ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 553 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامېرىكىچە مۆتىدىل ئىسلام
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-05 23:24

ئامېرىكىچە مۆتىدىل ئىسلام

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : لۇتپى















ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
[(بۇ سۈرىدە مۇشرىكلارنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنى بايان قىلغىنىمىزدەك) گۇناھكارلارنىڭ يولى ئاشكارا بولسۇن ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى روشەن بايان قىلىمىز] سۈرە ئەنئام55-ئايەت.
بۇ ماقالە '' مۆتىدىل ئىسلام تورى قۇرۇپ چىقىش'' دىگەن نامدىكى ئامرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان ئۇزۇن بىر دوكلاتنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى بولۇپ'' ئەتتەۋھىد ۋەلجىھاد'' مۇنبىرىدىن، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلدىم.
مەنبە: http://www.tawhed.ws/r?i=Ntwrkart

قىسقىچە مەزمۇن:
ئامرىكىنىڭ راند ( Corporation RAND) مۇئەسسەسەسى كېيىنكى چاغلاردا نۆۋەتتىكى ئىسلام دۇنياسى ھەققىدە '' مۆتىدىل ئىسلام تورى قۇرۇش'' دىگەن ماۋزۇدا بىر دوكىلات سۇنغان بولۇپ بۇنىڭدا مەزكۇر ئورگان ئامرىكا ھۆكۈمىتىگە سابىق سوغۇق ئۇرۇشلار دەۋرىدىكى كومۇنىزىم پىكرىگە قارشى تۇرۇش جەريانىدىكى تەجرىبىلەرگە تايىنىپ بۇ تەجرىبىلەرنى ھازىرقى زامان ئىسلامچىلار ئېقىمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىشقا سېلىش لازىملىقى ھەققىدە بىرقىسىم نۇقتىلىق ۋە رىئال تەۋسىيەلەرنى سۇنغان.
دوكلاتتا ئامرىكا قۇشماشىتاتلىرى ئىدارىسىنىڭ( يەنى ئامرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ) ئىسلام دۇنياسىدا سىكۇلارىزىم، لىبرالىزىم ۋە مودىرنىزىم قاتارلىق ئېقىملارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلات ۋە گورۇھلارنى مەيدانغا چىقىرىش ئۈچۈن مەبلەغ چىقىرىشى تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ بۇ خىل تەشكىلات ۋە گورۇھلار، دوكلات '' رادىكال '' ھىساپلىغان ئىسلامچىلار جامائەتلىرىنىڭ پىكىر- كۆرسەتمىلىرىگە قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. دوكلاتتا يەنە '' مۆتىدىللىك'' چۈشەنچىسى خاراكتىر جەھەتتە ئىسلامچە ئەمەس غەرىپچە-ئامرىكىچە بولۇشنىڭ شۇنداقلا ئامرىكىچە ''مۆتىدىللىك'' ئارقىلىق كىمنىڭ ئامرىكىنى قوللاپ ھەمكارلىشىدىغانلىقى ۋە كىمنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ غەلبەيوللىرىنى توسىدىغانلىقىنى ئەمىلى سىناقتىن ئۆتكۈزۇشنىڭ نەقەدەر ئىھتىياج ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
بۇ ماقالە ئوقۇرمەنلەرگە مەزكۇر دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى يەتكۇزىدىغان بولۇپ ئاساسى جەھەتتىن دىققەتنى ''مۆتىدىللىك'' نىڭ ئامرىكا نۇقتىنەزىرى بويىچە تونۇشتۇرۇلىشى ۋە ئامرىكىچە'' مۆتىدىللىك'' تورلىرىنى قانداق مەيدانغا چىقىرىش، دىگەن قىسىمغا نۇقتىلىق قارىتىدۇ. شۇنداقلا بۇ ماقالە ئامرىكىنىڭ ئۇمۇمى سىياسىتىگە ئايلىنىپ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى قورشاش خىزمىتىگە ئۆتۇشتىن ئىلگىركى بۇ خىل دوكلاتلار غا تۇتۇلىدىغان مۇئامىلىنىڭ ئەمىلى مىخانىزىمى ھەققىدىكى بىر قاتار تەۋسىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.










مۇقەددىمە:
ئوتتۇرا شەرق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامرىكا نەزىرىيە تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى، ئامرىكا ھۆكۈمىتىگە ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان پىكىر ئۇرۇشىدا يوليورۇق بىرىش مەقسىتىدە بىرقاتار تەۋسىيەلەرنى تەقدىم قىلىشقا تىرىشماقتا. راند ( Corporation RAND) مۇئەسسەسەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نەزىرىيە تۈزگۈچى مەركەزلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى ئامرىكا ھۆكۈمىتىدىكى قارار لايىھەلىرىگە- بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق رايۇنىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە- ئەڭ مۇھىم تەسىر كۆرسەتكۈچى نەزىرىيە تۈزۇش ئورگىنىنىڭ بىرى بولۇپ كۆزگە چېلىقىدۇ.
راند مۇئەسسەسەسى ھىجرىيە 1428-يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل (2007-يىلى 3-ئاي)نىڭ ئاخىرىدا'' مۆتىدىل مۇسۇلمانلار تورى قۇرۇش'' (Building Moderate Muslim Networks) دىگەن ماۋزۇدا بىر دوكىلات ھازىرلىغان بولۇپ بۇ ئەمىلىيەتتە،بۇ مۇھىم تەسىر دائىرسى بار نەزىرىيە تۈزىگۈچى ئورگاننىڭ 11-سىنتەبىردىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىغا قارشى يىتەكچى نەزىرىيە بەلگىلەشتىكى ھۆكۈمەتكە سۈنغان بىر قاتار دوكىلاتلىرىنىڭ داۋامى ئىدى.بۇ دوكىلات ئامرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنغان رىئال ۋە نۇقتىلىق تەۋسىيەلەر:
1- سابىق سوغۇق ئۇرۇشلار دەۋرىدىكى كومۇنىزىم ئىدىئولۇگىيىسىگە قارشى تۇرۇش جەريانىدىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلىنىش.
2- بۇ دوكىلات '' رادىكال'' لىق كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزگەن ئىسلامى ئېقىملارنىڭ پىكىر- كۆرسەتمىلىرىگە قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىدا سىكۇلارىزىم، لىبرالىزىم ۋە مودىرنىزىم ئېقىملىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان گورۇھلار ۋە شايكىلارنى مەيدانغا چىقىرىش يولى بىلەن ئىسلامى ئېقىملارغا قارشى تۇرۇشتا مەزكۇر تەجرىبىلەردىن ئەمىلى پايدىلىنىش.
3- '' مۆتىدىللىك '' ۋە ئۇنىڭ خاراكتىرى ئىسلام چۇشەنچىسى بويىچە ئەمەس، ئامرىكا-غەرىپ نۇقتىنەزىرى بويىچە بولۇش.
بىز بۇ دوكىلاتنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭدىكى مۇھىم پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشتىن بۇرۇن، بۇ نەزىرىيە تۈزىگۈچى مۇئەسسەسەنىڭ ئىلگىركى بىر قاتار دوكىلاتلىرىغا بىر نەزەر تاشلاش ۋە بۇلارنىڭ قايسىلىرى قايسى شەكىلدە ئامرىكا ھۆكۈمەت سىياسىتىگە ئايلىنىپ ئەرەپ -ئىسلام دۇنياسىغا قانداق تېڭىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىرئاز مۇلاھىزە يۇرگۈزۈش زۆرۈر بولسا كىرەك.

