مۇئەللىم
بارلىق جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېلىش ئالدىدىكى قۇتلۇق بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !
يۇلتۇز كەبى چاقنىغان، مېھرى ئاتەش مۇئەللىم ،
ئاقارتىشنىڭ، ھاياتنىڭ نەۋ باھارى مۇئەللىم .
بىلىم ئۈچۈن ئىنتىلگەن، يۇمران، سەبىي دىللارنىڭ ،
شامدەك يېنىپ ئۆچمىگەن، نۇر چىراغى مۇئەللىم .
مەيلى جۇدۇن- ئىسسىقتا، گاھى بوران – تۇماندا ،
توغراق كەبى كۆكلىگەن، تۆھپىكارى مۇئەللىم .
مېھىر تۆكۈپ دىلىدىن، پەرزەنتلەرگە ماياك بوپ ،
كەشپىياتقا يول ئاچقان، ئىجاتكارى مۇئەللىم .
ۋەتەن دېگەن بىر دېڭىز، شاۋقۇنى، دولقۇنى بار ،
نىمجان ‹‹بېلىجان››لارنىڭ نىجاتكارى مۇئەللىم ،
كۆڭۈل-كۆكسى دەريادۇر، مېھىر –تەرى بىر بۇلاق ،
ئەل –ئاۋامنىڭ، مىللەتنىڭ مەدەتكارى مۇئەللىم .
ئەۋلاد دېگەن كۈچەتتۈر، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى ،
يۇمران نوتا –مايسىنىڭ، ياز -باھارى مۇئەللىم .
باغلار ئارا گۈل تۇلا، بۇلبۇل تەشنا سەھەرگە ،
گۈل - غۇنچىگە پاسىبان، تاڭ سابارى مۇئەللىم .
ھايات دېگەن دوئىلدۇر، گاھى نۇسرەت ،گاھى جەڭ ،
دۈشمەن ئۈچۈن بىلەنگەن، زۇلپىقارى مۇئەللىم .
قىستۇرما :ئوقۇتقۇچى شۇنداق ئىنسانكى -بارلىقىنى ئاقارتىش سېپىگە ئاتاپ ، ھاردىم-تالدىم دېمەستىن پەرزەنتلەرنىڭ باھارى ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ ، بىلىمگە ئىنتىلگەن سەبىلەرگە يامان كۆز تېگىپ كېتىشىدىن ساقلاپ تىل تۇمار بولۇپ ،مىللەت ئۈچۈن تارتقان جاپايى بەدىلىگە تۆھپە يارىتىپ ،تۇرمۇشنىڭ ھەر خىل سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ قەلبىگە ئۇلۇغ ئىجاتچانلىقنى پۈكۈپ ، ئىلىم -پەن يولىنىڭ توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن نىجاتكار بولۇپ ، جەميەتتە ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئوقۇشتىن ۋاز كەچمەكچى بولغانلارغا ، ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ ، ئۇلارنىڭ قايتىدىن بىلىم يولىغا كىرىشىكە مەدەتكار بولغان ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممە ۋاقتىدا چىھرىدىن نۇر ياغدۇرۇپ ياز - باھارنى ئەسلىتىدىغان ، مىللىتىمىزگە قارمۇ - قارشى بولغان يات مەدەنىيەتكە قارشى جەڭ ئېلان قىلىدىغان يولباشچى ، شۇنداقلا ، دۈشمەن ئۈچۈن يالتىراپ تۇرغان تېغى ئۆتكۈر داتلاشماس زۇلپىقاردۇر ! بارلىق ئۇستازلارنىڭ قۇتلۇق بايرىمىغا مۇبارەك بولغاي!
ئوقۇتقۇچىنى بۇ ئاددى قەلىمىم ئارقىلىق قانچىلىك تەرىپلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ ، شۇنداق بولسىمۇ ئاددى قەلەمدىن يېزىلغان قەلبىمدىكى ھۆرمىتىمنى ئاددى قۇرلار ئارقىلىق بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا بېغىشلايمەن !
ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
مەنبە---- تاڭنۇر ‹ خەيرۇللا قۇربان › بۆرتالا
[ بۇ يازمىنىتاڭنۇر 2012-09-05 12:56قايتا تەھرىرلىدى ]