ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 194 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىر مۇئەللىمنىڭ تەبىرى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1400
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1400دانە
تۆھپىسى: 185
پۇلى: 1920 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 350
ياخشى باھا: 1800
توردا: 442(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-10-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-09 00:15

بىر مۇئەللىمنىڭ تەبىرى

بىر مۇئەللىمنىڭ تەبىرى

سەن شۇنداق بىر ئىنسان ، سېنىڭدىن ھېچكىم رەنجىمەيدۇ ، رەنجىشكە توغرا كەلسە ، رىئاللىقتىن رەنجىسۇن ، چۈنكى تۇرمۇش خىجالەتلىرى سېنى مۇشۇنداق ھالەتلەرگە پەرۋاسىز مىجەز قىلىپ قويغان ، ئى دۇنيا ، مۇئەللىمدىن رەنجىمە ، ئۇ شۇنداق بىر ئاددىي ئىنسانكى ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا دېھقاننىڭ ئېغىر خىياللىرى ، كىچىك بالىلارنىڭ سەبىي كۈلكىلىرى ، مىللەت دوقمۇشىنىڭ بارلىق خىجالەتلىرى تېپىلىدۇ ، ئى ، ئادەم بالىلىرى مۇئەللىمدىن رەنجىمەڭلار ، ئۇ بۈگۈن بەكمۇ ئالدىراش ، ئۇنىڭ ھاياتلىق لوغىتىدە تۆت پەسىل ھەققىدىكى سۆزگە مۇنداق تەبىر بېرىلگەن :
____ بىر قۇش ئۇچۇش ھەققىدىكى تەجىربىلىرىنى بارمىقىدىن چىققان قان بىلەن تاشقا يېزىپ قالدۇردى .
ھاردۇق يەتكەن چاغدا ئويقۇ ھەققىدىكى قىزىقىشىنى خىلۋەت خاتىرىلىرىگە دەپنە قىلدى .
كۆز يېشىدىن چىققان خۇشاللىق ياشلىرىنى زىمىننىڭ ھەممە يېرىگە ئەتىر چاچقاندەك تەڭ سەپتى ....



بۈگۈن ئۇنىڭ بايرىمى بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ مۇشۇ بىر ئەھمىيەتىلىك كۈندە خاتىرجەم بىر سائەت ئۇخلىۋىلىشىنى سەمىيمىي ئۈمۈد قىلىمەن.
بىراق ئۇ ....... ئائىلىسىنىڭ غېمى بىلەن يەنە بىر سەھەرنى كۈتىۋىلىشقا تەييارلاندى .....
ئېھ ، ئىلھام بۇلاقلىرىدىن شەربەت لىرىكىلىرى تۆكىلىپ تۇرىدىغان خىيالچان پەيلاسۇپ..............


ساڭا ئاتاپ بۇ ئەرزىمەس لىرىكىنى بايرىمىڭغا سوۋغا قىلدىم ، قوبۇل قىلارسەن.



كېچىنىڭ قاپ -قارا قاناتلىرىدىن ئۇچۇپ ئۆتىۋاتقان تەۋەككۈلچى قارلىغاچ ،
رىئاللىق بوسۇغىسىدا ئاياق بۇغقۇچىنى چىڭىتىۋاتقان بىر سائىل ،
دۇنيا مەئىشەتلىرىگە مەستانە ھالەتلىرىنى تەرك ئەتكۈچى بىر ئابىت ،
چاڭقاق ھالەتلىرىدىن ھالقىغان بىناۋا تۇيغۇسىنى ساقلاۋاتقۇچى ،
ئەھمىيەتسىز بازارلىق خىياللىرىدىن ۋاز كەچكەن سەمىيمى سودىگەر ،
ھوسۇللىرى ئالدىدا قۇرۇق ئارىنى قۇچاغلاپ تۇرسىمۇ كۆز يېشىدىن ۋاز كەچكۈچى ،
زىمىن ھەققىدىكى رىۋايەتلىرىنى ئەسرلەردىن بېرى سۆزلەپ كېلىۋاتقان مەدداھ ،
ئانىسىنىڭ قوينىدىكى ئەڭ تاتلىق تۇيغۇلىرىنى سۈرۈشكە تەققازا بولىۋاتقان بالا ،
ھېكايەتلىرىدىن خۇلاسە چىقىرالماي دۇنيادىن ئارماندا كېتىۋاتقان قەلەم ساھىبى ،
قەلەم ھەققى خۇلاسىسىگە ئەھمىيەت بەرمايدىغان ھازىر جاۋاپ شائىر ،
قىسقىسى دۇنيا ئۆتكىلىدە ھاياتلىق سوئاللىرىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان يولۇچى .....