ئىلگىركى دوكىلاتلار:
راند مۇئەسسەسەسى سەككىز يىلدىن بۇيان ئاتالمىش '' ئىسلام خەۋپى '' گە ئەھمىيەت بىرىپ كىلىۋاتقان بولۇپ بۇلار بۇ ھەقتە نەچچىلىگەن تەكشۇرۇش ۋە تەتقىقات خۇلاسىلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ھەممىنى بۇيەردە ئوتتۇرغا قويۇشقا ماقالە ھەجىمى تارلىق قىلىدۇ، شۇڭا بىز دوكىلاتلار ئىچىدىكى ئامرىكا ھۆكۈمىتىگە ئەڭ كۆپ تەسىر كۆرسەتكەن ئەڭ مۇھىم دوكىلاتلارنى ئەسلەپ ئۆتىمىز.
راند مۇئەسسەسەسى مىلادىيە1999-يىلى، يەنى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ''يېڭى تىرۇرىزىمغا قارشى كۆرەش'' نامىدا بىر كىتاپ چىقارغان بولۇپ بۇ كىتاپنى ئامرىكىلىق بىر توپ مۇتەخەسسىسلەر تەييارلاپ چىققان. كىتاپ 153بەت بولۇپ خۇددى بۇ دوكىلات توغرىسىدا سالماق تەھلىل يۈرگۈزگەن كەمبىرىدىچ بېك رىپۇ ناملىق مەركەز ئېيتقاندەك بۇ كىتاپ ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى تەتقىقات دائىرلىرى ۋە ئاكادىمىلاردىكى ، ياكى سىياسەت ۋە ئىستىراتىگىيە دائىرلىرىدىكى، ئىيان لىسىر، بىرۇس ھۇپمان،دېيۋىد رونپىلت ، جون ئاركۇيلا ۋە مايكىل زانينى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەڭ مۇھىم '' تىرۇر '' مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى خۇلاسىسى ئىدى. بۇ كىتاپ، '' يېڭى تىرۇرىزىم'' ئامرىكىغا مۇئەييەن ئىستىراتىگىلىك تەھدىد ئېلىپ كېلەمدۇ ياقمۇ؟ دىگەن سوئالغا جاۋاپ بىرىشكە تىرىشقان. شۇنداقلا كىتاپتا '' يېڭى تىرۇرىزىم'' نىڭ ئوتتۇرشەرىققە مەركەزلىشىدىغانلىقى ۋە ئامرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىد بولىدىغانلىقىغا ئىشارە قىلغان.
راند مۇئەسسەسەسى يەنە 11-سىنتەبىردىن كېيىن 2004 يىلى، '' 11-سىنتەبىردىن كېيىنكى مۇسۇلمانلار دۇنياسى'' نامىدا 500بەتلىك بىر دوكىلات تەييارلاپ چىقارغان بولۇپ ئۇنىڭدا ئامرىكا سىياسىتىنى بەلگىلىگۈچىلەرگە ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بىرۋاتقان ھادىسىلەرگە نىسپەتەن ئەتراپلىق تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ياردەم بىرىش نىشانى بويىچە11- سىنتەبىر دىن ئىبارەت بۇ ۋەقە ئىسلامنىڭ نۆۋەتتىكى دىنى ۋە سىياسى مەيدانلاردىكى رولىدا دولقۇنلارنى پەيدا قىلىشىغا ئېلىپ كىلىدىغان دىنامىكىلىق ھەركەتلەرنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى نۇقتىسىدا سىياسەت بىلىملىرى مۇتەخەسسىسى ئوتتۇرغا قويغان بويىچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايۇنلىرىدىكى ھەرخىل ئىدىئولوگىيە يۆنىلىشلىرىنىڭ ئەتراپلىق خەرىتىلىرى سىزىپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسەتكەن بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارمۇ-قارشى تەرىپى پەقەت دىنى ساھەدىلا بولماستىن بەلكى ھۆكۈمەت، قانۇن، ئىنسان ھوقۇقلىرى، ئاياللار ھوقۇقى ۋە مائارىپ قاتارلىق بىر قاتار سىياسى ۋە ئىجتىمائى مەسىلىلەردە ھەم قارىمۇ- قارشى ئىكەنلىگى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا بۇ تەتقىقاتچىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇشچە بۇ خىل تەتقىقات'' مۆتىدىل'' ئىسلام بىلەن '' سىكۇلارىزىم '' ئوتتۇرسىدا سۇننى بارابەرلىك پەيدا قىلىدىكەن . شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنى جۇغراپىيەلىك تەقسىملەر بويىچە بۇ رايۇننى '' سەلەپى'' يەنە بىر رايۇننى '' رادىكال'' ۋە يەنە بىرىنى '' مۆتىدىل'' دەيدىغان مەجبۇرى بۆلۇنمىنى مەيدانغا چىقىرىدىكەن. ئىككىنچى نۇقتىسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئۆز ئارا ئىختىلاپلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ بۇنىڭدا '' شىيئە '' ۋە '' سۇننى '' ئىختىلاپى ۋە '' ئەرەپ '' ۋە ''غەيرى ئەرەپ'' ئىختىلاپى دىگەن ئاساسى ئىككى ئىختىلاپ سۆزلەنگەن. شۇنداقلا ئامرىكا قۇشما شىتاتلىرى تەس بولسىمۇ ئىران شىيئەلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىراق شىيئەلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كىرەكلىگى خۇلاسلەنگەن.
راند مۇئەسسەسەسى 2005-يىلى فىۋارالدا يەنە '' زامانىۋى دىمۇكراتچە ئىسلام؛ شىرىكلەر، خام ئەشيا بازىلىرى ۋە ئىستراتىگىيەلەر'' دىگەن نامدا بىر دوكىلات چىقارغان بولۇپ بۇ دوكىلاتنىڭ قارىشچە ئىسلامنىڭ ھەرقانداق ئۆزگەرتىشكە قاتتىق توسالغۇ بولۇشتىن ئىبارەت رايۇندىكى خاراكتىرىنى بىلىپ يەتمەي تۇرۇپ تەلەپتىكىدەك ئىسلاھ قىلىشنى مەيدانغا كەلتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
شۇنداقلا بۇنىڭ چارىسى مۇسۇلمانلارغا تۆۋەندىكى تۆرت گۇرۇھ بويىچە نەزەر تاشلاش ئىچىگە يۇشۇرۇنغان. 1-ئەسلىيەتچى مۇسۇلمانلار.
2-ئەنئەنىۋى مۇسۇلمانلار.
3- يېڭىلىق پەرەس مۇسۇلمانلار.
4- سىكۇلارىزىمچى مۇسۇلمانلار.
