قارخان ئاكىغا
مۇنبىرمىزنىڭ پەخرى سىز،
شىئېر يىزىپ ھارمايسىز.
نەدىن كەلگەن ئىلھام بۇ،
بىزگە ئازراق بەرمەمسىز.
شامالكامغا
شامال چىقمىسا ئەگەردە
دەرەخلەرمۇ لىڭشىماس.
سىز بولمىسىڭىز مۇنبەردە
بوزقىر بۇنداق قىززىماس.
بوزقىر ئەپەندىگە
مەسئۇل بولدىڭ مۇنبەرگە
جاپا چىكىپ مىھنەتكەش.
ئىشەنچىمىز بار بىزنىڭ،
پەرۋاز قىلىپ ئۆرلەشكە.
يۇرتۇغ ئاكىغا
سىز يوللىغان تىمىلار
پەلسەپەگە باشلايدۇ.
ئويغا سىلىپ ھەممىنى
توغرا يولغا تاشلايدۇ.
ئىلىم-ئىرپان ئىزدەپسىز
ھىجرات قىپسىز مەركەزگە
غەيرەت قىلىڭ جان ئاكا
ئۈلگە بولدىڭىز سىز بىزگە
ئۈمىديارغا
مۇنبەر ئۇچۇن بىر قوللۇق،
ئەجىر قىلدىڭ سەن ھامان.
قولىمىزدىن كەلسە ئەگەر،
گۈل سۇنىمىز ھەر قاچان.
تىمتاس خانىمغا
يازمىلىرىڭىز مۇنبەرگە
ھۈسۇن قوشۇپ يارىشار.
غۇنچىلەرمۇ ھەۋەستە،
بويۇن سوزۇپ قارىشار.
ھىدايەتنىڭ باش سۇرتىگە قارىتا چاخچاق
بەك كەمدىدار بوپكەتلە
توشقان ئوۋلاپ يۇرەملا.
تۇلپارلىرىغا مىنەلمەي
ئاچچىقلىنىپ تۇراملا.
چۆل~ئوغلىغا
قايسى چولدە ئۆزىڭىز،
ناخشا تولاپ يۇرەمسىز.
شا مەشرەپنى دورىماي،
چۆلدىن ئىتتىك چىقسىڭىز.
تاڭنۇرغا
تەر تۆكتىڭىز چىملىقتا،
كامىرانى كۆتۇرۇپ.
ئەجىرلىرڭىز ئۆچمەيدۇ،
دىلىمىزدا يادلىنىپ.
يۇقارقى يازمىنى مەشىق سۇپىتىدە يىزىپ باقتىم ، تورداشلارنىڭ ئوشۇق-كەم كەتكەن يەرلىرى
بولسا كەچۇرىشىنى سۇرايمەن.
توۋەنچىلىك بىلەن سالمان قىرىندىشىڭلاردىن.