ھۈسەنجان ئىسمائىل (شەربەت )
چارىباغ مەيلىمنى تارتالماس نېگار،
مىڭ جەننەت ھۆسنىنى ئەيلىسىمۇ جەم .
ھەر كىمنى مەھلىيا ئېتەر ئاشىقى،
ئاشىقمەن ۋىسالسىز يۈرگەن كۆزى نەم.
رام قىلماس مېنى ھېچ ئايدەك جامالىڭ،
بولساڭمۇ ھۆسنىدە پەرىگە ئەنداز.
گۈزەللىك ئىزدەيمەن قەلب قېتىدىن ،
يوق ئۇندا ھېچقانداق گىرىم يا پەنداز.
ئىنتىلگەن مۇھاببەت چوقىللىرىمدا،
لەپىلدەر پاكلىقنىڭ توغلىرى ھەر ئان.
ساختىلىق رەقىبىم ئىككى ئالەملىك ،
رازىمەن بو يولدا بولساممۇ قۇربان.
ئۆرتىدى تېنىمنى چۈشەنسەڭ نىگار،
قەلبىڭنى بېزىگەن ئەخلاق گۈللىرى .
شۇ گۈلگەبارىنى قىلغان تەسەددۇق.
بۇلبۇلمەن سايرىغان كۈندۈز-تۈنلىرى .
«بورتالا گېزىتى »سايرام ئەدەبىي بېتىگە 7-ئاينىڭ 27-كۈنى بېرىلگەن.ئاپتورنىڭ ئىجازىتى بىلەن بېرىلگەن .