راند مەركىزىنىڭ دېيىشچە ئەسلىيەتچى مۇسۇلمانلار چوقۇم يىلتىزىدىن يوقۇتۇپ تاشلىنىشى لازىم، ئۇلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئۇرۇش ئېچىش ۋە بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىش لازىم. ئۇلارنىڭ تىرىكىدىن ئۆلىكى ياخشى. چۈنكى ئۇلار دىمۇكراتىنى ۋە غەرىپ دۇنياسىنى دۈشمەن كۆرىدۇ. ۋە ئاتالمىش جىھادنى ۋە قۇرئاننى ئىنچىكە تەپسىرلەشنى چىڭ تۇتىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئىسلام خەلىپىلىگىنى قايتا قۇرۇشنى كۆزلەيدۇ. ۋە ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەش لازىم. چۈنكى ئۇلار ئۆز نىشانىغا يىتىشتە ئىلىم-پەن ۋە زامانىۋى ۋاستىلەرنى قوللۇنۇشقا قارشى ئەمەس. ئۇلار ھۆججەت- پاكىت قويۇش ۋە مۇنازىرلەردە كۈچلۈك. بۇ قاتارغا سەلەپىي سۈننيىلەرمۇ ۋە بازا تەشكىلاتى ئەگەشكۈچىلىرى، ئۇلارنىڭ ھىمايىچىلىرى ۋە ئۇلارغا ھېسىداشلىق قىلغۇچىلار شۇنداقلا ۋاھھابىلارمۇ كىرىدۇ.
راند مەركىزىنىڭ دېيىشچە ، ئەنئەنىۋى مۇسۇلمانلارغا ھەرگىزمۇ ئەسلىيەتچى مۇسۇلمانلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ قىلىش پۇرسىتى بەرمەسلىك كىرەك، ئەسلىيەتچىلەرنىڭ پىرىنسىپلىرىغا گۇماندا بولىشى ئۈچۈن ۋە ئۇلارغا ئوخشاش ھۆججەتتە، مۇنازىرىدە كۈچلۈك بولۇش دەرىجىسىگە يىتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن داۋاملىق ئۇلارغا مەدەنىيەت تەلىم-تەربىيەسى بىرىش ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاش لازىم. بۇ ساھەدە سوپىلىق يۆنىلىشىدىكىلەرنى ۋە شىيئەلەرنى ئالاھىدە ھەركەتكە كەلتۇرۇش لازىم. چۈنكى ئىبنى خەلدۇن مۇنداق دىگەن:‹ ئەگەر شىيئەلىك بولمىغاندا سوپىلىق بولمىغان بولاتتى.› ۋە يەنە بولۇپمۇ بۇ ئەنئەنىۋى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى زامانىۋىلىقنى قوغلاشقۇچىلارنى قاتتىق قوللاش بىلەن بىرگە، ۋاھھابىلار، ئەلقائىدىچىلەر ئاساسلىنىدىغان ھەنبەلى مەزھىبى پەتۋالىرىنىڭ قارشىسىغا ھەنەپى مەزھىبى پەتۋالىرىنى تارقىتىشنى قوللاش لازىم.
بۇ دوكىلات ئەسلىيەتچىلەرگە قارشى ئەنئەنىۋى مۇسۇلمانلارنى قوللاشتا غەرىپ دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلار، دىندارلار، ياشلار ۋە ئاياللارغا ئەسلىيەتچىلەرنى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىشكە تىرىشىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن:
1- ئىسلام توغرىسىدىكى نەزىرىيەلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش.
2- ئۇلارنى داۋاملىق قانۇنسىز ، گۇمانلىق ئالاقىلارغا چېتىپ كۆرسىتىش.
3- ئۇلار قوللىنىۋاتقان قوپال ۋاستىلەرنىڭ خەتەرلىك، يامان ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرىتىش.
4-ئۇلارنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنى بىلمەيدىغان قابىلىيەتسىز ، دىندىمۇ جاھىل ، سەۋىيەسىز ، قالاق كۆرسىتىش.
5- ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەتلىك ئامىللارنى راۋاجلاندۇرۇش.
6- مۇخبىر ۋە يازغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان، شەنىگە داغ تەككۈزىدىغان، بۇزغۇنچى، مۇناپىق، ئەخلاقسىز كۆرسىتىدىغان مەلۇماتلارنى توپلاشقا ئۈندەش.
7-ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا قىلچە ھۆرمەت كۆرسىتىپ قېلىشتىن قاتتىق يىراق بولۇش. ئۇلارنى بىرەر كىشىنىڭ ھىمايە قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قەھرىمانلاردەك كۆرسەتمەستىن داۋاملىق قورقۇنچاق، ۋەھشى ، ئەقلى جەھەتتىن نۇرمال ئەمەس، كۆرسىتىش.
راند مۇئەسسەسەسى ئۆتكەن يىلى يەنە '' ئەلقائىدىدىن كېيىن '' دىگەن ماۋزۇدا ئىككى توملۇق بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بىرىنچىسىدە خەلق ئارا جىھاد ھەركىتىنى چۆرىدەپ ئىزدىنىش ئىلىپ بارغان، ئىككىنچىسىدە تىرۇرىزىم دۇنياسىنىڭ تاشقى شايكىلىرى ھەققىدە بولۇپ بۇ ئىككى توملۇق خۇلاسە ئۇمۇمەن چوڭ تۆت تېمىغا بۆلۇنگەن:
بىرىنچى تىما: ئەلقائىدە ئۇنىڭ ئەقىدىسى ، ئىستىراتىگىيىسى، تاكتىكىلىرى، ئىقتىسادى مەنبەسى، ئۇرۇش ئوپراتسىيەلىرى، شەخىسلەرنىڭ ئالمىشىشى ۋە كەلگۇسىدىكى ئىھتىماللىقلار دىگەن نۇقتىلاردا تەكشۇرۇش ئېلىپ بارغان.
ئىككىنچى تىما: ئەلقائىدىنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنى قۇبۇل قىلغان ئەمما ئۇنىڭغا رەسمى چېتىشلىقى بولمىغان خەلق ئارادىكى باشقا جىھاد جامائەتلىرى ھەققىدە تەكشۇرۇش ئېلىپ بارغان.
ئۈچىنچى تىما: ھاماس ۋە ھىزبۇللاغا ئوخشاش ئىسلامى ياكى باشقا ئىسلامى بولمىغان ۋە ئەلقائىدە بىلەن ئېنىق چېتىشلىقى بولمىغان لېكىن ئامرىكا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىد ئېلىپ كىلىدىغان دۇنيادىكى ھەرقايسى تىرۇرىزىم جامائەتلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان.
ئاخىرقى تىما: تەشكىللىك جىنايەتلەر بىلەن تىرۇرىزىمنىڭ ئالاقىسى جۈملىدىن تىرۇرىستلار ئۆز ھەركەتلىرىنى ئىقتىسات بىلەن تەمىن ئىتىش ئۈچۈن تەشكىللىك جىنايەتچىلەرنى ئىشقا سېلىش يوللىرىنى تەھلىل قىلغان.
بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى تەييارلاشقا '' ئانگىل راباسا'' يىتەكچىلىق قىلغان بولۇپ بىزنىڭ بۇ ماقالە تەھلىل قىلىدىغان تەتقىقات خۇلاسىسنىمۇ شۇ تەييارلىغان. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى ئامرىكا قوشماشىتاتلىرىنى ئەلقائىدىگە يار-يۆلەك بولۇش مەنبەلىرىنىڭ دائىرىلىرىنى تېخىمۇ ئىسكەنجىگە ئېلىش خىزمىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇشقا بولۇپمۇ ئىسلام ئەللىرىدە چىڭ تۇتۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەلقائىدە يەنى خەلقئارالىق جىھادقا قارشى كۆرەشنىڭ غەلبىسى ئالەمشۇمۇل جىھاد قىلىش ئىدىئولوگىيىسىگە ھۇجۇم قىلىش ، جىھاد جامائەتلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىسنى ئۈزۈۋېتىش ۋە جىھادى ھەركەتلەرتەھدىدىگە قارشى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاپ ھەرجەھەتتىن ھىمايە قىلىش ئارقىلىق قولغا كىلىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ تەتقىقات نەتىجىسى مۇنداق دەيدۇ: جىھاد ئەقىدىسى ھەقىقەتەن ئىسلام دۇنياسىدا تېخىمۇ مەقبۇللۇققا ئىرىشىپ داۋاملىق قانات يايماقتا. بۇ بولسا تىرۇرىستلارنىڭ ئەلقائىدە سېپىنى تېخىمۇ كۆپلەپ يېڭىلىشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەقىدىنىڭ راستلىقىغا تىغ ئۇرۇلسا ئەلقائىدە ئۆزلىگىدىن يىمىرىلىپ ھالاك بولىدۇ.
بۇ تەتقىقات نەتىجىسى يەنە تىرۇرىزىمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەنئەنىۋى يوللىرى ئەلقائىدىنى مەغلۇپ قىلىشقا يىتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەلقائىدە بىلەن بولغان كۆرەش خاراكتىرىنىڭ سىياسى ۋە ئىدىئولوگىيە كۆرىشى ئىكەنلىگىنى چۈشۈنۈش لازىملىقىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ بۇ ھەقتە '' راباسا'' مۇنداق دەيدۇ : خەلقئارالىق جىھاد ھەركىتى رادىكال ئىدىئولوگىيىلىك ھەركەتتۇر. ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئەڭ قۇلاي دەرىجىدىكى پىكىر ئۇرۇشى بىلەن بولىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ دېيىشىچە بۇنىڭدىن مەقسەت ئەلقائىدىنى ئۆزى ھازىر ئەڭ يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئىشقا سېلىۋاتقان ئىسلامى خىتاپ ۋە سىياسى خىتاپلاردىن پايدىلىنىپ كىتىشتىن توسۇش ئىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ قارىشچە خەلقئارالىق جىھاد ئەقىدىسىنى سىرىتتىن ئىسكەنجىگە ئېلىش بەسى مۇشكۇل بولۇپ بۇنىڭدا ئەلقائىدە ئاللىقاچان مۇسۇلمانلارنى غەرىپكە قارشى سەپەرۋەر قىلىپ بولغان لېكىن ئالەمشۇمۇل ھەركەت قىلىش پىكرىدە ئەلقائىدە بىلەن جىھاد جامائەتلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ ئورتاق بولۇپ كەتمىگەن، دەل مۇشۇ سەۋەپتىن بۇ تەتقىقات ئامرىكا قوشماشىتاتلىرىنى خەلق ئارالىق جىھاد ھەركىتى بىلەن يەرلىك جىھادى ھەركەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئۈزۈۋېتىشكە چاقىرىدۇ. بۇ بولسا خەلقئارالىق جىھاد ھەركىتى بولغان ئەلقائىدە بىلەن غەرىپكە تەھدىد بولمايدىغان يەرلىك جىھاد جامائەتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى تەكىتلەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. تەكىتلەيدىغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى شۇكى ئەلقائىدە قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشۋاتقان ئىسلام دۆلىتى باشقا ئىسلامى ئېقىملارنى يىراقلاشتۇرۇپ ئۆزىگە يېقىن يولاتمايدىغانلىقىنى بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامرىكىنىڭ تىرۇرۇرجامائەتلىرىگە قارشى كۆرەش قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىش. شۇنداقلا يەرلىك دۇست ۋە ئىتىپاقداش دۆلەتلەرنى تىرۇر تەھدىدىگە قارشى ھەرخىل مەسلەھەت، تەتقىقات دوكىلاتلىرى، سىياسى تەھلىل ۋە مەخپى ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلەپ قوللاپ- قۇۋۋەتلەش.
راند مۇئەسسەسەسىنىڭ بىز ئاساسى تەھلىل قىلماقچى بولىۋاتقان '' مۆتىدىل مۇسۇلمانلار تورى قۇرۇش'' ماۋزۇلۇق ھىجرىيە 1428-يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى مىلادىيە 2007-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا چىقىرىلغان بۇ دوكىلاتتىكى ئىگىركىلىرىگە ئوخشىمايدىغان يېڭىلىق، ماقالىنىڭ باش قىسمىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك سابىق سوغۇق ئۇرۇشلار دەۋرىدىكى كومۇنىزىم پىكرىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۆرەش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ بۇگۈنكى ئىسلام ئېدىئولوگىيىسىگە قارشى ئەمىلى ئىشقا سېلىش ۋە ئىسلام دۇنياسىدا سىكۇلارىزىم، لىبرالىزىم ۋە مودىرنىزىم تەرەپدارلىرىنى مەيدانغا چىقىرىش شۇنداقلا ئىسلامدىكى '' مۆتىدىللىق '' نى ئامرىكىچە چۈشەندۇرۇش ۋە ئامرىكا بىلەن كىمنىڭ ھەمكارلىشىدىغان ياكى كىمنىڭ ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن مەخسۇس پىرىنسىپلارنى بەلگىلەش قاتارلىق نۇقتىلىق رىئال تىمىلار ئوتتۇرغا قويۇلغان.
بۇ دوكىلاتنى راند مەركىزىدە ئىشلەيدىغان ئامرىكىلىق بىر توپ مۇتەخەسسىسلار تەييارلىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۇنگەنلىرىدىن بىرى '' ئانگىل راباسا'' بولۇپ ئۇ بىر تەتقىقاتچى ئاكادىمىك بولۇشى بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئامرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىكلىرىدە بىر قاتار مۇھىم مەنسەپلەردە بولغان، ئۆزى ئامرىكا ھارۋارد ئۈنۋىرستىتى تەرىپىدىن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئىنگىلىز تىلىدىن باشقا فارانسۇزچە،ئىتالىيەچە، گىرىگچە ۋە ئىسپانچە تۆت تىلنى پىششق بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسى توغرىسىدا بىر قاتار كىتاپلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى بار.
