز جەمىئەتتىكى ئىجدىمائىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ خەلقىمىزغا چىقىش يولى تېپىپ بېرىدىغان شەخسىيەتلەر دەپ قارىلىپ، ئىككى يازغۇچىنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلىگە تۇتقان ئىككى خىل پوزىتسىيىسى مەزكۇر يازغۇچىلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۆزى ياقتۇرغان قەلەم ئىگىسىنىڭ تەرىپىنى تۇتىشى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر جەمىئىتى ئىجدىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدا نەچچىگە بۆلۈنۈپ كېتىش ھادىسىسى ئومۇملاشقان ئىدى. ئىلىم دۇنياسىدا بۇ نورمال ھالەتتەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما بىزنىڭ ئۆزىمىز ياقتۇرغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە قارشى ئىدىيىدىكى يازغۇچىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قەلەمدە ھەتتا ھەرىكەتتە ھۇجۇم قىلىدىغان ھادىسىلەر يۈز بەرگەن ئىدى. ئۆزىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىلىرىدىن مەدەت ئالغان يازغۇچىلىرىمىزمۇ كۈرىشىنى <باتۇرلۇق> بىلەن داۋام قىلاتتى. شۇ زاماننىڭ مەھسۇلى بولغان يازغۇچى-ئوبزورچى رىقابىتىنىڭ ۋەكىللىك خارەكتېرىگە ئىگە ئۇزۇن يىللىق پەرھات تۇرسۇن – يالقۇن روزى كۈرىشى جەمىئىتىمىزنىڭ پىكىر دۇنياسىنى خاتا يولغا باشلاپ، يېزا قىشلاقتىن تارتىپ چوڭ شەھەرلەرگىچە بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما بىز يازغۇچىلارنىڭ يۇقارقىدەك ئىجدىمائىي مەسىلىلەردىكى تەھلىلى ۋە مەيدانىنىڭ قانچىلىك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سوئاللىرىمىزنى بەكلا كېچىكىپ سورىدۇق. شۇنداق، كېچىكىپ بولسىمۇ ئاخىرى سوئال سورايدىغان ئادەم چىقتى ۋە يۇقارقىدەك ھادىسىلەر سەل بېسىققاندەك قىلدى. يازغۇچىلىرىمىزمۇ جەمىئىتىمىزدىكى ئىجدىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغاندا سەل ئېھتىيات قىلشنى ئۆگەندى.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدا يېڭى بىر شەكىل پەيدا بولغان بولۇپ، چەتئەلدە تۇرۇپ ۋە ياكى چەتئەلگە بېرىپ كېلىپ ماقالە ئېلان قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە بۇ خىل ئېقىم بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ خىل تۈردىكى ماقالىلار ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ياختۇرۇپ ئوقۇلىدىغان ئورۇنغا ئۆتتى. ئىلگىرى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تورلاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ئاساسىي ئېقىمنى ئىگىلىگەن بولسا، كېيىنچە بۇ ئېقىمنىڭ مەھسۇلى بولغان كىتاپلارمۇ نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ كىتاپلارنىڭ ئەڭ ئالدىنى <موسكىۋا خىياللىرى>دىن باشلاپ سانىساقمۇ، <يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام>،<ئۆزلۈك ۋە كىملىك>، <ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە> دېگەندەك كىتاپلارمۇ يېزىلغان بولدى. ئەمدى بولسا بۇ يېڭىچە ئېقىمنىڭ ۋەكىللىك شەخىسلىرىگە ئايلىنىۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا يېڭىچە تەسىر قوزغىدى. بۇ زىيالىلارنىڭ ئىلگىرىكى ئېقىمنى بېسىپ چۈشۈپ يېڭىچە تەسىر قوزغىيالىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىئىتىگە يېڭىچە پىكىر، ئىدىيىلەرنى تونۇشتۇرغانلىقى سەۋەپلىكلا بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان چەتئەل ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ دىپلوملىرىنىڭمۇ بولغانلىقى ئىدى. ئەمما چىقارغان بۇ ھۆكۈمىمىزنىڭ پۈتۈنلەي تولۇق بولمىغانلىقىنى ئەختەم ئۆمەرنىڭ <يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام> ناملىق كىتابىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، دېمەك ھۆكۈمنىڭ چالا قالغان يېرى: بۇ زىيالىلارنىڭ چەتئەلنى (قىسقا مەزگىل بىر قېتىم بولسىمۇ) كۆرگەن بولىشىمۇ مۇھىم ئىدى. يەنى خەلقىمىز ئىلگىرى ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان يېڭىچە پىكىرلەرنى، يېڭى جۇغراپىيەنىڭ ئۆزگىچە تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشنى ياقتۇرغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئېقىم يۇقۇرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، جەمىئىتىمىزدە بەلگىلىك تەسىرگە ئېرىشتى. ئەمما بۇ ئېقىمنىڭ <مودا>غا ئايلانغىنىغا خىلى يىللار بولغان بولسىمۇ، بۇ تۈردىكى ئەسەرلەر، كىتابلار ۋە يازمىلار توغۇرلۇق سوئال سورايدىغان زىيالى چىقمىدى. شۇ سەۋەپلىك بۇ ئېقىم، <چەتئەلگە باغلاپ يېزىش> ئېقىمى توغۇرلۇق سوئال سوراش پېقىر ئاددىي سىتۇدېنتقا چۈشتى.

