ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1047 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئىككى ئېبىرەت ۋە ئۈچ چوڭ كىتاپ كۆيدۈرۈش پاجىئەسى
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1271 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1271
توردا: 123(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-04
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-09 00:56

ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئىككى ئېبىرەت ۋە ئۈچ چوڭ كىتاپ كۆيدۈرۈش پاجىئەسى

خۇدا خالىسا كىچىكىمدىن ئۇيۇنغا ئامىراق ئىدىم ، مەيلى ۋەللەي ئويناي ۋەياكى «دىررىت» ئويناي ، قىش كۈنلىرى كىيىملەر تاراقشىپ كەتكىچە كۆپ -كۈك مۇزنىڭ ئۈستىدە ئويناي ئەتىراپىمغا قارايدىغان مىجەزىم بار ئىدى .
كېيىن مەكتەپ يىشىم تۇشۇپ مەكتەپكە كېرگەندىن كېيىنمۇ ئەتىراپىمدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە ئۈگەنگەن بەزى خارەكتىرى تۈۋەن بولغان ئۇيۇنلارنىمۇ ئويناپ يۈردۈم ، مەسلەن : ئوقۇتقۇچى ھەم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ماڭىدىغان يوللىرىغا ئازگال كولاپ ئۆزەم بىر چەتتە قاراپ تۇراتتىم ، بىرەسى شۇ ئازگالغا پۇتىنى تىقىۋالسا ئالەمچە خوش بوپ كېتەتتىم . مەن مەكتەپكە كىرگەن يىللىرى دەل يىزىق ئۆزگەرتىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىللىرى كىرىپتىكەنمەن ، ئاران بىريىل يىڭى يىزىق ئۆتتى،  ئاندىن يەنە كونا ئۇيغۇر يىزىقىغا كۆچكەن ئىدى ، بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى ...لېكىن يىڭى يىزىققا خىلى قىززىقىپ قالغانتىم . بۇ دەل 1981-يىللىرى ئىدى . شۇنداق قىلىپ كەپسىزلىك قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە پاتمىگۈل مۇئەللىم دەپ سىنىپ تەربىيىچىمىز بار ئىدى . ئۇ مۇئەللىم بەكمۇ مېھىرىبان بولۇپ ھەر بىر قىلغان سۆزى ئادەمگە ئۆز ئانىسىنى ئەسلىتەتتى ، مەن شۇ مۇئەللىمنىڭ ئىللىق تەربىيەسى ئاستىدا كەپسىز قىلىقلىرىمنى تاشلاپ دەرىس ئوقۇشقا يەنى ئەدەبىياتقا كىرىشىپ كەتتىم ، ئەمما ماتېماتىكىغا زادى قىززىقمايتتىم ... شۇ قىززىقماسلىق مىنى خىلىلا ئارقىدا قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى مانا ئەمدى ھېس قىلىشقا باشلىدىم ، چۈنكى بۇ دۇنيا ماتېماتىكا بىلەن توشقان ئىكەن .
ساۋادىم چىققانىڭىزى خىلمۇ -خىل چۆچەكلەرنى ئوقۇيدىغان بولدۇم ، ئىسىمدە قىلىشىچە 11ياش ۋاقتىمغۇ دەيمەن ، خىسلەتلىك بىر ئۈزۈكنىڭ ھىكايىسىنى  ئوقۇپ ئىچىگە كىرىپلا كىتەتتىم ، ئۇ چۈچەك تا ھازىرغىچە مىنى خىيالى دۇنياغا باشلاپ بارىدۇ . مەن بۇ يەردە رەھمەتلىك دادامنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمەن چۈنكى قاچان قارىسام رەھمەتلىكنىڭ قۇلىدىن كىتاپ چۈشمەيتتى ، تاكى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگۈچە قۇلىدىن كىتاپ چۈشمىدى ، ئەڭ ئاخىرقى مىنوتلىرى ئوقۇغان كىتاۋى قاتلاقلىق ئىدى ، ئۇ كىتاپ دەل « تارىخ رەشىدىيە» ئىدى . دادام بەك ئەتىراپلىق گەپ قىلاتتى شۇنۇڭ بىلەن بىرگە ئەتىراپىدىكى كىشلەر بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتەتتى . كېيىن ئەقلىمگە كېلىپ ئويلىسام دادام ئەسلى ئائىلە شۇناسكەن .  