بىر مۇقەددىمە، توققۇز بولۇم ۋە بىر خۇلاسە بولۇپ 217بەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ دوكىلات ئىسلام بىلەن غەرىپ ئارىسىدىكى ئىدىئولوگىيە كۆرىشىنىڭ خاراكتىرىنى بۇرۇنقى كاپىرلىق دۇنياسىنىڭ شەرىق ۋە غەرىپ لاگىرلىرى ئارىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشلەرشەكلىدىكىگە ئوخشاش ئىسلام دۇنياسى بىرتەرەپتە غەرىپ ئەللىرى بىر تەرەپتە بولغان يەنە بىرخىل كۆرەشكە ھالىتىگە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ دوكىلات ھازىرقى كۆرەش ئەسكىرى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى كۆرىشى بولۇش بىلەن بىرگە ئېدىئولوگىيە كۆرىشى ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ تىرۇرىزىم بىلەن بولغان جەڭ غەلبىسى پەقەت ئەسكىرى ۋە بىخەتەرلىك ساھەسى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ بەلكى ئەڭ مۇھىم بولغىنى دوكىلات رادىكال ھىساپلىغان پىكىر ساھەسىدىكى ئىسلام ئېدىلۇگىيەسىنى مەغلۇپ قىلىشتۇردەپ كۆرسىتىدۇ. دوكىلاتنىڭ قارىشچە بۇ بىر تەبىئى كۆرەش بولۇپ بۇنىڭدا ئىلگىركى سوغۇق ئۇرۇشلار دەۋرىدىكى كۆمۇنىزىم ئېدىئولوگىيىسى بىلەن بولغان كۆرەشتىن ئالغان تەجرىبىلەرنىڭ كارغا كىلىدىغانلىرىنى تېپىپ چىقىپ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان كۆرەشنىڭ تىزگىنىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن يېڭى ۋاستىلەر، يېڭى پىلانلار، يېڭى قۇراللار ۋە يېڭى پىرگىراممىلار بىلەن قايتا ئىشقا سېلىش بۇرۇنقى غەلبە سەۋەپلىرىنى ئىنچىكە ئىزدەپ ئۇنى ھازىر كارغا كىلىدىغان يېڭى تەلىماتقا ئايلاندۇرۇش. دوكىلاتتا بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر باپ ئاجرىتىپ بۇرۇنقى كۆمۇنىزىم ئېقىمىغا قارشى قىلىنغان ئېدىلۇگىيە مەرىكىسى بىلەن ھازىرقى ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان نۆۋەتتىكى كۆرەشنى مۇرەككەپ ھالدا سېلىشتۇرۇپ چىققان. شۇنىڭدەك بۇ دوكىلاتنىڭ قارىشچە ئىسلامنى تەپسىرلەشنى ئىسلامچى ئېقىمنىڭ قولىدىن ئېلۋېلىپ بۈگۈنكى كۈندىكى دىمۇكراتىيە ، ئىنسان ھوقۇقلىرى، ئاياللار مەسىلىلىرى قاتارلىق ساھەلەردە رىئاللىققا ماس خەلقئارا قانۇن، نىزاملارغا توغرا كىلىدىغان قىلىپ تۇزۇپ چىقىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەن.
بۇ دوكىلات ئاساسى كۈچىنى ئىسلامدىكى مۆتىدىللىكنى ئېنىق ۋە نۇقتىلىق قىلىپ ئامرىكىچە چۈشەندۇرىدىغان تونۇشتۇرۇش ئىجات قىلىش ۋە بۇ غەرىپ ئەللىرى تەرىپىدىن ئىزچىل قوللىنىلىپ ئىسلام دۇنياسىدىكى'' مۆتىدىللىك'' داۋاسى قىلىۋاتقانلارنىڭ ئامرىكىچە '' مۆتىدىللىك'' كە چۈشىدىغان ياكى چۈشمەيدىغانلىقىنى ئايرىشتىكى قېلىپ ۋە ئەندىزىسى بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىگە مەركەزلەشتۇرگەن. دوكىلات يەنە دوكىلاتتىكى بۇ خىل '' مۆتىدىللىك'' ئۆلچەملىرىنىڭ ئامرىكا سىياسىتىگە خىزمەت قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللار ئىكەنلىگى شۇنداقلا ئامرىكا بۇنىڭغا ئاساسەن پەقەت ئامرىكا تەپسىرىدىكى '' مۆتىدىللىك'' كە چۈشىدىغان شەخس ۋە ئورگانلارنىلا قوللىشى لازىملىقى ئىلگىرى سۇرگەن.
بىزمۇ بۇ ماقالىدە دوكىلاتتىكى باشقا مۇھىم نۇقتىلارنىڭ پات ئارىدا تەكشۇرۇلۇپ چىقىشىنى جىددى ئۇمىت قىلغان ھالدا دوكىلات ئاساسلىق كۈچىنى مەركەزلەشتۇرگەن ئاشۇ ئامرىكىچە '' مۆتىدىللىك'' ئۆلچەملىرىنى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىمىز :
ئامرىكىچە '' مۆتىدىللىك '' چۈشەنچىسى دېگەن نىمە؟
تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشچە ئامرىكا قۇشماشىتاتلىرىنىڭ بىرىنچى قەدەمدىكى نۇقتىلىق ئاساسى خىزمىتى '' مۆتىدىل مۇسۇلمانلار تورى قۇرۇش'' بولۇپ، بۇ بولسا بۇخىل مۇسۇلمانلارنىڭ سالاھىيىتىنى ۋە سۈپەت ئۆلچەملىرىنى بەلگىلەشكە باغلىق. بۇنى بەلگىلەشكە قولايلىق توغدۇرۇش ئۈچۈن راند جەمىيىتىنىڭ بەزى مۇتەخەسسىسلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ تەركىبىنى ئايرىشتا ئىلگىركى قوللانغان بەزى پىرىنسىپلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. مۇشۇ مەخسەتتە دوكىلات ''مۆتىدىل مۇسۇلمانلار'' نىڭ خاراكتىرىنى بەلگىلەيدىغان بىرقىسىم ئۆلچەملەرنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1- دېمۇكراتىيەنى قۇبۇل قىلىش:
غەرىپ دېمۇكراتىيەسىنى قۇبۇل قىلىش بولسا مۆتىدىل مۇسۇلمانلارنى تونۇشتىكى مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر؛ بەزى مۇسۇلمانلارغەرىپچە دېمۇكراتىيە نۇسخىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. يەنە بەزى مۇسۇلمانلار بولسا ئۇنىڭ ئىسلام باش پىرىنسىپلىرىغا ئوخشاپ كىتىدىغان يەرلىرىنى، بولۇپمۇ '' شۇرا'' (كېڭەش) پىرىنسىپىنى دېمۇكراتىيەگە مەزمۇنداش دەپ قاراپ قۇبۇل قىلىدۇ، دېمۇكراتىيەنى قۇبۇل قىلىپ ئىشىنىش دىمەك ئىسلام دۆلىتى پىكرىدىن ۋاز كىچىش دېمەكتۇر.
2- قانۇن تۈزۈشتە ھىچ بىر كۆز قاراشقا باغلانمىغان مەنبەلەرنى قۇبۇل قىلىش:
تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى '' مۆتىدىل ئىسلامچىلار '' بىلەن رادىكال ئىسلامچىلارنىڭ ئاساسلىق پەرقلىرىنىڭ بىرى بولسا ، ئۇنىڭ شەرىئەتنى تەدبىقلاش مەسىلىسىگە بولغان مەيدانىدۇر. تەتقىقاتلار تەكىتلەيدۇكى شەرىئەتنىڭ ئەنئەنەۋى تەپسىرلىرى دېمۇكراتىيە باش پىرىنسىپلىرى بىلەن ماس كەلمەيدۇ ۋە ئىنسان ھۆقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلمايدۇ. دوكىلات بۇنىڭغا سۇدانلىق يازغۇچى ئابدۇللا نەئىمنىڭ ماقالىسىدىن ئۈزۈندە ئېلىپ دەلىللەيدۇ. ئۇ يازغۇچى ماقالىسىدە مۇنداق دىگەن: ئىسلام شەرىئىتىدە ئەر، ئاياللار ۋە مۆمىن ، مۆمىن ئەمەسلەر بارابەر ھوقۇققا ئىگە ئەمەس.