سوئالىمغا كېلىشتىن بۇرۇن شۇنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن، مەن بىر زىيالى ئەمەس. كېيىن زىيالى بولۇش غايەممۇ يوق. مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. يەنى مېنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىم ئىلىم دۇنياسىدىكى بىر ئىزدەنگۈچى، ئۆگەنگۈچى. شۇنداق بولغان ئىكەن، تەبىئىي ھالدا ئاكادىمىيەنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى، پىرىنسىپلىرى مەن ھەم ئەمەل قىلىدىغان ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغان نۇقتىلاردۇر. شۇ سەۋەپلىك زىيالىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىقىمىز بولغان ئاكادىمىيەنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە پىرىنسىپلىرىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، سوئالىمنى ئوتتۇرىغا تاشلىماقچىمەن.

ئەسلىي سوئالىمىزغا كېلىشتىن بۇرۇن، <زىيالىلارنىڭ ھەممىمىز ئېتراپ قىلغان  ئورنى، خەلققە يول باشلىغۇچى بولۇشتىكى سەۋەبى نېمە؟ >دېگەن سوئالغا جاۋاپ تېپىۋېلىشىمىز لازىم. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئەڭ بالدۇر ئويغانغان كىشىلەر ئىكەنلىكىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى نەزەرىۋىي ئاساسىي ئۇلارنىڭ بىلىمى بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆز ساھاسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرگەنلىكى ۋە ئىزدەنگەنلىكى ئۇلارنىڭ تەجىربىسىدۇر. ئۇلار ئاشۇ بىلىمى ۋە تەجىربىسىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۆز ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەۋجۇت مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تاپقۇچىلاردۇر. ئەمىسە ئويغىنىش دېگەن قانداق بولىدۇ؟ ئويغىنىش بىر مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تولۇق چۈشۈنۈش، ۋە ئۇنىڭغا ھەسسە قوشىدىغان ئىجابىي ۋە سەلبىي ئامىللارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى كۆرۈش دېمەكتۇر. زىيالىلار، يېڭى پىكىر ئادەملىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى كۆرۈپ يەتكەن مەسىلىلەر ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈملىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسقا تايانغانلىقىدەك ھەقىقىتى بىلەن ئۆز پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغۇچىلاردۇر. ئەگەر بىر زىيالىي مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلمىي ئاساسقا تايىنىپ چىقارغان ھۆكۈملىرىدىن ۋاز كەچسە، بۇنداق زىيالىي ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ۋە ئەڭ كۈچلۈك قورالى بولغان پىكرىنى ساتقان كىشىدۇر. بۇنداق شەخسىيەتنى ئىلىم دۇنياسىدا زىيالى دەپ قارىمايدۇ، چۈنكى ئىلىم دۇنياسىدا تەشۋىقات ۋە سەپسەتىگە ئورۇن يوق. زىيالىلارنىڭ جەمىئەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، خەلق تەرىپىدىن قەدىرلەنگەنلىكىمۇ دەل ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى بىلەن يەكۈنلىگەن ھۆكۈمىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالىغانلىقى ۋە ئۆز پىكىرىنى، تومتاق قىلىپ ئېيتقاندا، قەلىمىنى ساتمىغانلقىدىدۇر.

بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىككى نۇقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنجىسى زىيالىنىڭ مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن دادىللىقىنىڭ يوقالغان-يوقالمىغانلىقى. ئىككىنجى نۇقتا زىيالىلارنىڭ تەھلىل قىلىۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ ئۆز ساھەسى بولۇپ-بولمىغانلىقى.

ئۇنداقتا بىز تىلغا ئېلىۋاتقان زىيالىلار دادىللىقىنى يوقاتتىمۇ؟ ياكى پىكرىنى، قەلىمىنى ساتتىمۇ؟ ياق، ئۇلار ئۆزى ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلىۋاتقان ساھەلىرىدىكى ئۆزى ھېس قىلغان بىلىم، پىكىر، قاراشلارنى ۋەتىنىدىكى خەلقىگە يەتكۈزۈشنى ئۆزىگە بۇرچ دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر جەمىئىتىنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىغا يېڭى پىكىرلەر، بىلىملەر بىلەن تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى كىملىك مەسىلىسى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ.

ئىككىنجى نۇقتىغا كەلسەك، زىيالىلار ئۆز ساھەسىدىن چىقىپ باشقا ساھەدىكى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۆز ساھەسى بولمىغان بۇ ئىلىمگە قارىتا ئىلمىي نەرەرىۋىي ئاساسىنىڭ ۋە تەتقىقات تەجىربىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئويلىنىپ كۆرىشى كېرەك. بۇنىڭغا مۇنداق بىر مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم. يېقىندا مىسرانىم تورىدا مەزكۇر تور شىركىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبەتنى كۆردۈم. سۆھبەتتە جالالىدىن بەھرام ئەپەندى شۇنداق بىر ھۆكۈم چىقىرىدۇ:

- زەھەر (خىروئىن) چەككۈچىلەر ئۇنى تاشلىغۇچە ھايۋاندۇر.

