مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى
جەمىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى ۋە كەسپى ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دىتارىمىز دىكى ئەدىپلىرىمىز ، يېزىقچىلىق ساھەسىگە يېڭى قەدەم قويغان ۋە قەدەم قويىۋاتقان ياشلىرىمىز كۈندىن- كۈنگە كۆپەيمەكتە. ئەمما مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان گېزىت-ژۇرناللار كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا دىيارىمىزدىكى يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىيالمايۋاتىدۇ.
ئىلىكتىرۇن ساھەسى تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، نۇرغۇنلىغان توربەتلەر ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرى قۇرۇلۇپ، يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئىجادى مىۋىللىرىنى نامايەن قىلىدىغان، شۇ ئىجادىيەت تۇغرىلىق پىكىر ئالماشتۇردىغان، ئۆز ئەمگىگە باھا ۋە پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلايدىغان،شۇ ئارقىلىق يېزىقچىلىق سەۋىيىسىنى ئاشۇرىدىغان. سورۇن ھازىرلاندى. مانا بۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىق ساھەسىدىكى چوڭ يۈكسىلىش ھىساپلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدىكى يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزنىڭ، ئىجادى ئەسەرلىرىنى باھالىتىش،شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەسپى بىلىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىقچىلىق قابىليىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ۋە يازغۇچى ئەدىپلىرىمىزگە ئىلھام بېغىشلاشنى مەقسەت قىلىپ، <نۇربۇلاق مۇكاپاتلىق ئەسەر باھاش مەرگىزى> قۇرۇلدى.
مەرگىزىمىزنىڭ بىرىنجى قارارلىق <مۇكاتلىق ئەسەر > پائالىيىتى باشلاندى.
پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى :
1-پائالىيەتنىڭ ۋاقتى
ئەسەر تىزىملىتىش ۋاقتى:2012- يىلى 9-ئاينىڭ 11 كۇنىدىن، 10-ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولىدۇ. 11- ئاينىڭ 10- كۈنى نەتىجە ئىلان قىلىنىدۇ.
2-باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش
باھالاش: 1-،2-،3-،4-،5- گىچە بولىدۇ.
مۇكاپات:
1- دەرىجىلىك مۇكاپات: 2000 يۈەن نەخ پۇل.
2-دەرىجىلىك مۇكاپات: 1000 يۈەن نەخ پۇل.
3-دەرىجىلىك مۇكاپات: 500 يۈەن نەخ پۇل.
4-دەرىجىلىك مۇكاپات: 200 يۈەن نەخ پۇل.
5-دەرىجىلىك مۇكاپات: 100 يۈەن نەخ پۇل.
3-پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرنىڭ ژانىرى ۋە ھەجمى
پائالىيىتىمىزگە قاتناشتۇردىغان ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى: ھىكايە، نەسىر، ماقالە، ئوبزۇر، شېئېر، ئۇچرېك، ئەدەبى خاتىرە، ئىتتوت-كۈلدۈرگە قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنىدۇ.
ھەجمى: تىزىملاتماقچى بولغان ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئىخچام، تىلى راۋان بولىشى، ھەجمى ئەڭ كۆپ بولغاندا 2000 خەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى تەلەپ قىلىنىدۇ.
4-پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرگە قۇيىلىدىغان تەلەپ
پائالىيىتىمىزگە ساغلام، مۇكەممەل بولغان ئەسەرلەر قاتناشتۇرلىدۇ. تۆۋەندىكى مەزمۇندىكى ئەسەرلەر قاتتىق چەكلىنىدۇ.
1- دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، مۇقۇملىقىغا ۋە مەخپىيەتلىكىگە تەسىر يەتۆۈزىدىغان مەزمۇندىكى ئەسەرلەر.
2- مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۆۈزىدىغان، زوراۋانلىق، تىرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك تۈسىنى ئالغان، خۇراپى ۋە سېرىق مەزمۇندىكى ئەسەرلەر.
3- دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە ئاساسى قانۇنغا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرى ۋە سىياسەتلىرىگە قارشى مەزمۇندىكى ئەسەرلەر.
4- پائالىيىتىمىزگە قاتناشماقچى بولغان ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىزنى ساغلام ئەسەر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
5-ئەسەرلەرنى تىزىملاش ۋە باھالاش جەريانىدىكى تەپسىلاتلار
1 - تىزىملاتقان ئەسەرلەرنى، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدىكى ئاتاقلىق، كۆزگە كۆرنگەن داڭلىق تەھرىر ۋە مۇھەررىرلەر تەكلىپ بىلەن تەكشۈرۈپ باھالاپ بىكىتىدۇ.
