ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1202 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئەرەپنىڭ غورۇرى-ئەرەپ مۇنارى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-05 02:16

ئەرەپنىڭ غورۇرى-ئەرەپ مۇنارى

ئەرەپنىڭ غورۇرى -ئەرەپ مۇنارى!

قاراخان

ھەزرىتى ئەلىنىڭ قىلىچىمۇ ئۇ،
ئەرەپ چۆلىدە يالتىراپ تۇرغان.
ئەلمەكتۇم خەلىپە* كىرىچىمىدۇ؟ ،
ھەسەتخور كۆزىگە قادىلىپ تۇرغان.

يا تەڭرى ئەقىلگە سۇنغان مۆجىزە،
پەلەكتە يۈكسەكلىك تالىشىپ تۇرغان.
يا كەڭرى زېمىنگە ئارمان ئەقىدە .
يۈرەككە ئەستىلىك تارىتىپ تۇرغان .


يەر -كۆكنى مەست قىلدى <<ئەرەپ ئەپسۇنى>>،
ئەنقادەك بىر يەلكەن بوشلۇقنى قۇچۇپ.
ئومماننى ئويغاتتى <<ئەرەپ ئەزىنى>>،
ئەجنەبى چۈشلىرى كەتتى بۈزۈلۈپ.


يەمەندىن - يەسرىپكە،ئەرمەن -ئەجەمـگە،
يوللاندى تەسىرلىك نۇسرەت ئۇچۇرى.
پاناما،توكيو ھەم لوندۇن ھەرەمگە،
ئۇلاندى ئەسىرلىك دوستلۇق تومۇرى

يەتتە ئىقلىم ،كۆردى سەككىز مۆجىزە،
قايرىلدى زەپ ئەھلى سەلىپ* بېلىمۇ.
چالدى ئەرەپ يېشىل قۇمدا سەلىقە،
.مۇشرىكلارنىڭ چىقتى بەلكى جېنىمۇ.

ئەرەپ ئېتى مىنگەن ئاشۇ بەدەۋى ،
غەۋۋاس بۈگۈن سۈزدى سەدەپ دېڭىزدىن.
قىززىق قۇمدا قۇياش، ئايغا ئەبەدى،
جۆر بولماققا ئورۇن ئالدى ئىگىزدىن.

ئەلەمدارنىڭ ئەرشتىكى چۈشىمۇ،
ئىزلىرىدىن يولۋاس قالدى داڭ قېتىپ.
‹‹شاھ››قا سادىق سۇلتان* دىگەن كىشىمۇ،
كىرپىك قاقماي كەتتى نەچچە تاڭ ئېتىپ.


دىدى:<< تاغدەك ياكى دەجلە -فراتتەك،
رىسقىڭ تۈگەر نەپسى-بالا ئالدىدا>>.
نېفىتمۇ ھەم تۈگەر پۇل -مال -بىساتتەك،
ئەرەپنى كىم ئالۇر شۇندا  يادىغا...

ئۈچ ئەبۇلنىڭ* روھى قايتا تىرىلدى،
سۈنئى ئارال تۈغدى مىڭ بىر كېچىنى.
دۇبەيلىكنىڭ چۈشى ئوڭغا ئۆرۈلدى،
قولنى چىشلەپ، يۇلدى كىملەر چېچىنى...؟

ياشا ئەرەپ قۇم قوينىدا تاش بولۇپ،
ئالدىڭدا مات بولدى،ھەر خىل ‹‹ئاق›› ساقال.
ئۇچ قىتئەگە كەتكىن ھەتتا باش بولۇپ،
ئار-نومۇسنىڭ تۇزىنى يەپ تاپ ۋىسال.

ئېففىل بىلەن بابىلنىڭ تۇر، مۇنارى،
دوست سەزگۈدە باقار ساڭا قاچاندا؟
ئەرەپ ئېلى بولغىن مەمۇر دىيارى،
چېچەك ئاچسۇن ئارزۇيۇڭ قۇم بارخاندا.

مۇنار ئەمەس روھىڭ مېنى رام قىلغان،
‹‹خانتەڭرى›› دەپ چوقام بار كۆر! مېنىڭمۇ.
تۇمار ئەمەس مېنى شائىر، ‹‹خان ›› قىلغان،
پېقىر سۆيگەن غورۇرۇڭ بار سېنىڭمۇ.