بۇ ھۆكۈم نېمىگە ئاساسلىنىپ چىقىرىلدى؟ ئەگەر دارۋىنىزىمچىلار بۇ ھۆكۈمنى كۆرسە، ھەممە ئىنسانلارنىڭ مايمۇندىن يېتىلگەنلىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بۇ ھۆكۈمنىڭ بىر قىسمىنى قوللىشى مۇمكىن. ئەمما خىروئىننىڭ ئىنسانلارنىڭ مايمۇن دەۋرىدىلا مەجۈت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش دارۋىنىزىمچىلارغا يېڭى تېما بولۇپ تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ھېچقانداق بىئولوگىيە ۋە ياكى ئاناتومىيە ئىلمىنىڭ تەتقىقاتچىسىمۇ ئىنساننىڭ زەھەر چېكىشىنى ھايۋانغا باغلىيالماسلىقى تەبئىي. ئەگەر يۇقارقى ھۆكۈم تىلغا ئېلىنغان ئىلىملارغا ئاساسەن ئەمەس بەلكى ئەخلاق ئۆلچىمىدە چىقىرىلغان بولغان تەقدىردە (شۇنداقلىقىغا ئىشىنىمەن)، جالالىدىن بەھرام ئەپەندىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق ۋە پەلسەپە ئىلىملىرىدىكى قايسى ئاساسقا تايىنىپ تۇرۇپ ئۇ ھۆكۈمنى چىقارغانلىقى سورىلىشى كېرەك. ئەگەردە بۇنداق سوئال سورالمىغىنىدا، بۇ ھۆكۈم توغرىسىدا ئويلىنىش ئوقۇرمەنگە قالىدۇ. يەنى ئوقۇرمەن شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ئەدەبىي يازغۇچىنىڭ ساھەسى ۋە كەسپىي دائىرىسى بولسا تۇرمۇشنى كۈزۈتۈش ۋە بەدىئىي ئوبراز يارىتىش ئارقىلىق ئىجدىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئىلىم قىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە يۇقارقىدەك چىقارغان ھۆكۈملىرى بولسا پەقەت ئۆزىنىڭ ياكى ئەسىرىدە يارىتىلغان مەلۇم ئوبرازىنىڭ كۆز-قارىشى بولۇپ، پەقەت جەمىئەتتە شۇنداق قاراشنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنىلا كۆرسىتىدۇ. ھەرگىز ئۇ قاراشنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ئىلمىي ئاساسنىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك بولمايدۇ. يەنى تەتقىقات تېمىسى زىيالىنىڭ ئۆز ساھەسى بولىشى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر.

ئەمدى <چەتئەلگە باغلاپ يېزىش> ئېقىمىمىزغا قايتىپ كېلەيلى. بۇ ئېقىمدىكى زىيالىلىرىمىز نېمە يېزىۋاتىدۇ؟ ئالدى بىلەن مەزكۇر ئېقىمدىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ژانىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قاراپ باقايلى. نەسىرمۇ؟ ياق، ھېكايىمۇ؟ياق، پوۋسىتمۇ؟ ياق، رومانمۇ؟ ياق. شېئىرمۇ؟ بەزىدە شۇنداق، ئەمىسە كۆپىنچە ئەھۋالدا نېمە؟ ماقالە. قانداق ماقالە؟ ئىلمىي ماقالىمۇ؟ ياق. ئەمىسە قانداق ماقالە؟ مەنچە بولغاندا ساياھەت خاتىرىسى تەسىرات ماقالىسى ياكى ئەدەبىي خاتىرە ۋە ياكى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى. ئۇنداقتا بۇ تۈردىكى يازمىلارنىڭ ئىلمىي قىممىتى نەردە؟ بۇ تۈردىكى يازمىلارنىڭ ئىلمىي قىممىتى بۈگۈنچە يوق، ئەمما كەلگۈسىدە تارىخچىلار بۇ زىيالىلىرىمىزنىڭ شەخسىي ھاياتى توغرىسىدا ئىزدەنسە، بۇ يازمىلار ھەقىقەتەن ئىلمىي قىممەتكە ئېرىشىدۇ. ئەمىسە ئۇلارنىڭ يازمىلىرىدىكى تەتقىقات تېمىسى ۋە تەتقىقات ئۇسۇلى نېمە؟ ئۇلارنىڭ يازمىلىرى ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى كىملىك مەسىلىسىنى تەتقىقات تېمىسى قىلىپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان، ياشىغان، ئوقۇش ئۈچۈن تۇرغان دۆلەتلىرىدىكى جەمىئەت بىلەن ئۇيغۇر جەمىئىتىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەزكۇر تېما ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇنداقتا بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز تەتقىقات ساھەسىمۇ؟ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆز ساھەسى ئەمەس، بەزىلىرى تەبئىي پەن تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، پەقەت ئىجدىمائىي پەن ساھەسىدىكى بوشلۇقنى ھېس قىلغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك بۇرچىنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېما ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بەزىلىرى ئىجدىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى بولسىمۇ، تارىخ، جۇغراپىيە، تىلشۇناسلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئەھلى، مەزكۇر تېمىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىنسانشۇناسلىق ۋە جەمىئەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئەھلى ئەمەس. ھاۋاي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇغۇچىسى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندى <ئۇيغۇرلاردا ئىجدىمائىي ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى> دېگەن ماقالىسىدا كۆرسەتكىنىدەك، بىزدە يالغۇز ئىجدىمائىي پەندىلا ئەمەس، بەلكى كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانشۇناسلىق ۋە جەمىئەتشۇناسلىق ئىلىملىرىدا كىرىزىس مەۋجۈت. بۇ ئىلىملار بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي تەتقىقاتچىلىرىمىزنى ساناش ئۈچۈن قول بارمىقىمىز يېتىپ ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا بىزنىڭ كىملىك مەسىلىمىزنى ئىلمىي ئاساستا تەتقىق قىلىشىمىزدىن قانچىلىك ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ؟ تەبىئىيكى بۇ ئىزدىنىشلىرىمىزدە ئىلمىي نەزەرىيە ئاساسىغا ئۇيغۇن بولمىغان نۇرغۇن نۇقسانلار مەۋجۈت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، ئاكادىمىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەرخىل خاتالىقلارمۇ ھەم مەۋجۈت. گەرچە مېنىڭ كەسپىم بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ئاكادىمىيەنىڭ ئاساسىي قائىدە-تۈزۈملىرى، پىرىنسىپلىرى ئارقىلىق <چەتئەلگە باغلاپ يېزىش> ئېقىمىدىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ ۋەكىللىك خارەكتېرىدىكى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئاكادىمىك خاتالىقلارنى مىسال شەكلىدە بېرىپ ئۆتەي؛

ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىمگە سېلىشتۇرۇلدى ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ:

مەنچە ئەگەر مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە خاسلىقنى بىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە ئۆزگىچىلىكتىن زوقلىنىش دائىرىسىدە چەكلەنسە مۇۋاپىق. 1. ئۇيغۇر تۈركىيلىككە سېلىشتۇرۇلسا بولامدۇ؟ مەنچە بولمايدىغان يېرى يوق، ئەمما نېمىنى سېلىشتۇرىمىز، نېمە مەقسەدتە سېلىشتۇرىمىز، شارائىت ئامىلىنى قانداق ئويلىشىمىز، قانداق ئۆلچەمنى قوللۇنۇپ سېلىشتۇرىمىز دېگەنلەر ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى سېلىشتۇرغان ئەختەم ئۆمەر يۇقارقىلارغا ئەمەل قىلدىمۇ؟ ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى مۇكەممەل چۈشنەرمىدى؟ بۇلارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئاۋۋال ئاپتۇرنىڭ سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى. ئاپتۇر ئەسىرىدە بىر تۈرك ئايالنىڭ كوچىدا لاي بولغان ئۆزىنىڭ ۋە قىزىنىڭ ئايىقىنى چوڭ يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال پاكىزە سۈرتكەنلىكىنى يازىدۇ. بۇنى تۈركلەرنىڭ ئاڭلىق، پاكىز، جامائەتنىڭ تازىلقىنى ئاسرايدىغان پەزىلەتلىرىگە مىسال قىلىدۇ. ئۇيغۇرنى بۇنىڭ قارشىسىغا قويۇپ ئەخلەت چىلەكلىرى تەييار تۇرسىمۇ كوچىغا ئەخلەت تاشلايدىغان، كوچىلار يېڭىلا تازىلانسىمۇ پاكىزلىككە ھىچ رۇئايە قىلمايدىغان، ئاممىۋىي تازىلىق ئېڭى ئاجىز قالاققا چىقىرىپ ئەيىپلەيدۇ. مەن ئالتە ئاي تۈركىيەدە بولدۇم، ئىستانبول، ئەنقەرە، ئىزمىر، قاتارلىق شەھەرلەرنى كەزدىم، لېكىن ئەختەم ئۆمەر كۆرگەن مەنزىرىنى پەقەت كۆرەلمىدىم. ئەكسىچە ئەنقەردە تاماكا چېكىپ كېتىۋاتقان قىز يىگىتلەرنىڭ تاماكا قالدۇقىنى خالىغانچە كوچىغا تاشلاۋاتقانلىقىنى، ساقچىلار ئىشتىن چۈشكەندە قىزىل ئاي مەيدانىدا كاۋاپچىلارنىڭ ئىس چىقىرىپ كاۋاپ پۇشۇرىۋاتقانلىقىنىنى، پۇتبول مۇسابىقىسىدە تەرەپتارلىرى يېڭىلسە ئورۇندۇقلارنى چېقىۋەتكەنلەرنى كۆردۈم