3-ئاياللار ھوقۇقىنى ۋە باشقا ئېتىقادتىكى ئاز سانلىقلارنى ھۆرمەت قىلىش:
بۇ توغرىدا تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى '' مۆتىدىل ئىسلامچىلار'' ئاياللارنى ۋە ئوخشاش بولمىغان باشقا ئىتىقاتتىكى ئازسانلىقلارنى كۆپراق قۇبۇل قىلىدۇ. ۋە ھازىرقى ئىجتىمائى مۇھىتنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام زامانىغا ئوخشاش بولمىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ قۇرئاندىكى ئاياللار بىلەن باشقا دىندىكىلەرگە چىقىرىلغان ئايرىم مۇئامىلە قىلىش قانۇنلىرىغا قايتىدىن قاراپ چىقىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
4- تىرۇرىزىمغا ۋە قانۇنسىز كۈچ ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇش:
تەتقىقاتلار شۇنى تەكىتلەيدۇكى بىر قىسىم '' مۆتىدىل ئىسلامچىلار'' باشقا كۆپۈنچە دىنلاردىكىدەك '' ئادالەت ئۇرۇشى'' ئەقىدىسىگە ئىشىنىدۇ. لېكىن كۈچ ئىشلىتىشنىڭ قاچان قانۇنلۇق بولىدىغانلىقى ۋە قاچان قانۇنسىز بولىدىغانلىقىغا بولغان مەيدانغا ئاساسەن قايسى تىپقا تەۋەلىگىنى بەلگىلەش لازىم.
'' مۆتىدىللىك '' توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سىناق:
دوكىلات بەشىنچى بۆلۇمدە '' مۆتىدىللك '' ئۆلچىمى سۇپىتىدە بىرتوپ سوئاللارنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى بىرەر شەخىس ياكى بىرەر جامائەتنى '' مۆتىدىللك '' بىلەن سۇپەتلەش مۇمكىنمۇياكى مۇمكىن ئەمەسمۇ دىگەننى بەلگىلەيدۇ. بۇ دوكىلات يەنە ئىسلامى ئېقىملار بەزىدە ئۆزىنىڭ ''مۆتىدىل'' ئىكەنلىگىنى داۋا قىلسىمۇ لېكىن بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس چۈشەندۇرۇشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرپ بۇنىڭ چارىسى ئىتتىپاقداش كۈچلەر ئۆز ئارا بىرلىككە كەلگەن بىر توپ سوئاللار تىزىملىگى بولۇش ئىكەنلىگىنى شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق '' مۆتىدىللىك '' داۋاسى قىلۋاتقان ياكى '' مۆتىدىل ''لەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئىسلامى ئېقىمدىكى شەخىس ۋە جامائەتلەرنىڭ ھەقىقى نىيىتىنى ئاشكارىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، '' مۆتىدىللىك '' مۇئامىلىسى پەقەت ئىتتىپاقداشلاربىرلىككە كەلگەن سۇئاللارنىڭ جاۋابى ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەنلەرگىلا قىلىنىشى لازىملقىنى جىكىلەپ ئۇمۇمەن ئامرىكىچە '' مۆتىدىللىك''نىڭ ئاساسى نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان تۆۋەندىكى 11سۇئالنى ئوتتۇرغا قويغان :
1- مەلۇم شەخس ياكى جامائەت قوپال ۋاستىلەر بىلەن شۇغۇللىنامدۇ ياكى ئۇنى قۇبۇل قىلامدۇ؟ گەرچە ھازىر زوراۋانلىق ۋاستىلىرىنى قوللىمىسىمۇ ياكى شۇغۇللانمىسىمۇ ئىلگىرى شۇغۇللانغانمۇ ياكى قۇبۇل قىلامتى ؟
2-دېمۇكراتىيەنى قوللامدۇ ؟ ئەگەر قوللىسا ئۇنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان كەڭ دائىرىدىكى مەنىسى بويىچە چۈشىنىپ قوللامدۇ؟
3- خەلقئارادا بىرلىككە كىلىنگەن ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوللامدۇ؟
4- ئىنسان ھوقۇقلىرى توغرىسىدىكى دىنى ئەركىنلىك ھەققىدە ئايرىم پىكرى بارمۇ ؟
5-دىنىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمدۇ؟
6- جىنايى ئىشلار جازالىرىدىكى شەرىئەت قانۇنىنى تەدبىقلاشنى دۆلەت چوقۇم مەجبۇر يۇرگۇزۇش كىرەك دەپ ئىتىقات قىلامدۇ؟
7-ھەق تەلەپ قانۇنلىرىنىڭ مەخسۇس قىسىملىرىدا دۆلەت شەرىئەتنى مەجبۇرى ئىجرا قىلىشى لازىم دەپ ئىتىقات قىلامدۇ؟ مەسىلىسنى دىنسىز قانۇنلەر بويىچە بىرتەرەپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە شەرىئەتكە ئاساسلانمايدىغان قانۇنلارنى تۈزۈش ئىختىيارلىقى بىرىلىشى كىرەكلىكىنى ئىتىراپ قىلامدۇ؟
8-غەيرى دىندىكى ئاز سانلىقلارمۇ، مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش تامامەن تولۇق ھوقۇققا ئىگە بولىشى لازىملىقىنى ئىتىراپ قىلامدۇ؟
9-ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان بىر دۆلەتتە غەيرى دىندىكى ئاز سانلىق كىشىلەردىن بولغان بىر كىشىنىڭ دۆلەت ئالى ئورگانلىرىدا مەنسەپ تۇتۇش ھەققى بارلىقىنى ئىتىراپ قىلامدۇ؟
10-ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان بىر دۆلەتتە يەھۇدىلار ۋە باشقا غەيرى دىندىكىلەر ئۆزىگە خاس ئىبادەتخانا بىنا قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە دەپ ئىتىراپ قىلامدۇ؟
11-ئىتىقاتسىزلىق باش پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا قۇرۇلغان دۆلەت قانۇن تۇزۇملىرىنى قۇبۇل قىلامدۇ؟
يۇقۇرقى سۇئاللاردىن تەركىپ تاپقان بۇ لايىھەنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى دەرھال ئامرىكىچە ''مۆتىدىللىك'' چۈشەنچىسسىدە خەلقئارالىق '' مۆتىدىللىك'' دەۋاسى ئاستىدا مۇسۇلمانلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇش بەدىلىگە پەقەت ئامرىكىنىڭ پايدا-مەنپەئەتىلا كۆزلەنگەنلىكىنى كۆرىۋالالايدۇ. دىمەك بىز ھازىردىن باشلاپ ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار جەمىيىتى ئىچىدە ئىسلام شەرىئىتى سەپەرۋەر قىلغان مىھرى-شەپقەت ۋە ئوتتۇرھاللىق باش قائىدىلىرىگە ئاساسلانمايدىغان بەلكى ھەممە كىشى شەرتسىز قۇبۇل قىلىدىغان خەق ئارالىق ئاساسى قانۇنلار سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنىدىغان ، غەرىپچە تۈپ نىزام-نامە بولۇپ مەيدانغا چىقىدىغان، بىزگە يات بىر خىل '' مۆتىدىللىك'' چۈشەنچىسى تەشۋىقاتى دولقۇنى ئالدىدا تۇرۇپتىمىز.