ئوھۇد تېغى كۈلدى ئۇلۇغ ئەرەپكە.
كۈلدى چۆللۈك،كۈلدى شاھ ۋە تۆرىمۇ.
مىللەت ئۈچۈن ئىپتىخارلىق شەرەپكە،
دورا  ئىكەن غورۇر دىگەن تولىمۇ؟!

ئىلاۋە:

*ئۈچ ئەبۇل-ئەرەپ تارىخىدا ئۆتكەن شائىر،تارىخچى، جۇغراپىيە ئالىملىرى.
*سۇلتان-خەلىپەنىڭ مۇنار قۇرۇلىشىغا ئاۋاز قوشقان مەسلىھەتچى.
*ئەھلىسەلىپ-ئىسلامغا قارشى سەككىز قېتىم جەڭ ئېلىپ بارغان كىرىست بەلگىلىك قوشۇن.
*ئەلمەكتۇم مۇھەممەت ئوغلى-مۇنار سېلىشنى قارار قىلغان خەلىپە.

2012-يىلى 1-سىنتەبىر.
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-09-14 19:34قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-05 20:46

سالمان رەھمەت سىزگە،دەل مۇشۇ مۇنار ھىدايەتجان!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-14 18:31

<<يوقالماس پەلەستىن>>نىڭ تەقدىرى ئەرەپلەرنىڭ مۇنار قۇرۇلىشىغا سالغان مەبلىغى بىلەن ھەل بولمايدۇ،بۇنداق مۇناردىن ئۇچى پۇتكۇدەك مەبلەغنى بەرسىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە بەرگەن بىر رومكا ھاراقچىلىك ئىلتىپاتى ئۇنىڭ ساۋابىنىڭ قوڭىنى تېشىۋېتەلەيدۇ، قاچانكى ئەرەپ ۋە  ئەرەپكە ئوخشاش مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىرلەشمىسى پەلەستىنگە بولغان سىياسى ھېسداشلىقنىڭ قۇربانلىقى بولمىغۇچە بۇ ئىشلار مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىشى مۇمكىن، ئەرەپ مۇنارى سىياسى رەزىللىككە ئايلانغان ھەيۋىنى سۇندۇرىدىغان ئىرادىنىڭ دەستىكى،ئىقتىسىادى جەھەتتە بىر مىللەتكە مەلۇم قىممەت يارىتىش مەقسەت قىلىنغان ئۇرۇنۇش ياكى سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدىغان چىقىش يولىنىڭ يەنە بىر ئىشىكى خالاس، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىنى باشقىچە بىر خىل يارىتىپ بېقىشقا ،ئىپادە قىلىشقا ئۇرۇنغان تەۋەككۇل سە نئىتى،ئۇنىڭدا دۇنيادىكى بارلىق مەدەنىيەتنىڭ ئەۋرىشكىسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان،ئۇ يەر شارىدىكى 9-مۆجىزە بولۇشقا لايىق.ئۇ ئومۇمەن مىللى ئىپتىخار ۋە سۇنماس روھنىڭ نامايەندىسى، بىر مىللەتنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئۇنىڭ باشقا مىللەت ئالدىدىكى كۇرسىنىڭ تۆۋەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ،مىللەتكە باھا بېرىش مۇشۇ خىل ئۆلچەمنى ئاساس قىلسا  ئارخىپتىن ئۆچۈرىلىدىغىنى ئەرەپ ئەمەس بەلكى بىز بولۇپ چىقىشىمىز مۇمكىن.ئەرەپ مىللىتى مۇستاپانىڭ ئەجدادى،ئەرەپ مۇھىتى ئەرەپ تىلى ۋە ساماۋى كىتاپنىڭ نازىل بولغان مۇھىتى،ئەرەپ چۆللۈكى بۇ بەدەۋى مىللەتنىڭ سېھىرگە تولغان ئىچكى تۇيغۇسىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى،دۇبەي دەل ئاشۇ ئىچكى تۇيغۇنى كۆككە ئاتقان زامانىۋى بازا! ئەرەپ قۇملۇقى مىڭ بىر كېچىنى بېسىپ ياتقان ئەرەپلەرنىڭ  بايلىقى، قىيغىتىپ ئوينايدىغان  يايلىقىدۇر بەلكى ! 
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-09-14 19:37قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-16 19:20