2- باھالانغان ئەسەرلەرلەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسۇن ياكى مۇكاپايقا ئېرىشەلمىگەن بولسۇن، باھالاشتىن ئۆتكەن ئەسەرلەر، مەخسۇس كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇرلىدۇ. ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ سۈرىتى ۋە قىسقىچە تەرجىمھالى بېسىلىدۇ.
3- تىزىمغا ئالدۇرغان ئەسەر، مەيلى مۇكاپاتلانسۇن ياكى مۇكاپاتلىنالماي باھالىنىشتىن ئۆتكەن بولسۇن ۋەياكى باھالاشتىن ئۆتەلمىگەن بولسۇن، ھەربىر ئەسەر ئىگىسىگە، باھالاشتىن ئۆتكەن ئەسەرلەردىن نەشىر قىلدۇرغان كىتاپتىن بىر پارچىدىن ھەقسىز ئەۋەتىپ بىرىلىدۇ.
4- ئەسەر تىزىملاتقۇچى ھەربىر پارچە ئەسەر ئۈچۈن، 20 يۈەن تاپشۇرىدۇ. (ئەسىرىڭىز باھالاشتىن ئۆتەلمىگەن ھالەتتىمۇ، سىز تاللانغان ئەسەرلەر جەملەنگەن بىر پارچە كىتاپقا ئېرىشىسىز.)
5- ئاپتۇرلار چۇقۇم تىزىملاتقان، ئەسىرىنىڭ ئاستىغا ئىسىم-فامىلىسىنى، ئېنىق ئادرىسىنى ۋە مۇقۇم تېلىفۇن نومۇرىنى يېزىشى لازىم.
6-ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە-شەھەرلەردىكى ئەسەر تىزىملاش ئورنى ۋە ۋاقتى 9- ئاينىڭ 11- كۇنى ئېنىق ئۇقتۇرلىدۇ.
7- ئەسەر تىزىمغا ئالدۇرغۇچى ئاپتۇرلار، ئەسەر تىزىملاتقاندا چۇقۇم تامغا بېسىلغان تالۇن ئېلىشى كىرەك. مەيلى مەرگىزىمىزدىن مەخسۇس خادىم بېرىپ تىزىملىسۇن ياكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە-شەھەرلەردىكى ۋاكالىتەن تىزىمغا ئالغۇچى خادىملار تىزىملىسۇن، ئەسەر تىزىملىقاندا مەرگىزىمىزنىڭ مەخسۇس تالۇنىنى ئىشلىتىىدۇ. ۋە بۇ تالۇنغا ۋاكالىتەن تىزىملىغۇچى خادىم تىزىملىسا ئۆزىنىڭ تامغىسى، مەرگىزىمىزدىن مەخسۇس بارغان خادىم تىزىملىسا مىرگىزىمىزنىڭ مەخسۇس تامغىسى بېسىلىدۇ.
8-ئاپتۇرلار ئەسەر تىزىملاتقان تالۇننى مۇقۇم ساقلىشى كىرەك، چۈنكى شۇ تالۇن ئارقىلىق، ئۆز ئەسىرىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلالايدۇ.
6- ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە-شەھەرلەردىن ۋاكالىتەن ئەسەر تىزىملىغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. 7- ۋاكالىتەن ئەسەر تىزىملىغۇچىلارغا قۇيۇلىدىغان تەلەپ؛
1- ۋاكالىتەن ئەسەر تىزىملىغۇچى چۇقۇم ئەستايىدىل، سەمىمى بولىشى، يېزىقچىلىق كەسپىنى چۈشىنىشى كىرەك.
2- ۋاكالىتەن ئەسەر تىزىملىغۇچىنىڭ مۇقۇم ئورنى بولىشى، مۇشۇ كەسىپكە ماس كىلىشى كىرەك. يەنى پەقەت كومپىيوتۇر مۇلازىمەت ئورنى ياكى شەخسى كىتاپخانىسى بارلار، ۋاكالىتەن تىزىملىغۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى: 15292864484 18999196445
مەنبە: نۇربۇلاق مۇكاپاتلىق ئەسەر باھالاش مەرگىزى.
قىنى ئەمسە بىزنىڭ بوزقىردىمۇ قەلەمكەشلىرمىز خىلى بار ،ئەگەر نەتىجە قازىنىپ قالساق بۇمۇ مۇنبىرىمىزنىڭ
شان-شەرپى .