ئابدۇۋەلى ئەپەندى بۇ يەردە تولىمۇ توغرا پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما، دەلىل كەلتۈرۈشتە ئاكادىمىيە قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان خاتالىق سادىر قىلىدۇ. يەنى ئاپتور ئەختەم ئۆمەرنىڭ چىقارغان تۈركلەرنىڭ پاكىزلىقى ئادىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاشتا ئەختەم ئۆمەر مەزكۇر ھۆكۈمنى چىقىرىشتا سادىر قىلغان ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلىدۇ. بۇنى ئاكادىمىيىدە بىرىنجى تەسىراتنى ئاساس قىلىپ ئىندىۋىداللىقنى ئومۇمىيلىققا كۆتۈرىۋېلىش دەيمىز. يەنى ئەختەم ئۆمەر راستلا شۇنداق لاي ئايىقىنى سېلىۋەتكەن ئايالنى كۆرگەندۇ، ئەمما بۇ بىر ئايال ھەرگىزمۇ پۈتۈن تۈرك مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەمەس. ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ خاتالىقى بولسا، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئالتە ئاي ئىچىدە شۇنداق ھادىسىنى كۆرمىگەنلىكىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ ئۆز ھۆكۈمىنى چىقىرىدۇ. ئەمىسە ئالتە ئىچىدە ئەگەر شۇنداق بىر ھادىسىنى كۆرگەن بولسىچۇ؟ بەلكىم ئەختەم ئۆمەرنىڭ ھۆكۈمىنى توغرا دەپ خۇلاسىلىگەن بولاتتى. تۆۋەندىكى پارچە ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ ئامېرىكىلىق بولماق ئاسانمۇ ناملىق ماقالىسىدىن:

تانىيە ئىسىملىك روسسىيەلىك بىر دوستىمىز بار ئېدى. ئۇنىڭ دادىسى ئەرمەنىيىلىك، ئانىسى روس بولۇپ ئۆزىنى ئەرمەن دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ يولدىشى خارۋارد مەكتىپىمىزنىڭ جۇغراپىيە ڧاكۇلتىتىدا دوتسىنىت بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا بەكلا قىزىقاتتى. ئامېرىكىدىكى يىللاردا ئۇلار بىلەن ناھايىتى قويۇق ئارىلاشتۇق. بىر كۈنى تانىيە ئۆيىگە لازىملىقلارنى توردىن زاكاس قىلىپتۇ. نېمە ئۈچۈنكىن لازىمەتلىكلەر ۋاقتىدا كەلمەي كېچىكىپ قاپتۇ. مال يەتكۈزگۈچى يىگىت قايتا-قايتا كەچۈرۈم سوراپ مالنى تاپشۇرۇۋاتقاندا تانىيە يىگىتكە چېچىلىپ كېتىپتۇ. ئۆيدە باشقا ئىشقا مەشغۇل خارۋارد بۇنى ئاڭلاپ يىگىتتىن ئايالى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپتۇ. ئاندىن ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن، “ ئايالىم روسسىيەدىن كەلگىلى ئۇزۇن بولمىدى. ئۇ ئامېرىكىلىق ئەمەس، شۇڭا سىزگە دەپ سالغانلىرىنى كۆڭلۈڭىزگە ئالماڭ“ دەپتۇ. تانىيە ئېرىدىن نېمىشقا شۇنداق دەيدىغانلىقىنى سورىسا ئۇ ”ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بىرسى تۇنجى قېتىم بىر ئىشنى خاتا قىلىپ سالغاندا بۇنچە قاقشاپ، ئەيپلەپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنىڭ ئۇنى چېچىلىپ ئىيپلەپ كېتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. مۇلازىمىتىدىن رازى بولمىغان بولساڭ بېرىشكە تىگىشلىك تاپان ھەققىنى بەرمىسەڭلا، ياكى مۇلازىمەتتىن رازى بولمىغانلىقىڭنى شىركەتنىڭ توردىكى پىكىر ئېلىش سەھىپىسىگە يېزىپلا قويساڭ بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلار سەندەك باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ۋارقىراپ، قورقۇتۇپ ئىتىراپ قىلغۇزمايدۇ. پەقەت خاتالىقىنىڭ بەدىلىنى ئۈنسىز ئۆتەشكە مەجبۇر قىلىدۇ.“ دەپتۇ

ئاپتور بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا كۆرگەن بىر ھادىسىسى ئارقىلىق پۈتۈن ئامېرىكىلىقلارنىڭ خارەكتېرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارماقچى بولىدۇ. بۇ ھۆكۈمنى رەت قىلىش ئۈچۈن مۇنداق بىر دەلىلنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى توغرا كۆردۈم. ئامېرىكىدىكى كۆرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى توردا تارقىتىلىدىغان سىياسىي ۋە ئىجدىمائىي تاراتقۇسى ياش تۈركلەر پىروگراممىسىنىڭ 2011-يىلى 14-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ دېرىكتورى سىتىۋ جوبس شۇ يىلى 9-ئايدا ئۆز شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان موبىلمې توغۇرلۇق ئېچىلغان يىغىننى <ماڭا بىرەرسىڭلار موبىلمې نىڭ نېمە قىلىش ئۈچۈن لاھىيەلەنگەنلىكىنى دەپ بېرەمسىلەر؟> دەپ باشلايدۇ ۋە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاغزىنى بۇزۇپ <ئەمىسە بۇ ھاراملىق نېمە ئۈچۈن لاھىيەلەنگىنى بويىچە ئىجرا قىلمايدۇ؟!> دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئالما شىركىتىنىڭ موبىلمى تۈرىگە مەسئۇل بولغان ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىمىنى شۇ يەردىلا ئىشتىن بوشىتىدۇ. دېمەك ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا سىتىۋ جوبس تېخى ئامېرىكىلىق بولۇپ بولالمىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ يۇقاردا چىقارغان ھۆكۈمىنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئانالىز قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز.

