ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 554 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەڭ بولمىغاندا تولۇق ئۇقۇپ قۇيۇڭ
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 986
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە986دانە
تۆھپىسى: 135
پۇلى: 1260 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 277
ياخشى باھا: 1260
توردا: 122(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-10-13
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-06 00:27

ئەڭ بولمىغاندا تولۇق ئۇقۇپ قۇيۇڭ

جەمئىيەتشۇناسلىق قانداق پەن؟
جەمئىيەتشۇناسلىق قانداق پەن؟

ئۇيغۇرزادە

جەمئىيەتشۇناسلىق قانداق پەن؟ ئۇنىڭ بارلىققا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە  ئالاھىدىلىكى نېمە؟

راست گەپنى قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە جەمئىيەتشۇناسلىق پەلسەپە، پىسخولوگىيە، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، سىياسىشۇناسلىق، ئىستىتىكا قاتارلىق ساھەلەرگە ئوخشاشلا  ئېچىلمىغان بوز بۇلۇڭ. بۇنداق بولۇشىنى مەلۇم نوقتىدىن ئېيىتقاندا ئىجتىمائىي ئورنىمىز، جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە مائارىپ ئەندىزى بەلگىلەپ قويغان. شۇڭا ، بۇ كەسپنى ئوقۇمىغان ئادەملەرنىڭ بۇ پەننىڭ ماقالىلىرى ھەققىدە بەزى يەڭگىلتەك ھۆكۈملەرنى چقىرىشى ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش.

گەرچە  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى تۆت- بەش يىل بۇرۇن قۇرۇلغان بولسىمۇ ھەمدە يېقىنقى ئۈچ- تۆت يىلدىن بۇرۇن بۇ ساھەدە ئوقۇيدىغان، بۇ كەسپكە قىزىقىدىغان ياش بالىلارنىڭ سانى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ئاۋۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ماھيىتى، بارلىققا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ھازىرقى يۈزلىنشى ھەققىدىكى چۈشەنچە زىياليىلىرىمىز ۋە  ئوقۇرمەنلىرىمىز ئارىسىدا يەنىلا چولتا ۋە يېتەرسىز ھالەتتە.  ئادەتتە، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن يېزىلغان  بىر ماقالىگە باھا بەرمەكچى بولغان كىشى  قاراشلىرىنى تاشلاشتىن بۇرۇن ”جەمئىيەتشۇناسلىق قانداق پەن؟ ئالاھىدىلىكى نېمە؟ «دېگەننى ئويلىشىپ ۋە چۈشىنىپ ئاندىن مۇھاكىمەگە ئۆتۈشى لازىم. بولمىسا  ئۆزى بىلمەيدىغان ساھەدە  ئاپتورغا  سۇبيېكتىپ قاراشلىرىنى تېڭىشتىن خالى بولالمايدۇ. جەمئىيتشۇناسلىق ساھەسىدە بىزدە ئۇيغۇرچە چىققان كەسپىي ماتېريال بولمىغاچقا، ئاۋۋال  بۇ پەننىڭ تەبىرى، ماھيىتى ، ئالاھدلىكى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدە ئىككى ئېغىز گەپ قىلشقا توغرا كەلدى.

ئاددىي بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيىتقاندا، جەمئىيەتشۇناسلىق ئۆز رېئاللىقىنى خاتا تونۇۋالغانلارنىڭ  ئۆزىنى ۋە جەمئىيەتنى توغرا تونۇشىغا ياردەم بېرىدىغان پەن. جەمئيەتشۇناسلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر پەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بىز ئۆگىنىدىغان، بىزگە نۇرغۇن  نەرسىنى ھېس قىلدۇردىغان بىلىملەر بار. جەمئىيەتشۇناسلىق پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان. پەلسەپە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ماھىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز ھەققىدە بىزنى پىكىرگە ئۈندىسە، جەمئىيەتشۇناسلار ئىجتىمائىي سىستېمىلار بىلەن ئىنسان ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ ۋە مېتافزىلىق پىكىردىن كۆرە ئەمەلىي پاكىتقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جەمئىەتشۇناسلار  ئەمەلىي پاكىتلارنى مۇھاكىمە، ئانالىز قىلىىش ئارقىلىق نەزەرىيىۋي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. خاراكتېرى نۇقتىسىدىن ئالغاندا،   بۇ پەن بىر ئىجتىمائىي توپ كىشلىرىنىڭ قانداق بولۇپ مۇشۇ ھالغا كەلگەنلىكىگە، قانداق بولۇپ مۇشۇ  رېئاللىقتا ياشاۋاتقانلىقىغا  چۈشىنىشىىگە ياردەم بېرىدۇ. شېئىر، رومان، پوۋېست، نەسىر ئوقۇپ جاھاننىڭ تېپىشماقلىرىغا جاۋاب تاپالماي گاڭگىراپ قالغان ۋاقتىمىزدا ، جەمئەيتشۇناسلىق بىرنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ. ئۆز نۆۋتىدە يەنە جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە  ئەدەبىيات بىر- بىرىنىڭ كەمچلىكىنى تولۇقلايدۇ.

دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندىمۇ، جەمئىيەتشۇناسلىق ياش بىر پەن. جەمئىيەتشۇناسلىق ئاتالغۇسى تۇنجى بولۇپ 19– ئەسىردە فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى ئاۋگۇست كومت (1857_1798) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم  بارا-بارا پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بىر ياش پەن بولۇشى جۇڭگۇغا كىچىكىپ كىرىشىگە سەۋەپ بولغان. جۇڭگۇدا يەن فۇ، گې شۆبۇ قاتارلىق مۇتەپپەككۇرلارنىڭ تەسىرىدە 1914- يىلى شاڭخەيدىكى لۇجىياڭ ئۇنىۋېرستىتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى تەسس قىلىنغان. ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس  فەن گۇاڭدەننىڭ يېتەكلىشىدە فېي شىياۋتۇڭ قاتارلىق جەمئىيەتشۇناسلار يېتىشىپ چىققان.

يامان بولغىنى ، جۇڭگۇ ئازات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي تۈرلۈك ناتوغرا سياسىي ھەركەتلەرنىڭ تەسىردە جەمئىيەتشۇناسلىق“ زەھەرلىك، غەرىپنىڭ پېنى“ دېگەن قاملاشمىغان پەتىۋا بىلەن جۇڭگۇدا مەنئىي قىلىنغان. 1989 - يىلىغا كەلگەندىلا مەنئىي بۇيرۇقى ئەمەلدىن فاكولتىتلىرى ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان . ئەمەلىيەتتە 1980- يىللارنىڭ  بېشىدىن باشلاپلا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن يېتىشىپ چىققان بىر قاتار جەمئىيەتشۇناسلار  بۈگۈنكى زامان جۇڭگۇ جەمئىيتى مەنۋيتىنىڭ لايھلىنىشگە  تەسىر كۆرسەتكلى باشلىغانىدى. مەسىلەن،  بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى فېي شىياۋتوڭ ”پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى“ قاتارلىق ئىجتىمائىي تۈزۈملەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.  جەمئىيەتشۇناسلىق خەنزۇلار ئارىسىدىمۇ شەكىلىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان پەن.

تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئالغاندا، جەمئىيەشۇناسلىق 19،20 – ئەسرلەردە ئاساسلىقى فرانسىيە ، ئەنگلىيە ، گېرمانىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە ۋە ئامېرىكىدا راۋاجلانغان .  بۈگۈنمۇ بۇ ساھەدە باش كۆتۈرگەن دۇنياۋى ئالىملارنىڭ ياۋروپالىق، ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر رېئاللىقنى كۆرمەكتىمىز . بۇ ھال پىكىر قىلىش قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈش، ئالدىمىزدا بىزنى كۈتۈپ تۇرغان مەسىلىلەرنى نەزەريۋىي يۈكسەككلىك نۇقتىدىسىدىن تۇنۇپ ئالدىن ھېس قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ياۋروپانىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن جەمئىيەتنىڭ ماھيىتى ھەققىىدىكى ئىككى ئەسىرلىك ئىلمىي بىلىش تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ ھەرگىزمۇ غەربكە چوقۇنغانلىق ياكى غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىسىنى ئۆگەنگەنلىك ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇرنىڭ ئەقلىي ، پىكرىي قۇۋۋىتىنى ئۆستۈرۈش ، بۇ ساھەدىكى ئەقلىي مىراسلارنى ئەۋلادلارغا ئۇلاش يولىدا ، ئالغا كەتكەنلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش مەقسىتىدە ھامان بېسىپ ئۆتىدىغان بىر جەريان . قىزققۇچىلار بۇ پەننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال مۇشۇ پەندە بارلىققا كەلگەن غەربنىڭ ئىلمىي بايقاشلىرىنى ئاۋۋال ئۆگىنىشىمىز، ئاندىن ئۇيغۇرغا خاس ئەقىل سەمەرىسىنى تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنى ئۇنتۇپ ، ئۆزىمىزگە خاس بىر يولدا ئىزدىنىشىمىز شەرت.

