ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 560 قېتىم كۆرۈلدى
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-06 22:06

ئىككى خەۋەر

«جىڭگاڭشەن» ناملىق پاراخوتتىكى ئۇيغۇر ئايال ئەسكەرلەر


جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى قانىلى خەۋىرى: ياڭراق دۇمباق ئاۋازى ۋە قىزغىن چاۋاك ساداسى ئىچىدە، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىز پاراخوت ئەترىتىنىڭ مەلۇم قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى تارماق ئەترىتىدىكى جىڭگاڭشەن ناملىق پاراخوتتىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 20 ئۇيغۇر ئايال ئەسكىرى ئىچىدىكى بەش ئايال ئەسكەرنى كۈتۈۋالدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم جىڭگاڭشەن ناملىق پاراخوتتا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگىلى كەلگەن بەش نەپەر ئۇيغۇر ئايال ئەسكىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ئەسكەرلىككە كىرىشتىن ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانىكەن. ئۇلار يېرىم يىللىق ھەربىي كېمە كەسپىي تەربىيەسىگە ئىگە بولغان ھەمدە قاتتىق سىناقتىن ئۆتكەن بولۇپ، تېلېگراف ئىشلىرى، سىگنال، رادار قاتارلىق ھەربىي پاراخوت ئىش ئورنى ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.
«تۇنجى قېتىم ھەيۋەتلىك ھەربىي پاراخوتنى كۆرۈپ، ئىچىم يۇرتۇمدىكى ئۈزۈمنى يېگەندىنمۇ تاتلىق بولۇپ كەتتى.» دېدى تۇرپاندىن كەلگەن ئاينۇر ھاياجانلانغان ھالدا.
«تەڭرىتېغى تولىمۇ ئېگىز ھەم چىرايلىق، ئەمما خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ چوڭ پاراخوتىدەك ھەيۋەتلىك ئەمەس!» دېدى شىنجاڭ پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ھاياتنۇر، «چۈشۈمدىمۇ ئۇرۇش پاراخوتىغا چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتىم.» بۈگۈن ئارزۇسى رىياللىققا ئايلانغان بۇ قىز ھاياجانلانغىنىدىن كۆز يېشى قىلدى.
كېيىنكى ئېكسكۇرسىيەدە، جىڭگاڭشەن ناملىق پاراخوت تەڭرىتېغى ۋادىسىدىن كەلگەن بۇ بەش ئايال ئەسكەرنىڭ كۆزىنى راسا ئېچىپ قويدى. ئازادە ھەيدەش بۆلمىسىدە، رادار كەسپىنى ئۆگەنگەن ئاينۇر بىلەن ئالىدە ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدىكى يېڭى تىپتىكى رادارنى كۆرۈپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ رادارنىڭ ئېكرانى ۋە كۇنۇپكىلىرىنى سىلاپ كەتتى. ئاينۇر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تەقلىدىي راداردا مەشغۇلات قىلاتتۇق، بۈگۈن ھەقىقىي رادارنى كۆرۈپ ئىنتايىن يېقىن ھېس قىلدىم.
ئايال ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي پاراخوتتىكى ئۇرۇش ئورنىغا چىقىشى دېڭىز ئارمىيەسىدىكى ئايال ئەسكەرلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئەسلىدىكى لاۋازىمەت كاپالەتلەندۈرۈش تىپىدىن جەڭگىۋارلىق تىپىغا ئۆزگىرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى.




ئۇيغۇر ئايال ئەسكەر ھاياتنۇر شۆھرەت پاراخوتقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئارمىيە بايرىقىغا سالام بەرمەكتە.


ئايال ئەسكەرلەر ئەترەت باشلىقى ئايال پاراخوت خادىملىرىغا ئەھۋال تونۇشتۇرماقتا




جىڭگاڭشەن ناملىق پاراخوتتا ئايال خادىملارغا مەخسۇس غىزالىنىش رايونى تەسىس قىلىنغان


ئايال پاراخوت خادىملىرىغا ھەربىي پاراخوتنىڭ جابدۇقلىرىنى تونۇشتۇرۇش


ئۇيغۇر ئايال ئەسكەرلەر ئۇچۇش پالۇبىسىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا

######################################################################
خوتەنلىك ھۈنەرۋەن ياسىغان گىگانت چەينەك كۆرگەزمىگە قويۇلدى


ياغاچتىن ياسالغان گىگانت چەينەك بۇ يىلقى ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە نامايان بولدى

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى :  ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلمەكتە ، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ يېمەكلىك كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ياغاچتىن ياسالغان ئىككى غايەت چوڭ چەينەك نۇرغۇن تاماشىبىننى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان ، چەينەكنىڭ ئېگىزلىكى بىر قەۋەت بىنانىڭ ئېگىزلىكىدە بولۇپ ، چەينەكنىڭ يۈزى تەرىپىگە نۇرغۇن نەپىس سىزىق ۋە گۈللەر ئويۇلغان بولۇپ ، نۇرغۇن كىشىلەر چەينەكنىڭ ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن .
بۇ گىگانت چەينەكنى ياسىغۇچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسى تۈۋەت يېزىسىلىق مەمەت ئابدۇللا بۇلۇپ ، مەمەت ئابدۇللا بۇ چەينەك توغرىسىدا توختالغاندا : بۇ ياغاچتىن ياسالغان چەينەكنىڭ ئېگىزلىكى 3.85 مېتىر ، دىئامېتىرى 1.35 مېتىر ، ئەڭ چوڭ بولغان چەينەكنىڭ بوينىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.8 مېتىر كېلىدۇ ، بۇ چەينەككە بىر توننا سۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ دېدى .ئۇ بۇ چەينەكنى خوتەننىڭ ئالاھىدە قارا تال ياغىچىدىن پايدىلىنىپ ياساپ چىققان ، چەينەكنىڭ يۈزىگە ھەرخىل نەقىش ۋە گۈللەرنى ئويۇپ چىققان . رەڭلىرىنىڭ قېنىق سۇسلۇقىنى قىزدۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان بولۇپ ، 500 يىلغىچە رەڭگى ئەسلى رەڭگىنى ساقلايدىكەن ، رەڭگى ئۆڭمەيدىكەن . ئۇ بۇ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ ياغاچ چەينەكنى ياساپ چىقىپتۇ .
ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، بۇ گىگانت چەينەكتىن ئۈچنى ياسىغان بولۇپ ، بىرىنچى قېتىم ياسىغان چەينەكنى بېيجىڭدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا سېتىپ بېرىپتۇ . قالغان ئىككى چەينەكنى مەخسۇس ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتناشتۇرغىلى ئېلىپ كەپتۇ ، ھەم بۇ ئىككى چەينەكنىڭ يۇقىرى باھادا سېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن . بۇ ئىككى چەينەككە ئاز 500 مىڭ يۈەن باھا قويۇپتۇ . ھازىر ئالتە خېرىدار مەمەت ئابدۇللا بىلەن بۇ چەينەك سودىسى ئۈستىدە كېڭىشىۋېتىپتۇ .


  مەمەت ئابدۇللا  گىگانت چەينەك بىلەن بىللە


چەينەك يۈزىگە ئويۇلغان نەقىش ۋە گۈللەر
مەنبە:نۇر خەۋەر تورى.
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-09 16:26

ئايال ئەسكەرنى؛
ۋاقتى كەلگەندە ھەرقانداق ۋەزىپىگە بۇيرىسا غىڭ قىلماي ماڭىدۇ...................