بۇ تارىخى پاكىتلار بىرنەچچە يىل ئىچىدكى سىياسى تەۋەككۇلچىلىك بولۇپ ئۇ مۇپتى ھۇسەيىننىڭ چىقىش يولى تاپالماي تاپقان ئاخىرقى تاللىشىنىڭ ئەرەپ خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن كۈتۈلمىگەن پاجىئەسى  بۇنداق قاراملىق ھەم غەپلەت  تراگىدىيەلىك كېلەچەكنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالغان ئىشلار ھەممە مىللەتتە جۈملىدىن بىزدىمۇ بولغان. شۇنىڭغا قاراپلا بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تارىخىنى ھەم نوپۇزىنى يوق قىلىۋېتىش ياكى چۆكۈرۈش ئاقىلانىلىق ئەمەس.ھەر بىر تارىخى تەۋرىنىشنىڭ  تاشقى ئىچكى تەسىرى بولىدۇ.ھەر بىر دۆلەتنىڭ تەختىدە بەزىدە مايمۇن،بەزىدە شىر،بەزىدە توڭگۇز ،بەزىدە يولۋاس ۋە بەزىدە كالىغا ئوخشاش شاھ،قوماندان،رەئىس.جۇمھۇرلار باش بولۇپ شۇ مىللەتنى خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش تەقدىر قىسمەتكە مەھكۇم قىلىدىغان رىئاللىقلار تارىختا كۆپ بولغان...

سىزنىڭ تارىخ بىلىمىڭىز خېلى چوڭقۇر ئىكەن،ئەمما مەن تارىخ بىلەن ئانچە ئىزدەشمەيمەن،بۈگۈننى يارىتىشنى ھەقىقى تارىخ دەپ قارايمەن...
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-09-16 20:09قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-18 19:17

بۇ گەپ ئۆمرىدە بىر كېسەك قۇيۇپ باقمىغان نوچىنىڭ ئاتقان لاپلىرىنى ئەسلەتتى ،مېنىڭچە قولىدا <<پراۋىسى>> بولمىغان لىيۇدچېك ئۆزى ياسىۋالغان ئايرۇپىلان بىلەن بۇ مۇنارغا ئۈسۈپ بېقىپ داڭ چىقىرىش خىيالىدا بولغان بولسا كېرەك.بۇ مۇناردا ئەلەمدار ئەلمەكتۇم (خەلىپە)نىڭ سىياسى غايىسى ئەرەپلىكلەرنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسەت جەۋھىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ،ئۇ ئەرەپلىكلەرنىڭ خەزىنىسى ئاتالغان نېفىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئورنىتىلغان <<مەڭگۈ تاش>> ياكى ئابىدىگە سىمۋول بولالايدۇ،ئۇنىڭدا پۈتۈن ئەرەپ خەلقىنىڭ مىمارچىلىق ۋە بىزەكچىلىك سەنئىتىنىڭ جۈملىدىن ئارخىتىكتورلۇق تېخنىكىسىنىڭ يۇقۇرى سەۋىيىسى مۇجەسسەم.ئۇنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەسچىد -مەدرىسلىرىدىكى ئەزان توۋلاش پەشتىقى ياكى مۇنارىغا ئوخشىمىغانلىغى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ  كۇرسىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭغا تاقالغان شان-شەرەپ ئىزنىكىنى ،ئېسىلغان <<كىملىك>> ۋىۋىسكىسىنى شامال كەبئى ئۇچۇرۇپ تاشلىساق ئادالەتسىزلىك بولىدۇ، گەرچە بۇ مۇناردا پەيغەمبەر ئۈممەتلىرى ئەزان توۋلاشقا مۇۋەپپەق بولالمىسىمۇ ئەمما مۇنار مۇھىتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقانلار ئۇنىڭدا سىياسى،ئىقتىسادى ،مەدەنى چۇقانلارنىڭ يېڭى پروگراممىسىنى تۈزۈپ،جاكالاپ،جاھان ئەھلىگە تونۇتماقچى،بورتالا مۇنارى،سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى،مەككە-مەدىنىدىكى ،قەشقەر ھېيگاھتىكى مۇنارلارنىڭ غورۇر ،شان -شەرىپى گەرچە بۇ مۇنارنىڭ جاسارىتىنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويسىمۇ ئەمما بۇ مۇنارنى سېلىشتا كۈتۈلمىگەن خىرىس ۋە دوقاللارنى يەڭگەن ۋە يېڭەلىگەن خەلىپە ۋە ئەرەپ خەلقنىڭ جاسارىتىنى قوللايدۇ،مەدەت بېرىدۇ ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە قارسشى چىقمايدۇ. رەسۇلۇللانىڭ قىلىچى مۇشرىكلارغا ھەم غەپلەتتە يۈرگەنلەرگە بىلەنگەن ،ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى تونۇغانلارغا ،تونۇتۇپ قويماقچى بولغانلارغا بىلەنمىگەن ،ئۇنىڭ مەسچىتى تەقۋا ھەم مۇتتەقىلەرگە ،ساھابە -كىراملار،ئۇممەتلەرگە سېلىپ بېرىلگەن ، ھەرگىزمۇ مەسچىد مەدرىسلەرنى باشقا ھەرقانداق قۇرۇلۇشنىڭ ئورنىغا سېلىشنى ،مەسچىدتىن باشقا قۇرۇلۇشنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغان .مېنىڭچە ئۈچ كىشىلىك بىر سەجدىگاھ ياكى ئىبادەت قىلىش ئورنى كۆككە تاقاشقان ھەرقانداق بىر ئىمارەتتتىن مۇقەددەس ھەم ئۇلۇغدۇر،خۇدانىڭ مەرتلىكى تۇتۇپ قىلىنغان ئىلتىپاتقا ئارتۇقچە قىزغىنىشتىن كېلىپ چىققان بىمەنە تەلىماتنى تېڭىشقا ئۈرۈنۈپ ،ئەقىلنى زايە قىلىش مېنىڭچە غورۇر ئەمەس پورۇردۇر،شەرەپ ئەمەس پەرەپتۇر!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 13:47