بۇ تەۋسىيەلەر قارارلاشتۇرۇلۇپ خەلق ئارا پىكىر ساھەسىگە كىرىپ كەلسە خۇددى ئىلگىرى ئىنسان ھوقۇقلىرى نامىدا ئوتتۇرغا چىقىپ كېيىنچە ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ شەھۋەت قاندۇرۇش ھوقۇقى شۇنداقلا ئەخلاق، ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپلىق قىلىش ھوقۇقلىرىغا ئايلىنىپ قالغان ئاتالمىش ھوقۇقلارغا ئوخشاش دۇنيا خەلقىنىڭ ئۇنى رەت قىلىشىغا ھەتتا ئىتىراز بىلدۇرۇشىگە خەلقئارالىق قانۇنلارغا ۋە خەلق ئارا ئىنسان ھوقۇقلىرىغا قارشى چىققانلىق دىگەن داۋا بىلەن ھەرگىز يول قويۇلماسلىقى مۇمكىن. دىققەتنى تارتىدىغان يېرى شۇكى بۇ دوكىلات نۇرغۇن شەرىئەت تىكىستلىرىنى ئىسلام ئىلمى مىراسلىرىدىن چىقىرىپ تاشلاپ يۇقۇرقى لايىھەنى تەكىتلەپ كۈچلەندۇرۇش، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە بۇنىڭدا رول ئېلىش ئۈچۈن يېڭى دەۋەتچىلەر ياكى دوكىلاتتا ئاتالغاندەك ياش دەۋەتچىلەرنى ئىشقا سېلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. دوكىلات يەنە بۇخىل '' مۆتىدىللىك'' كە چاقىرىشنىڭ مەسچىتلەردىن يىراق بولىشىنى، بۇنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تىلېۋۇزۇر پىرۇگىراممىلىرى ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا مەشھۇر، ئاڭلىغۇچىلىرى كۆپ شەخسلەرنى ئىشقا سېلىشنى تەۋسىيە قىلغان.
دوكىلات يەنە سوپى ۋە ئەنئەنىۋى ئېقىملارنى سەلەپىچە(ساھابىلارنى ئۈلگە قىلغان)ئىسلامچىلارغا قارشى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ دوكىلاتتا ئەنئەنېۋى ئېقىملارنى مەزھەپچىلىككە مايىل شۇنداقلا ۋاھھابىلارنىڭ چاقىرىقلىرىغا خىلاپ ھالدا مازارلىقتا ناماز ئوقۇيدىغان، ئىجتىھات قىلماي قارىغۇلارچە ئەگىشىدىغان، سوپىلىققا مايىل كىشىلەر دەپ تونۇشتۇرۇلغان. دوكىلاتتا يەنە ئىسلامچىلارئېقىمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سوپى ۋە ئەنئەنىۋى ئېقىم بىلەن ئۆز ئارا چۈشۈنۈش زېمىنى ھازىرلاش غەرىپكە پايدىلىق ئىشلاردىن ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
دوكىلات يەنە ئىسلام دۇنياسىنى تەكشۇرۇشتىن ئېنىقلانغان خۇلاسە چۈشەنچىسى بويىچە ''مۆتىدىللەر''بىلەن ھەمكارلىشىشقا تۆۋەندىكى گورۇھلارنى مەركەز قىلغان ھالدا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن:
1-دىنسىزلىق ۋە ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىدىن بولغان مۇتەپەككۇرلەر ۋە ئاكادىمىكلار،
2- '' مۆتىدىل'' يېڭى دەۋەتچىلەر.
3-خەلق ئىچىدە گىپى ئۆتىدىغان ئاق ساقاللار.
4-باراۋەرلىك ھوقۇقى داۋاسىدىكى ئاياللار بىرلەشمىلىرى.
5-ژۇرنالىستلار، يازغۇچىلار ۋە مۇتەپەككۇرلار.
دوكىلات يەنە يۇقۇردىكى گۇرۇھلار ئىچىدىن ئامرىكىچە ''مۆتىدىللك'' ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلارنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ مۇئەسسەسەلىرىنى ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوللاش ۋە ئامرىكىچە '' مۆتىدىللىك'' ھىمايىچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان باشقا مۇئەسسەسەلەرنى قۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش شۇنداقلا ئىسلامچىلار ئېقىمىغا قارشى تۇرىدىغان ئامرىكامەنپەتىنى ھىمايە قىلىدىغان بۇنداق مۇسسەسەلەرنى تېخىمۇ كۆپ قۇرۇشقا كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ ئىجتىمائى، ئېدىيىۋى ۋە مەدەنى مۇھىت بەرپا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشنى كۆرسەتكەن.
دوكىلاتتا كۆرسىتىشچە بۇ باسقۇچتا ئىسلامچىلار ئېقىمىغا قارشى ھەقىقى غەلبە قىلىش تەس بولغاچقا ھازىرقى مەركەزدىن ئەتراپقا كېڭىيىشتىن ئىبارەت پىكىر يۆلىنىشىنىڭ ئەكسىنى مەيدانغا چىقارغىچە كۆرەش نۇقتىسىنى مەركەزدىن ئۇنىڭ ئەتراپىغا قارىتىشقا ئەھمىيەت بىرىشكە تەۋسىيە قىلىنغان. پىكىر يۆلىنىشىنى ئەتراپتىن مەركەزگە قارىتىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ياكى دوكىلات تەييارلىغۇچىلار ئەركىنراق ۋە '' مۆتىدىل''راق ھىساپلىغان ئىسلام ئەللىرىدىن ئەرەپ دۇنياسىنىڭ مەركىزى تەرەپكە يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تەرجىمە ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك دوكىلات، نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قوللاشقا لايىق بولغان بىرقىسىم شەخىس ۋە تەرەپلەردىن تەركىپ تاپقان ''مۆتىدىللىك'' ئۆلگىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئېچىنارلىق بولغان يېرى شۇكى دوكىلات كۆرسەتكەن ئۈلگىلىك مىساللار قاتارىدا ئىسلام ئەلچىسى سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن خىيالى دىئالۇگ ئېلىپ بارغان شەرقى-جەنۇبى ئاسىيادا چىقىدىغان بىر ژۇرنالمۇ بار. شۇنداقلا كومىدىيە تىياتىرى ساھەسىدە ئىشلەيدىغان، سەھنىگە نىقاپ بىلەن چىقىپ ئىسلام ۋە مۇسۇلمان ئايالنى ھاقارەتلەپ يۇمۇر سۆزلىگەندىن كېيىن سەھنىدە نىقاپنى چۆرۇپ تاشلاپ ئىچىدىكى لىپتىك ۋە كۇسار بىلەن پىقىراپ ئويۇن كۆرسەتكەن پاكىستانلىق نورۋېگىيەدە ياشايدىغان بىر ئايالمۇ بار. دوكىلاتنىڭ كۆرسىتىشچە بۇلار قوللاش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش زۇرۇر بولغان '' مۆتىدىللىك''كە تەۋە ئىشلارمىش. دوكىلات كۆرسەتكەن يەنە بىر ئۆلگە بولۇپ ئۇ گۇۋالىق توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ سەھىلىگىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنىڭ زۇرۇرىيىتى يوقلىغىنى داۋا قىلغان بىر سەئۇدى ئەرەبىستانى تور بېتىدىن ئىبارەت.