تۆۋەندىكى پارچە ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ مۇكەممەل جەمىئەت ۋە كەمتۈك ئىنسان دېگەن ماقالسىدىن:

مۇكەممەل تۈزۈم ھەممە ئىنساننىڭ قىلىقلىرىنى توغرا يولغا سېلىپ بولالامدۇ؟ ياق. مەكتىپىمىزدىكى بىر كۇتۇپخانا كېچەيۇ كۈندۈز تاقالمايتتى. بىر جۈمە كۈنى كەچتە چىقسام مۇلازىم سىتۇدېنت ”يېرىم سائەتتىن كېيىن تاقايمىز، شۇڭا بىنادىن ئايرىلىشىڭلارنى ئىلتىماس قىلىمىز“ دەپ قالدى. ئاتايىن كەلگەن ۋاقتىمغا ئاچچىقىم كېلىپ ھارغىن، نارازى قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئۆيۈمگە قايتتىم. نەچچە يۈز ئادەم سىغىدىغان بارلىق ئەسلەھەلىرى تولۇق كۈتۈپخانىدا پەقەت ئۈچ تۆتەيلەنلا بار ئېدۇق. ئىككىنجى جۈمە كۈنى كەچتە يەنە شۇ مۇلازىم قىز ئوخشاش گەپنى تەكرارلىدى. كۈتۈپخانىدىكى بەش ئالتەيلەننىڭ كۆپىنچىمىز چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىكەنمىز. قارىسام ھەممىسى كېتىش تەييارلىقىغا چۈشتى. پەقەت مەن دائىم ئوخشاش ئورۇندا ئولتۇرغىنىنى كۆرىدىغان بىر ئامېرىكىلىقلا جايىدىن مېدىرلىمىدى. ئۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ قىمىر قىلماي ماقالەمنى يېزىشقا داۋام قىلدىم. بىر چاغدا بېشىمنى كۆتۈرسەم ھېلىقى ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى ھېلىقى بىزنى قوغلىغان مۇلازىم قىزغا ۋارقىرىغىلى تۇرۇپتۇ. ”مەن مىڭ تەستە تاپقان پۇلۇم بىلەن بۇ يەردە ئوقۇيمەن، سەنلەر كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا كىنو كۆرۈپ كۈتۈپخانىدا نۆۋەتچى بولۇۋاتىمەن دېگەن باھانە بىلەن سائىتىگە 13 دوللار ھەق ئېلىشىسەن. نېمە بىزنى قوغلايسەن. سەن بىزنى بىلمەيدۇ دەمسەن. سەن يېرىم سائەت بۇرۇن تاقاپ كەتكەن بىلەن بىر سائەتنىڭ پۇلىنى ئالىسەن، سەنچە بۇ توغرىمۇ؟“ ھېلىقى قىز شەلپەردەك قىزىرىپ باشقا گەپ قىلالمىدى. ئەسلىدە بۇ قىز يېرىم سائەت بۇرۇن ”ئىشتىن چۈشىمەن“ دېگەننى باھانە قىلىپ كۈتۈپخانىدىكىلەرنى قوغلايدىكەن. كېيىنكى نۆۋەتتە كېلىدىغان مۇلازىم سىتۇدېنت ئىشقا كېلىپ ”كۈتۈپخانىدا ئادەم يوق“ دېگەننى باھانە قىلىپ قايتىپ كېتىدىكەن. مۇئاشنى بولسا ئىككىلىسى تىيىننى كەم قىلماي ئېلىۋېرىدىكەن

ئاپتور ئەسىرىدە يەنە ئامېرىكىلىقلارنىڭ يالغان سۆزلەشتىنمۇ ياخشى پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئۆزى كۆرگەن ھادىسىلەرنى دەلىل قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىدەك تۈزۈمى مۇكەممەل بولغان دۆلەتتىمۇ ئىنسانلار يەنىلا نۇقسانلارنى سادىر قىلىدۇ دېگەن خۇلاسىغا كېلىدۇ. بۇ توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىشتىن بۇرۇن، نېمە توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلىۋاتقىنىمىزنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك. مۇكەممەل جەمىئەت دېگەن نېمە؟ دىندار كىشىلەر جەننەت دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن. دېمىسىمۇ، مۇكەممەل جەمىئەت دېگەن ئۇقۇم بەكلا ئابستىراكىت ئۇقۇم بولۇپ، مۇكەممەل جەمىئەتنىڭ شەكىللىنىش ئۈچۈن ئىجدىمائىي مەسىلىلەر ئاز نۇقتىغا چۈشۈرۈلگەن، باي-كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى پەرق كىچىكلىتىلگەن، ئىنسانلارنىڭ ياشاش شارائىتى ياخشىلانغان، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى تۆۋەن بولغان، جىنسي- ئېرقىي، دىنىي ۋە مىللىي كەمسىتىش يوق بولغان…. دېگەندەك ئامىللار بولىشى كېرەك.  بەزى شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جەمىئىتى بۇ ئۇقۇمنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئامىللىرىنى ئۆزىدە قىسمەن نامايەن قىلغان. ئەمما كۆپ دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا جەمىئىتىنىڭ بۇ ئۇقۇمغا يېقىن كېلىشى قىيىن. ئەمىسە ئامېرىكا جەمىئىتى قانداق؟ ئامېرىكا جەمىئىتىنىڭ نۇرغۇن ئىجابىي تەرەپلىرى بولسىمۇ ئەمما مۇكەممەل جەمىئەت دېگەن تېرىمنى تولدۇرۇشقا تېخى قادىر ئەمەس.