بىزنىڭ ياش ۋاقىتلاردا كىتاپ ئوقۇغان بىلەن ئۇمۇمىي جەھەتتىن پېكىر يۈرگۈزۈشكە قادىر ئەمەستىم . «دادام »رەھمەتلىك بولغاندىن كېيىن ئەتىراپىمغا باشتىن قاراشقا باشلىدىم ، چۈنكى مەن دادامنى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ ،دەپ قارايتتىم . ئىنشائاللا دادام ھىلىمۇ باشقا يەرگە كەتمىدى ،مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا كەتتى ، ئۈلۈم مەڭگۈ ھاياتلىق بىلەن ئۇچۇرىشىشنىڭ تۇنجى قەدەم باسقۇچى ! شۇنداق قىلىپ دادام تۈگەنىڭىزى ئوقۇپ تۈگەتمىگەن كىتاۋىنى دەل شۇ يىرىدىن باشلاپ ئوقۇدۇم . ئۇ قۇرلار مۇنداق يىزىلغان ئىدى : مال ۋە مەنسەپ ئىتىپاقسىزلىقنى خۇددى سۇ گىياھنى ئۈندۈرگەندەك ،ئۈندۈرىدۇ . ھەر قانداق ياخشى نىيەتنى قىلغىن ، ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەققىڭدىن ئاۋۋال نىيەت قىلغانلىقىڭنىڭ ھەققى يېتىدۇ . نەقىل قىلىنىدىكى : بامدات ناماز ۋاقتىدا مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئۇخلاپ قالغان ئىدى ، لەنەتگەردى شەيتان كېلىپ بامدات نامىزى قازا بولمىسۇن دەپ ئۇ ھەزىرەتنى ئويغاتتى ، ئۇ ھەزىرەت قۇپۇپ نامازغا مەشغۇل بولدى  .
مۇشۇ قۇرلارنى ئۇقۇپ گاڭەىراپ قالغان ئىدىم . بۇ سۆزلەرنى چۈشۈنىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم قۇرئان كەرىمنى قۇلۇمغا ئالدىم . ھەمدە قايتا -قايتا ئوقۇپ چىقتىم ، ھەمدە نۇرغۇن ھەدىس كىتابلارنىمۇ ئالا قويماي ئوقۇدۇم ، شۇنداق ئوقۇپ يۈرۈپ ئۆيدىن بىر يىل تالا تۈزگە چىقمىغان ئىدىم . شۇنچىلىك تەقۋالىق دەرجىسىگە يەتكەن ئىدىمكى ،ھەتتا بىرەرە پارچە رەسىم ياكى ناماز ئوقىمىغان ئادەملەرنى كۆرسەم بارلىق شەيتانلار دۇلامغا چىقىۋىلىپ ئۇلار بىلەن «جىھاد » قىلىشقا ئۈندەيتتى . كېيىن تەپەككۇر ھەم تەسەۋۋر قىلىش ئارقىلىق دۇنيانى پەقەت مېھىرى -مۇھەببەتلا ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغانىڭىزى ئۇ «تەقۋالىقىمنى» تاشلىدىم .

يۆگەپ دېمەكچى بولغىنىم دادامنىڭ  توختىماي كىتاپ ئۇقۇشى مىنى تارىختىن ئاز تۇلا خەۋەردار قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغان ئىدى .
تېمامنىڭ بىشىدا ئېبىرەت سۆزىنى قوللاندىم ، بۇ قوللىنىشىم ھەرگىزمۇ ئۆچ ئىلىش ياكى يامان غەرەزلەر يۇشۇرنىمىغان بولۇپ پەقەت ، پەقەت ئۆز تارىخڭىزدا قانداق پاجىئەلەر بولدى ، كىملەر سىزنى خارلىققا تاشلىدى ، قاتارلىقلارنى تەپەككۇر قىلسىڭىز بۇندىن كېيىكى ھاياتىڭىزدا كىم بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بۇلالايدىغانلىقىڭىزنى ئەسلەتمەكچى خالاس ، تارىخ پەلسەپەگە تۇيۇنغان ئەمەلىيەت ! ئېبىرەت -تەپەككۇر بىلەن ئاساسەن ئۇرۇق تۇققان كېلىدۇ ،چۈنكى ئېبىرەتمۇ ئەسلەشكە قىستايدۇ تەپەككۇرمۇ ھەم شۇ ...