بۇ دوكىلات ۋە بۇنىڭدا ئوتتۇرغا قويۇلغان '' مۆتىدىللىك'' كە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ. بۇ قىسقا ماقالە ئاشۇ مۇھىم دوكىلاتنى تونۇشتۇرۇشتىكى بىر مۇقەددىمىدۇر، دوكىلاتتا بىز ماقالىدە تىلغا ئېلىپ بولالمىغان جىددى ئۈگۈنۈش قىلىش زۆرۈر بولغان يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار بولۇپ بۇلار ۋە بۇنىڭدىن باشقا دوكىلاتلار ئوتتۇرغا قويغان سۇيقەستلەرگە تىزدىن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش يوللىرىنى بىكىتىپ ئوتتۇرغا قويۇش لازىم ئىدى. لېكىن بىز ئۇمۇمەن مۇشۇ دوكىلات ماۋزۇسىغا ئالاقىدار '' مۆتىدىللىك'' نى قايتا تونۇشتۇرۇپ ئۇنى ئامرىكىچە قىلىش دېگەن توغۇرلۇق توۋەندىكىدەك بىر قىسىم ۋەسىيەتلەرنى سۇنىمىز:
1- دوكىلاتنى مۇمكىن قەدەر تىزدىن تەرجىمە قىلىپ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار ۋە سىياسىئۇنلاردىن بولغان قارار چىقارغۇچى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ۋە بۇ دوكىلاتنىڭ مەقسىدى ۋە ئامرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنغان تەكلىپلىرىنى چۇشۇنۇشكە ياردەملىشىش.
2- دوكىلاتتا ئوتتۇرغا قويغان '' مۆتىدىللىك '' چۈشەنچىسىگە نىسبەتەن مۇناسىپ ئىلمى رەددىيە تەييارلاش ۋە بۇنداق شەرىئەت قوللانمىلىرىنىڭ غەرىپ ئەركىنلىكىگە چوقۇنغۇچىلار، سىكۇلارىزىمچىلار ۋە غەرىپلىكلەر تەرىپىدىن بولاپ كىتىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇش. بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ ئىسلام چاقىرغان ھەقىقى '' مۆتىدىللىك''نى ۋە ساماۋى كىتاپلار رىغبەتلەندۇرگەن ئوتتۇرھال مۇسۇلمانچىلىقنى تەكىتلەپ شۇنداقلا دىنسىزلار نىڭ باشقىلارنى باستۇرۇش ۋە ئەقىللەرنى بۇزۇپ دىنلارغا قارشى تۇرۇش سىياسىتى تەشەببۇس قىلۋاتقان '' مۆتىدىللىك''نى ئىنكار قىلىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى بەك مۇھىم دەپ قارايمىز.
3-بۇخىل دوكىلاتلار ۋە ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇش ۋە تەرجىمە قىلغاندا مەنالارنى ئىپادلەشتە دىققەتلىك بولۇش شۇنداقلا بۇخىل دوكىلاتلارنى غەرىپ تەشۋىقاتلىرى ئوچۇق ئېلان قىلىشقا نىمە ئۈچۈن قىزىقمايدۇ ؟ئۇنىڭدا ئاشۇنداق ئېلمى، سۇيقەستلىك پىلانلار جۇرئەتلىك ئوتتۇرغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆزلىرى ئوتتۇرغا قويغان ئاتالمىش'' مۆتىدىللك'' سۇپىتىگە چۈشىدىغان شەخىشلەر ۋە مۇئەسسەسەلەر ناملىرى بىلەن ناھايىتى ئېنىق سۇرەتلەپ بىرىلگەن بىر خىزمەت خەرىتىسى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟ دىگەنلەرنى ئىزاھلاش قاتارلىقلارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيمىز.
4- پىكىر جەھەتتىكى ھۇجۇمنى ئالدى بىلەن غەرىپ تەرەپ باشلىغانلىقىنى ۋە بۇ ھۇجۇم ئۈچۈن پىلان مەركىزى ئورگانلىرى پىكىر -يوليورۇقلارنى، مەبلەغ ۋە باشقا ھازىرلىقلارنى توپلاۋاتقانلىقىنى،مەيلى بىز بۇنى قۇبۇل قىلايلى ياكى بىرقىسىم كىشىلىرىمىزگە ئوخشاش كىلىشىپ ياشاش دېئالۇگلىرىغا چاقىرىشنى داۋاملاشتۇرايلى بەرىبىر ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش لازىم. ئىسلام ئۇممىتىگە ھەقىقەتەن ئومۇميۇزلۇك پىكىر ئۇرۇشى ئېچىلىشقا باشلىنىپ ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداشلار توپلىنۋاتقانلىغىنى بۇنىڭغا قارشى ئۇممەت بارلىق قاتلاملىرى بويىچە خەتەرگە لايىق ئىنكاس بىلدۈرمەي بولمايدىغانلىقىنى ۋە ھەممە ساھەلەر دۇشمەن ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى بىرلىكسەپ تۇزۇشىنىڭ تەخىرسىلىكىنى شۇنداقلا بۇنىڭدا ئىسلام ئۇممىتى ئۆز ئارا ئىختىلاپ ۋە رىقابەت بولسۇن ياكى دۇشمەن بىلەن بولغان كۆرەش بولسۇن شەرىئەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە- تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى لازىملىقىنى بايان قىلىش كىرەك.
5- مەركەزلەرنى ھىمايە قىلىش بىلەن بىرگە دوكىلاتتا ئالدى بىلەن قول سېلىش كۆرسىتىلىپ كۆپ تىلغا ئېلىنغان ئۇممەتنىڭ ئەتراپى قىسمىنىمۇ ھىمايە قىلىشقا ئۇممەتنى سەپەرۋەر قىلىش.
6-ھەرقايسى تەرەپ ماسلاشقان جىددى، ئۇنۋىرسال ۋە سالماق قەدەمدىكى تەشۋىقات خىزمىتى ئىسلام ئۇممتىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشتىكى پىكىر ئۇرۇشى مۇداپىئەسىدە مۇھىم بىر قۇرال بولىشىنى، بۇنىڭدا ئەمىلى بولمىغان ھىسىياتچان خىتاپلاردىن يىراق بولۇشنى ۋە ئۇممەت ھوقۇقىنى قوغداشتا غەيرەتنى ئاشۇرۇپ ھىممەتنى چىڭىتىش، سادىق ئىرادىلەرنى جۇشقۇن مەيدانغا چىقىرىش ئۈچۈن خىتاپلاردىكى شەرىئەت ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان مۇۋاپىق ھىسىيات كۆتۇرەڭگۈلىكىنمۇ سەل چاغلىماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز.
7- ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا قىلىدىغان ۋەسىيىتىمىز شۇكى ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا بۇ ئۇممەتكە بولغان دوستلۇق ئىپادىسىنىڭ تەلىپى ئىسلامنى ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلىنۋاتقان ھۇجۇملاردىن قوغداش بولىدۇ.
ئىسلامى ئېقىملارنىڭ ئىخلاسمەن قوللىغۇچىلىرىمىزغا قىلىدىغان ۋەسىيىتىمىز ، ئۇممەت ۋە ئۇنىڭ پايدا-مەنپەئەت ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى باشقۇچتا ئىسلامغا بولغان ھەقىقى دوستلۇق، غەرىپكە پىكر ۋە پەن- مەدەنىيەت ساھەلىرى ۋە باشقا ساھەلەردە قارشى تۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

(ئاپتۇر :خەپپاچى تەخەللۇسلۇق بىر دوكتۇر ، ئەلبايان ژۇرنىلىدىن نەقىل قىلىندى )

مەنبە: ساقلىۋالغانلىرىم


ئالمىزاردىكى نادىرەنىڭ يوللانمىسى
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-06 09:21

مۆدىدىل؛

ئوتتۇرا يول تۇتۇش.......................................