ياشاش شارائىتى

ئامېرىكىلىق مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچى مايكىل مورنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى <قالاق، ئىپتىدائىي> تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان كۇبادىكى ئىنسانلارنىڭكىدىن تۆۋەن.

ئاياللار

ئامېرىكىدىكى ئاياللار ھوقۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئى.گ. گىراف خانىمنىڭ ئامېرىكا ئىستىقبالى ناملىق تور گېزىتىدە ئامېرىكا مەركىزى تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن نەقىل ئېلىپ يېزىشىچە، 2001-يىلى 9-ئايدىن 2012-يىلى 6-ئايغىچە ئامېرىكىنىڭ تېرورچىلىققا قارشى ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئەسكەر ۋە پۇقرالار سانى مۇنداق ئىكەن: دۇنيا سودا مەركىزىدە ئايروپىلان سوقۇلىشىدا ئۆلگەن ئادەم سانى 3073، ئافغانىستاندا ئۆلگەن ئەسكەر سانى 2002، ئېراقتا ئۆلگەن ئەسكەر سانى 4486. 2001-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئامېرىكىدا يولدىشى ياكى ئوغۇل دوستى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئايال سانى 11766 بولۇپ، تېررورچىلىققنىڭ قۇربانى بولغان خەلق ۋە تېرورچىلىققا قارشى ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىدىن كۆپ ئىكەن.

جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى

ئامېرىكىدا جىنايەتچىلەر نىسبىتى ھەر 100،000 نوپۇسقا 730 بولۇپ دۇنيا بويىچە جىنايەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسقا بولغان نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى دۆلەتتۇر.

بايلار-كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى پەرق

ئامېرىكا بايلار-كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ چوڭلۇقىدا 2011 –يىلى دۇنيا بويىچە تۆتىنجى ئورۇندا تۇرغان.

ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ يۇقارقى ماقالىلىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈملەرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى مۇنازىرە قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ھۆكۈملەرنى چىقىرىشتا ئاساسلانغان دەلىللەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يەنى مەزكۇر ماقالىلاردا بېرىلگەن دەلىللەر پەقەت ئاپتورنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردە ئوقۇش، ياشاش جەريانىدا ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن تەجىربىلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان. بۇنى ئىلىم دۇنياسىدا تۇنجى تەسىراتتىن كەلگەن ھىكايىۋى دەلىل دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بۇ خىل دەلىللەردە خۇددى يۇقارقى ماقالىلاردا تىلغا ئېلىنغىنىدەك ئىندىۋىداللىقنى ئومۇمىيلىققا كۆتۈرىۋېلىشتىن ئىبارەت تىپىك نۇقساندىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىر زىيالىنىڭ مەقسىدى بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش بولسا، بۇنى ئۆز دۆلىتىدىكى بىرەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارقىلىق ئورۇندىغىلى ۋە تەتقىقات دائىرىسىدىكى ئىككىنجى دۆلەتكە بېرىپ ئۆز بىلىمىنى تاكامۇللاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ ھازىرقى مەدەنىي، ئىجدىمائىي، سىياسىي ئەھۋالىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن شۇ ئوبىكتنىڭ تارىخىنى پۇختا ئۆگەنگەندىن سىرت، شۇ مۇھىتتا ئۇزۇن مەزگىل كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم. بۇنىڭغا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گاردنېر بوۋىڭتون بىلەن ئىلى پىداگۇكىكا ئىنىستىتۇتىدا بىر يىل ئىنگىلىزچە دەرس ئۆتۈش جەريانىدا قوشۇمچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان نىك خولدستوكنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ئەسەرلىرىدىكى غايەت زور پەرق تىپىك مىسال بولالىشى مۇمكىن.

تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، <چەتئەلگە باغلاپ يېزىش> ئېقىمىدىكى زىيالىلارنىڭ ئاساسىي مەقسىدىنىڭ ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى تۇرمۇش تەجىربىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر جامائىتىگە ئىلھام بېرىش ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. يەنى ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئۇيغۇر جەمىئىتىگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى باشقا بىر مەدەنىيەتكە (غەرپ مەدەنىيىتىگە) سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار جەمىئىتىنى ئۈمىدلەندۈرۈش بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسىي غايىسىدۇر. ئەمما سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئىنتايىن نازۇك ئۇسلۇپ بولۇپ، سېلىشتۇرىلىۋاتقان ھەر ئىككىلى ئوبىكت ئۈستىدە مۇكەممەل بىلىم ۋە چوڭقۇر ئىزدىنىش تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئىزدىنىشىمىز ئىلمىي دەلىللەردىن چەتنەت كەتكىنىدە، ئەسەرلىرىمىز باشقىچە سەلبىي ئۈنۈم يارىتىشى مۇمكىن. زىيالىلىرىمىزنىڭ يۇقۇرىقىدەك دەلىل بېرىشتىكى نۇقسانلارغا كۆز يۇمىشىدىكى سەۋەپ بولسا، ئۇلارنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكىنى ئېنىق شەرھىيلىيەلمىگەنلكى ۋە بۇنىڭغا سىياسىي قىيداش پىسخىكىسىنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىدۇر.