بەقۇۋۋەت بۇزرۇكۋارىم،پۇلنى تېپىش ئانچە مۇھىم مەسىلە ئەمەس ،گەپ ئۇنى ئورنىنى تېپىپ ئىشلىتىشتە، ھازىر نەچچە مىليونغا زېمىنىنى سېتىۋەتكەنلەردىن پۇلىنى جايىغا ئىشلىتەلىگەنلەر قانچىلىك چىقار؟ ئەلمەكتۇم ئەركانبەگ بۇ پۇللارنى ئەرەپخەلقىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنى ماددى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىدىدە مۇشۇنداق بىر تىجارەت تۈسىنى ئالغان مېھمانخانا قۇرۇلۇشىنى سالدى .يالغۇز كورىيە ئەمەس قوشنا دۆلەتلەر ھەم ئەنگىلىيە ،سىنگاپور ،گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ ئىشقا تېگىشلىك مەسلىھەت ۋە يول-يورۇقتا بولدى، ئەمما شان-شەرەپ يەنىلا ئەرەپ مۇنارىنى ئاپىرىدە قىلغان خەلىپىگە ھەم ئەرەپ خەلقىگە بولمىدى دىيەلەمسىز؟ ئەيش -ئىشرەت ئۇۋىسى،شەھۋەت سارىيى دەپ بىلگەنلەر نەپسىدىن غالىپ كەلگەنلەرنىڭ ئۇستىگە چىقالمايدۇ،ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ ھەر كىم ئۆز قىلمىشىغا قارىتا جازالىنىدۇ،مۇكاتلىنىدۇ،مەككە -مەدىنىنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈپ ئىشرەتۋازلىق قىلىۋاتقانلارنى چىلىم ھەم نىشە تارتىپ ئىگىسىگە توۋا قىلىپ يۈرگەنلەرنى يوق دىگىلى بولمايدۇ، ئەتراپىمىزدىچۇ؟ شۇڭا ھەر ۋاقىت نەپسى بىلەن زاكونلۇشۇپ تۇرماق زۆرۈردۇر...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-20 16:54

مەشقاۋۇل بىزلەرگە مىزان ئار نومۇس،   مۇنارنىڭ ھاياتى كۈچىگە ئىشىنپسەن!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-20 22:33

پىكرىڭنى  قاسقاندا  پىشۇرۇپسەن،
بايرىقىڭنى ئاسماندىن  چۈشۈرۈپسەن...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-21 10:06

پىئونېرنى سۆيگۈ قىلىپ ئېسىۋاپسەن،
كوممۇنستنى ئۇلگە قىلىپ قېتىۋاپسەن!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-22 20:32

سوقۇپ تۇرسۇن پارتىيەگە يۈرىگىڭ،
يۇقۇپ تۇرسۇن ئارمىيەگە دۇرۇدۇڭ.
لەپىلدەيدۇ قىزىل بايراق شامالدا،
سەن ۋەتەننى ئانىدەكلا تونۇدۇڭ.
يوللىرىڭدا ئۇچراپ قالساڭ دوقالغا،
ئۇنى پولات قەلەم بىلەن يونۇدۇڭ.