1-ئېبىرەت بولسا قىرغىزلارنىڭ «ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ» يىمىرلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلغانلىقى :
بۇ ئىشلاردا نۇرغۇن تارىخچىلار ئۆزلىرىنىڭ پېكىر -ئەندىزلىرىنى بىلدۈرسىمۇ ،لېكىن مىنىڭ ئوقۇغان كىتاۋىمدا يەنى ؛ ھەممە ئالىملار ھەم چەتئەل تارىخچىللىرى بىردەك ئېتىراپ قىلغان داڭلىق ئالىم ،مۇتەپەككۇر ، تارىخشۇناس ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەڭ ئۇچۇق يۇرتۇپ بەرگەن ئابدۈشكۈر مۇھەممەت ئېمىننىڭ بۈيۈك كىتاۋى  ئىدى . لېكىن بۇ ئالىمىمىزنىڭ قەدىرىنى ئانچە بىلمەيۋاتىمىز . ھەتتا بۇ ئۇلۇغ كىشىللىرىمىزگە تەپ تارتماستىن تىل تەككۈزىدىغانلارمۇ ھېلىھەم مەۋجۈت !
ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى دۆلەت ئىچىنى پاراكەندىچىلىك بىسىۋالغان ئىدى ، بىر تەرەپتىن تەبىئى ئاپەت يەنى بىر تەرەپتىن ئىچىكى نىزا دۆلەت مۇستاھكەملىكىنى خىلىلا ھالسىرتىپ قويغان ئىدى .
ئوردىدىكى بەزى مىتە ئەمەلدارلارنىڭ بىرلىشىۋىلىپ يات قەۋىم ئارقىلىق خاندانلىقنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالماقچى بولدى ، ئۇلار ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى ، دۆلەت ئىچىدە ئېغىر كۈنلەر باشلاندى ...خەلىقلەر ئاچ -يالىڭاچ ، ئاپەتلەرنىڭ دەستىدىن نۇرغۇن كىسەللىكلەر پەيدا بولۇپ ئاۋام نېمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرغان ۋاقىتتا قىرغىزلارنىڭ يۈز مىڭ كىشلىك قۇشۇنى ئاران تۇرغان خاندانلىققا بىر ھۇجۇم قىلىپ ، قىرىدىغاننى قىرىپ ،بۇلايدىغاننى بۇلاپ ئاۋامنى سويغان پىيازدەك قىلىپ قويدى . ئەمما ئۇلار ئوت يۈرەك ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ يۈركىنى تېتىرتەلمىگەن ئىدى ، شۇلار نىڭ ئارىسىدا پانتېكىن ئىسىملىك بىر ياش چىقىپ نۇرغۇن چىچىلىپ كەتكەن ئاۋامنى يىغىپ ئۆزىنىڭ ئەسلى ئانا يۇرتى بولغان ھازىرقى شىنجاڭغا كۈچۈشكە باشلىدى ، بۇ دەل 840-يىللىرى ئىدى . ئۇيغۇر پادىھشاھلىرى ئەزەلدىن مەردۇ -مەردانە بولۇپ بىشىغا كۈن چۈشكەن قىرغىزلارنىڭ نەچچە قېتىم ھالاكەتكە يۈزلەنگەندە قوينىغا ئىلىپ ئۇلارغا مېھرى -مۇھەببەت يەتكۈزگەن ئىدى ،لېكىن توزكور قىرغىزلار ئۇيغۇرلارغا بىر ئەمەس نەچچە قېتىم يۈسىزلىك قىلغان ئىدى ، بۇ قىتىمقسى ئەڭ ۋەھشىسى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن مەدەنىيىتىنىڭ كۈمۈلۈپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئىدى .
2- ئېبىرەت بولسا ئەبۇ ناسىر سامانىينىڭ قارخانىلارنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىق ئىلىپ بىرىشىغا سەۋەپچى بولغان ، ئۇ ئىسلام دىنىغا ئورنىۋىلىپ ۋەتەن ئىچىدە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنىڭ باش جىنايەتچىسى .
