ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 837 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قايغۇلۇق خەۋەر
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-06 15:47

قايغۇلۇق خەۋەر



بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر، دىرامماتورۇگ، ئۇستاز ئەدىب مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچە سائەت 1 دە ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىز بۇنىڭغا قايغۇرىدىغانلىقىمىزنى ۋە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئۇرۇق – تۇققان، دوست – بۇرادەرلىرىگە سەبرە تىلەيمىز.

  مەرھۇم مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى 1939-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1958-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچى، يېڭىشەھەر قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى، شىنجاڭ  ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ناخشا ـ ئۇسۇل ئۆمىكى قاتارلىق جايلاردا كەسپىي ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1955-يىلى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1982-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.

   ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:«گۈلمېھرى»، «سەھەردىكى ئۇچىرىشىش»، «ئاچا ـ سىڭىل»، «جەنۇپتىكى جەڭ مارىشى» قاتارلىق شىئېر، ھېكايە، دىرامما توپلاملىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ «قۇچاقلا ئۇ سېنىڭ داداڭ» ناملىق شىئېرى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «گۈلمېھرى» داستانى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 2-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، «ئۈچ دوست» غەربىي شىمال بويىچە مۇنەۋۋەر تېلۋىزىيە تىياتىرى سىناريىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.



مەنبە: http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=6227



خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-07 11:10

سەن قەيەرلىك،سەن نەلىك؟

(تەنقىدىي ئېيتىشىش)



-سەن قەيەرلىك؟

_سەن نەلىك؟

_سەن قەيەرلىك؟

_سەن نەلىك؟

ئاكاڭ قارىغاي ئالدىدا

تولا قىلما مەنمەنلىك!

_غوجى ئاكاڭ ئالدىدا

قىلما مۇنچە كۆرەڭلىك!




_مەن دولانلىق،

_مەن بايلىق.

_مەن چۆچەكلىك،

_ئالتايلىق.

_مەن كۇچالىق ،

_يەكەنلىك.

_مەن داۋانلىق،

_مەن سايلىق.

_مەن ئۇ قاشتىن ،

_مە ن بۇ قاشتىن.

_مەن ئاياغدىن،

_مەن باشتىن.

_مەن لوپنۇردىن،

_باغراشتىن.

_تاراتىدىن ،

_باغداشتىن.

_ئۆز مەھەللەم توققۇز تاش،

_ئاكاڭ قارىغاي ئون تاشتىن.

_دەۋران سۈرەي مەن تەنھا،

_مەھرۇم بولغىن ياشاشتىن.

_ئۆزۈڭ مەھرۇم ياشاشتىن!



_سەن قەيەرلىق؟

_مەن جاملىق.

_سەن قەيەرلىق؟

_سايراملىق.

_ئاكاڭ قارىغاي ئاقتاملىق،

_ئاكاڭ توققۇز تاراملىق.

_ئەي تاراملىق،تاراملىق،

_ساڭا يوقتۇر ئاراملىق.

_ئاكاڭ بىلەن تەڭ تۇرۇش،

_تاكاللىشىش قاراملىق.

_مەن شايارلىق ،بىلىپ قوي،

_جىمىسارلىق ،بىلىپ قوي،

_بەلۋېغىمدا خەنجىرىم،

_يېڭىسارلىق،بىلىپ قوي.

_نوچىلارنىڭ سەردارى،

_كەسكەن يارلىق ،بىلىپ قوي.



ئەي خوتەنلىك،نېرى تۇر،

_سەن ئاتۇشلۇق،نېرى تۇر،

_سار قۇمۇشلۇق،نېرى تۇر،

_قارا قۇمۇشلۇق ،نېرى تۇر!



2

يەكلەشتۇقا-يەكلەشتۇق،

يول تۇراشتۇق،چەكلەشتۇق،

كىمنى پۇتلاپ،جەينەكلەپ،

كىملەر بىلەن ئەپلەشتۇق؟

كىمنى ئېلىپ قارىغا،

ئاتالمىساق"خەپ"لەشتۇق.



شىر ،ئارسلان،چىلبۆرە،

ياشالايدۇ بىر تاغدا،

ياشالمايدۇ نېمىشقا؟

ئالتە ئۇيغۇر بىر باغدا؟

يۇرتۋازلىقنىڭ دەستىدىن،

قالمىغانمۇ بىز داغدا؟



نائىناقلىق دەردىنى،

شۇنچە تارتتۇق،تارتمايلى،.

قوش-سۆرەمگە ،جان دوستلار،

ئۆزىمىزنى قاتمايلى.

ئەمدى بىھۇش ياتمايلى،

ھالاكەتكە پاتمايلى.



3

_سەن قەيەرلىك؟

_مەن ئۇيغۇر.

_سەن قەيەرلىك؟

_مەن ئۇيغۇر!

ۋارقىرايلى ھەممەيلەن،

_قان-قېرقنداش دەپ مەغرۇر.




مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىنىڭ«مەشرەپ»ناملىق كىتابىدىن.
خەلقېم مەن بىلەن