سوقا چۈشتى... باشقا غەم چۈشتى...
ئى.ئى.ئىبنۇرى
قارا يەرنىڭ
ئۆرۈلمەكتە ئەستىرى،
ئىچى تېشىغا.
تۇلۇمچە سويۇلغاندەك خۇددى
تۈلكە تېرىسى.
رېشتىنى باغلاپ قوشچى
قامچىلاپ قوياتتى
قۇرغاق چالمىنى...
باش ئۈستىدە ۋىچىرلىغان
سېرىق تورغايغا كۆزىنى قىسىپ.
ئۇۋىسى چۇۋۇلغان
چېكەتكەيۇ چۈمۈلە
يەنچىلەتتى ۋەھشىلەرچە-
قوشچى تاپىنىدا.
شۇنداق ئىكەن بۇ ھايات
بىرى ئۆلسە،بىرى تىرىلەر،
بىرى كۈلسە،بىرى ياش تۆكەر.
ئەپسۇس
بەركىتى كەتكەن
رەڭسىز يەردىن
ئۈمۈدىنى ئۈزگەن قوشچى
خىيالىدا بىلەپ تىغىنى،
قەتلە قىلماق ئۈچۈن ئۆكۈزنى.
ئاپلا
نەس باستى يەنىلا
لۆملۆم بۇ جاننى،
دات بېسىپ تاشلىنىپ قالغان،
كونا ساپاننى.
قوش چۈشتى يەرگە
خۇددى يېگىت بېشىغا كۈن چۈشكەندەك!
مەنبە؛ھېكمەت خاتىرىلەر...
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-09-08 18:40قايتا تەھرىرلىدى ]