ئەبۇ ناسىر سامانىي ،سامانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئىككىنجى شاھزادىسى بولۇپ ھوقۇق تالىشىش جەريانىدا ئاكىسى تەرپىدىن قوغلىنىپ سىياسى پاناھلىق تېلەپ ئۆزلىرىنىڭ قارىشىچە ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان قارخانىيلار زىمىنىغا كەلگەن بولۇپ،  شۇل ۋاقىتتىكى قارخانىيلارنىڭ سولتانى بولغان ئۇغۇلچاق تەرپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ ۋاقتىنچە تاغ -تۇرالاردا تۇرۇشقا ئىجازەت ئالغان ئىدى . ئۇ توختىماي ھەركەت قىلىش جەريانىدا كېيىنكى تەخىت ۋارىسى سۇتۇققا مەركەزلەشكەن بولۇپ ، سۇتۇقنىڭ ھەقىقىي تەخىت ۋارىسى ئىكەنلىكىنى ھەم بۇ يۇچۇقنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىدىن قىلچە گۇمانلانمىغان ئىدى . شۇ ۋاقىتلاردا ئوردىدىكى بەدنىيەت ۋەزىر -ۋۇزۇرالارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن سۇتۇقمۇ ھوقۇق دەۋاسىغا چۈشكەن ئىدى . ئەمما سولتان ئوغۇلچاق ، سۇتۇقنىڭ كىچىكلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنىڭ ئەقىل -ئىدىراكىغا توشقاندا تەخىت ئىگىسى قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى . لېكىن ئۇ بۇ ۋەدىنىڭ يالغان دەپ چۈشۈنۈپ ئىچىدە غۇم ساقلاپ يۈرەتتى . ئەبۇ ناسىر سامانىي بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ نۇرغۇن ئالتۇن -كۈمۈش خەجلەپ ئوردىدىكى بەزى ئەمەلدارلارنى سىتىۋالدى ، ھەمدە ئۇنى ئۆزى تۇرىۋاتقان تاغ -تۇراغا باشلاپ كىلىشكە ئۇلارنى كۆندۈردى . سۇتۇق بىر كۈنى ئوغۇلچاققا شىكارغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيىتىپ ئەبۇ ناسىر سامانىي بىلەن مەخپى كۆرەشتى ،ھەم ئىچى -تىشىدىن تەڭ ماسلىشىپ ئوغۇلچاقتىن پادىشاھلىق ھوقۇقىنى تارتىۋىلىشقا پىلان تۈزۈشتى ، ھەم ئۆزى دەل شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى .
ئىسلام دىنى ئەسلى ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا مېھرى -مۇھەببەتنى ئاساس ، قان تۆكۈشنى شەيتان ئەمەللىرىدىن بىرى دەيدىغان دىن ئىدى ، لېكىن ھوقۇق -مەنپەئەتكە دۈم چۈشكەنلەرنىڭ ناھايىتى ئەپچىل قالقىنى بولدى .
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاخىرى ئوغۇلچاقنى ئۆلتۈرۈپ خاندانلىقنىڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالدى .
سولتان سۇتۇق بوغراخان شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپلا ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت دىنى بولغانلىقىنى جاكارلىدى ، ئەبۇ ناسىر سامانىي دۆلەت ئۇستازى بولدى . تارىخى نامىلەردە يىزىلىشىچە ئەبۇ ناسىر سامانىيىنىڭ ئاكىسى يەنى سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ، ئەبۇ ناسىر سامانىيغا يازغان مۇنداق نامىسى بار :  ئىنىم سىز بىلەن مىنىڭ ئارامدا ئازىراق تۇقۇنۇش بولسىمۇ ، لېكىن سىز ، مىنى ئىنتايىن خوش قىلدىڭىز ،سىز قارخانىيلارنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق بىزنى ئەشەددىي بىر دۈشمەننىڭ تالان -تاراج قىلىشىدىن ساقلاپ قالدىڭىز . سىز قاچانلا كەلسىڭىز  نەچچە شەھەرنى سىزگە ھەدىيە قىلىمەن .
