رەسىم:
ھۈسەنجان ئىسمائىل (شەبەت )
مەرىپەت گوياكى پايانسىز ئوكيان،
بار ئۇنىڭ ھەردەمدە شاۋقۇن -سۈرىنى.
كاراپتەك باغرىنى يارماق بولساڭ گەر،
ئاگاھ بول بار يەنە ئۇنىڭ بورىنى.
كەڭ ئالەم، بوشلۇقنى چەكسىز دەپ بىلسەڭ،
مەرىپەت چەكسىزلىك مەنبىئى گويا.
ئۇ يېشىپ تالايلاپ تىلسىم سىرىنى،
ئىنساننى ئەيلىگەن شۇنچە بىباھا...
مەرىپەت ، بىلىمدىن ياتلاشقان قەۋم،
ئويلىغىن بۇرادەر ياشار قاي ھالدا؟
قەلبىڭنى يايرىتىپ قىلدۇرار سەيلى ،
شۇ ئۇلۇغ مەرىپەت يۇلتۇزلار ئارا.
2012- يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى «بورتالا گېزىتى » بېرىلگەن ئاپتورنىڭ ئىجازىتى بويىچە ەيوللاندى.
[ بۇ يازمىنىتىمتاس 2012-09-09 16:17قايتا تەھرىرلىدى ]