بىز ئالدى بىلەن بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزگە ئىزاھات بېرىش ئۈچۈن مۇنداق سوئالغا دۇچ كېلىمىز: بىزدىكى كىملىك كىرىزىسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كىملىك كىرىزىسىمۇ ياكى مەدەنىيەت كىملىكى كىرىزىسىمۇ؟ دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىرى بۇ نۇقتىدا ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر ئىككىلى قاراشنىڭ ھىمايىچىلىرى بار.

ئەگەر بىز جەمىئەتنىڭ شەكىللىنىش تەرتىۋىگە قارايدىغان بولساق، ئالدى بىلەن بىر قەۋمنىڭ مەدەنىيىتى بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئاۋال شۇ قەۋمنى مىللەت شەكلىدە تەشكىل قىلىپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت كىملىكى بولماي تۇرۇپ، باشقا ئىجدىمائىي ياكى سىياسىي كىملىكىنىڭ بولىشىنى كۈتۈش خاتالىقتۇر. شۇڭا بىزنىڭ نۆۋەتتە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان كىملىكىمىز دەل بىزنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىمىزدۇر. نۆۋەتتىكى كىرىزىسنىڭ بىزنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىمىزگە شەكىللەندۈرىۋاتقان خىرىسنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋالغاندىن كېيىن، <چەتئەلگە باغلاپ يېزىش> ئېقىمىنىڭ مەزكۇر ئەندىزىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئۇسلۇبىدىكى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلمىي خاتالىقلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى تەرغىپ قىلىشنى ئاشقۇنلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋېتىدىغان بولۇپ، مەن بۇنى ياخشى نىيەتلىك سەپسەتە دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ خىلدىكى سېلىشتۇرۇلغان مەدەنىيەتنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنىڭ كۈچلۈك تەرغىپ قىلىنىشى ئۇيغۇر جەمىئىتىدە ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ مەزكۇر سېلىشتۇرۇلغان ئىجابىي مەدەنىيەتكە ئوخشايدىغان تەرەپلىرىنى قېزىش دولقۇنى پەيدا قىلىپ، مەدەنىيەت كىملىكى خىرىسقا ئۇچرىغان ئۇيغۇر مىللىتىگە ئۆز مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن قانداقتۇر بىر مەدەنىيەت ئۇنىڭ كىملىكىنى ۋەيران قىلغۇچى مەدەنىيەت ۋە قانداقتۇر يەنە بىر مەدەنىيەت ئۇنىڭ كىملىكىنى قۇتقازغۇچى مەدەنىيەت دەپ قارايدىغان ئىنتايىن خەتەرلىك پىكىرنى تارقىتىش رولىنى ئويناپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە بولسا كىرىزىسقا ئۇچرىغان مەدەنىيەت كىملىككە نىسبەتەن ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ھەرقانداق مەدەنىيەت ئۇنىڭغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان ئامىل بولۇپ قالىدۇ.

خۇلاسە

مەيلى ۋەتەن ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، زىيالىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى قانداق قىلىپ ئۇيغۇر جەمىئىتىگە تۆھپە قوشۇش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. مەركىزى تۈركىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى بۇ يولدا ئىزدىنىۋاتقان زىيالىلىرىمىزنىڭ بوستانىغا ئايلاندى. مەزكۇر ئورگاننىڭ پەخرىي رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشتىن سىرت يەنە بىر قانچە كىتاپنى ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ مەزكۇر ئورگاننىڭ تورىدا ئېلان قىلدى. مەنچە بۇ بىر ئۈلگە يارىتىدىغان ھەرىكەت. چۈنكى ئەدەبىي رومان، پوۋسىت، ھېكايە قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان كىتاپلار بىلەن قورشالغان ئۇيغۇر جەمىئىتىگە ھەممىمىز ئۆز كەسپىمىز-ساھەيىمىزدىكى نادىر ئىلمىي كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق قەلبى بىلىم ئۈچۈن چاڭقىغان خەلقىمىزگە بولۇپمۇ ياشلىرىمىزغا ئەڭ ئۈنۈملۈك ياردەم قىلىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.


مەنبەسى:  ئانا تۇپراق مۇنبىرى
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-03 17:13

زىيالىنىڭ زىيالىسى ئېتىزدا كەتمەن چېپىۋاتىدۇ ياكى گۈزەل خياللارنى سۈرىۋاتىدۇ چۈنكى ھەقىقى مەنىدىكى زىيالى بۇ زاماندا ھېچنىمە يازالمايدۇ................................   
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1271 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1271
توردا: 123(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-04
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-05 23:40

ئەتە قارلۇق شېئىركىتىدە جەمئىيەت شۇناسلىق ھەققىدە لېكسىيە بار ، ئاپتۇنۇمدىكى تورداشلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .  ئورنى يەنئەن يۇلى شىنخوا كىتاپخانىسىنىڭ تۆتىنجى قەۋتىدە .
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-06 15:03

مەزكۇر لېكسىيىنى كىم سۆزلەيدىكەن...!؟