بۇنۇڭدىن روھلانغان ئەبۇ ناسىر سامانىي سولتان سۇتۇق بۇغراخانغا كاپىرلار بىلەن «جىھاد» قىلىش توغرىسىدا ئەقىل كۆرسىتىپ سولتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دېھقىتىنى خۇتەنگە مەركەزلەشتۈرۈپ قويىدۇ . شۇ ۋاقىتلاردا كىشلەر ئىسلام دىنى پەقەت شەھەرلىكلەرنىڭ دىنى دەپ بىلەتتى ... سولتان سۇتۇق بۇغراخان خۇتەن بىلەن ساق 20يىل سۇقۇشتى ، ئۇرۇشنىڭ قانچىلىك دەھشىتى بولىدىغانلىقىنى مەن دىمىسەممۇ ھازىرقى ئۇرۇش بولىۋاتقان رايۇنلارغا قاراپ ھېس قىلالايسىلەر ! خۇلاسە قىلغاندا ئىسلام دىنى بىز ئۇيغۇرلارغا توغرا يۇسۇندا كىرمىدى ،  بۇنى خۇدا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانمۇ ؟ ياق . خۇدا ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ مېھرى -مۇھەببىىتىنى قىلىچ ئارقىلىق تارقىتىشنى راۋا كۆرمەيدۇ . بۇ پەقەت سىياسەتۋازلارنىڭ ۋەسۋەسە ئىچىدە قىلغان «بۈيۈك» ئىشلىرى خالاس . ھىلىھەم ياخشى ئۇيغۇرلار 16-ئەسىردىن كېيىن تولۇق ئىسلام دىنىغا كىرىدى ، بولمىسا يەنە قانچىلىك ئازاپ -ئۇقۇبەتكە قىلىشىمىزنى بىلمەيتتۇق .
  

قايسىدۇر بىر سەيياھ ئىسلام دىنى ، ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەينىچىلاپ كىرىپتۇ -دەپتىكەن ...

ئەمدىكى ئىككىنچى تېمام ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئۈچ چوڭ كىتاپ كۈيدۈرۈش پاجىئەسى بايان قىلىنىدۇ .
1- پاجىئە ئەرەب سەركەردىسى قۇتەيبە ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ ، ھەمدە ئىسلام دىنىنى مەجبۇرى يەرلىك خەلىقلەرگە تىڭىشقا باشلايدۇ . ھەم يەرلىك خەلىقنىڭ «ھەق»قە كىرمەيۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ تۈركى مىللەتلىرىنىڭ نەققاشلىققا ئائىت ، ئەڭ گۈزەل رەسملەرگە ئائىت ، يەرلىك تېبابەتكە ئائىت ، ئۇيغۇر تارىخلىرىغا ئائىت بارلىق مەدەنىي مىراسلارنى كۆيدۈرۈپ ، بۇزۇپ تاشلايدۇ ، ئۇ ھەتتا بىر ئۇيغۇر گىنىرالىنىڭ يەرلىك كىتابلارنى ئۇقۇۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ شۇ جايىدىلا چىپىپ تاشلايدۇ . ئەرەبلەرنىڭ ياۋزلارچە قىلغان -ئەتكەنلىرىگە چىدىمىغان خەلىقلەر قوزغۇلۇپ كۆرەش قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇزاققا بەرداشلىق بىرەلمەي قاتتىق قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن قۇتۇرىغان ئەرەبلەر يەرلىك خەلىقنىڭ قىزلىرىنى ئاتالمىش نىكاھ قىلىپ ئەمىرىگە ئىلىپ قاتتىق غورلۇققا قالدۇرىدۇ ، شۇ ۋاقىتتىكى يازمىلاردا يىزىلىشىچە يەرلىك خەلىقلەر ئەرەبلەرنىڭ غورلىقىغا چىدىماي بۇيىغا يەتكەن قىزلىرىنى تەرەپ -تەرەپكە قاچىرىۋىتىدۇ . بۇ «غەلبىسى»دىن  قاتتىق مەغرۇرلانغان ئەرەبلەر قاتتىق خۇشھال بوپ كىتىدۇ . مانا بۇ ئەرەب سەركەردىسى قۇتەيبەنىڭ بۇلاڭ -تالاڭدىن سىرت ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئالتۇنغا بەرگۈسىز ھېكىمەت جۇغلانغان كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە  ئىدولۇگىيىسىنى يۇيۇشقا باسقان تۇنجى قەدىمىي .
2- قېتىملىق كىتاب كۆيدۈرۈش پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاررغان ، ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان پاسىق موللا «ئاباق» يەنى ھازىر بىز ئاتىۋالغان ئاپپاق خۇجا ..........