تەنھا تىنىقلار(1)
ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى
دەۋرىنى-دەۋرىگە ئۇلاشتا كۆۋرۈك،
بولغاچقا شۇ ئۇستاز تېڭىمىز سۈزۈك.
دەقىق ئايرىلسا ئەۋلاد ئۇلاردىن،
نادانلىق چۆلىدە كەلگۈسى خۇنۈك.
تەلىمسىز ھېچ كىشى زەپەر قۇچمايدۇ،
رىقابەت ئالدىدا كۆزنى ياشلايدۇ.
يېتەكچى ھەرقاچان مەنزىلگە ماياك،
ئۇنىڭسىز قالسا كىم مۇراد تاپمايدۇ.
بىلگىنكى ئەزىلى ئۇستاز سۆزى بال،
بولسىمۇ دېڭىزدا ئۇنى سۈزۈپ ئال.
مەنىسىز ئۆتمۈسۈن بۇ چەكلىك ھايات،
زەپەردىن مۇستەسنا قالساڭ بەك ئۇۋال.
<بىلدىم>دەپ بەزىلەر گىدىيىپ يۈرىيدۇ،
تېرىق يوق،قۇرۇق قاپ كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ
داۋىنى ئالدىدا تەقدىر-ھاياتنىڭ -
بىر تېپىك بىلەنلا <ۋەك> دەپ يۈرىيدۇ.
مەنزىلگە چاپىدۇ غالىپلار ھەر ۋاق،
بولغاچقا ئۇ قەيسەر،خۇيى تىرىشقاق.
سەۋەپ قىل<<سىۋەتتە سۇمۇ تۇرىدۇ>>
ئالدىڭدا باشقىلار ئۇزىغان نەۋاق!
مەنبە؛ بورتالا شەھىرى ئۇتتۇبۇلاق 6- باشلانغۇچ مەكتەپتىن.
[ بۇ يازمىنىشامال 2013-05-22 12:52قايتا تەھرىرلىدى ]