2

بىر تۈپ دەرىخنىڭ ئۈستىدىكى قۇش چاڭگىسى ئۈچۈن ،بورانلارنى توسىۋالىدىغان
يۈزىنى يۇيمىغان سەبىينىڭ تاتلىق ئاۋازى ئۈچۈن ،تەڭكەش نوتىسى بولالايدىغان
سىرلىق كولدۇرما ئاۋازىنى ئۇلاپ تارقىتىش جەريانىدىكى خالىس زەرەتلىگۈچ،
بەدەن سىناقلىرى ئىچىدىكى ۋېرۇسلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈشنى خالىمايدىغان ۋېرۇسخۇر،
ئەمەلدارلىق تاماسىدا قانلىق جەڭلەرنى كەچۈرۈپ باقمىغان جەڭچى ،
غەيۋەتخۇرلار ئارللىرىدىن چاقماق تىزلىكىدە ئۇچۇپ ئۆتكۈچى لاچىن ،
يوقالغان دۇنيانىڭ ئۆتمىشىنى قەلەم بىلەن خاتىرلە پ چىققۇچى كاتىپ،
مەرىپەت ئوچاقلىرىنىڭ گۈرۈلدەپ كۆيىشى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغېشلىغۇچى ئاشىق پەرۋانە ....
زىمىن تىلەكلىرى ئۈچۈن ۋاقىتسىز خازان بولۇشقا تەييار تۇرۋاتقان بىر تۈپ توغراق ،
مىللەتنىڭ كۆز يېشىنى كۈچلۈك بارماقلىرى بىلەن سۈرۈتكۈچى قولياغلىق ،
نادانلىق ئىللەتلىرىنى ۋاقتىدا تازلاپ تۇرغۇچى ۋىجدان سۈپۈرگىسى ،
ھاياتقا ماسلىشالايدىغان قەيسەر يۈرەكلەرنى تاۋلاپ چىققۇچى خۇمدان ،
مەرىپەت ئىشقىدا يېلىنجاپ كۆيىۋاتقان مەشئەل يالقۇنى .....

........................................................................................
تەرپلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلۋاتقان ئاددىي قەلىمىمىنىڭ سىياھ مەنبەسى ،
مەرىپەت قۇشلىرىنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان ھەقسىز ئاسمان
پەسىللەرنىڭ گۈزەللىك خىسلىتىنى ساقلاپ قالغۇچى مۇكەممەل تاغ تىزمىسى ،
چاڭقاق دىللارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرغۇچى ئۆكسىمەس ئوكيان شەربىتى ،
كۆز يېشىنى مۇنبەر ئۈستىدە تۆكىشنى خالىمايدىغان چىن تۆمۈر باتۇر .
ئۇلۇغ ئانىلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرنى ساقلاپ كېلىۋاتقان مەختۇمسۇلا..............

..................................................................


قەلەم تەۋرەتكۈچى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-8 11:37
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2255
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2255دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 2620 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 253
ياخشى باھا: 2539
توردا: 388(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-10-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-09 13:02

بىلىملىك ۋە ئېسىل تەبىئەتلىك ئۇستازلارنىڭ ئىشلىرىغا پادىشاھلار كۆپرەك ئارلىشىۋالسا

شۇ ئۇستازلارنىڭ خىزمىتىدىن چىگىت چاقىدۇ.....................