توغرا،  ئۇيغۇرلاردا تەجرىبدىن ئۆتكەن ھېكمەت، ماقال-تەمسىل ۋە يەرلىك بىلىم بار. ئەمما، ئۇ بىلىملەر زامانىۋي دۇنيانىڭ تېپىشماقلىرىنى چۈشىنىشمدە ئاجىز بولۇپ كاللا يۇيۇلۇشلار داۋامىدا دۇغلاشقان تەپەككۇرىمىز، چېچېىلغان زېېھنىمىز بىلەن يېقىن ئارىدا بەزىلەر ئويلاپ قالغاندەك ”تاۋلانغان بلىملەرنى“ ۋۇجۇدقا چىقىرالمايمىز.  ئۇنىڭ ئۈستىگە  سەنئەت ۋە ئەدەبياتنىڭ مىللىيلىك خۇسۇسيىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي پرىنسپلىرىنىڭ يەرلىكچە، ئامېرىكىچە، خەنزۇچە شەكىللرى بولمايدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ مىللەت، چېگرا ئايىمايدىغان يەرلىرى ۋە تەرەپلىرى جىق. بىزنىڭ قوبۇل قىلمايدىغىنىمىز غەرپچە تۇرمۇش شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي، مىللىي ئدىولوگيىسى. ئەمما، ئاسسممىلاتسىيە، ياتلىشىش، يەر شارلىشىش، زامانىۋىلىشىش قاتارلىق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يوشۇرۇن ۋە ئاشكار تەسىر كۆرستىدىغان جەريانلارنى چوڭقۇر چۈشىنىپ مەۋجۇدلۇقىمىز ئۈچۈن ستراتېگىيە بەلگىلەشتە بىز جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئىلمىي بايقاشلارغا موھتاج بولىمىز.

جەمئىيەتشۇناسلىق ماقالىلىرىدە ئېنىق تەتقىقات سوئالى بولۇش، مېتود بولۇش، نەزەرىيىۋىي چوڭقۇرلۇق بولۇش  مۇھاكىمە ئاساسى ۋە خۇلاسە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. سۇبيېكتىپ ھېسسياتقا تايىنىپ يېزىلغان پىكىرلەر قارشى ئېلىنمايدۇ.

جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئۇدۇلىغا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھېسسىي ھۆكۈملەر ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس ؛ ھەربىر نۇقتىنەزەرگە دەلىل ۋە نەزەرىيىۋى ئاساس كۆرسىتىش ئاساسىدا ئۆزىمىزنىڭ قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلىشىمىز زۆرۈر . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئادەتلەنگەن تونۇش ئاساسىدا ئېرىشكەن تەسىراتىمىز كۆپىنچە خاتا بولۇپ چىقىدۇ ؛ بىز يازمىلىرىمىزدا ئۆزىمىز بايقىغاندەك ھېس قىلغان نۇرغۇن نۇقتىنەزەرلەرنى باشقىلار ئاللىبۇرۇن مۇھاكىمە قىلىپ سىستېمىلاشتۇرۇپ بولغان بولىدۇ . ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىلىرىنى ئۆگەنمەي ۋە ماقالىلىرىمىزدە تەدبىقلىماي تۇرۇپ ، يازمىلىرىمىزنى ئىلمىيلىك ، تەتقىقات نۇقتىلىرىدىن قويۇلىدىغان ئۆلچەملىرىگە يەتكۈزەلمەيمىز.

ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2258
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2258دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 2623 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 253
ياخشى باھا: 2542
توردا: 389(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-10-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-06 09:09

جەمئىيەتشۇناسلىق؛
بۇ پەن ھەققىدە زۇلپىقار بارات تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ......................
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-09-06 09:51قايتا تەھرىرلىدى ]