ئۇستازىم ھەم ئانا تىلىم
(نەسىر)
ئانا مەكتىۋىم ، سەن مېنىڭ بالىلىقىم ،ياشلىقىم ، سەن تۇنجى مۇھاببىتىم تۇنجى شاتلىقىم ، مەن ھەر مىنۇت ، ھەر سېكونت ئانا مەكتىۋىمنى تۇنجى ئانا تىلىمنى چىقارغان ئەشۇ مېھنەتكەش ئۇستازىمنى ئەسلەيمەن ھەم ئۇلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! .
بۈگۈن مېھنەتكەش ئۇستازلىرىمنىڭ بايرىمى، ئانا تىلىمنى تېخىمۇ راۋان چېقىشىغا كۈچ چىقارغان ئۇستازىمنىڭ بايرىمى. شۇنداق ئانا تىلىم-پاراسەتلىك، باتۇر، ئەمگەكچان مىللىتىمىزنىڭ تىلى! سەن ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدۈردۈڭ، نۇرغۇن ھېكىمەتنى سىڭدۈردۈڭ. سەنسىز مەن مەۋجۈدىيىتىمنى ، سەنسىز مەدەنىيىتىمنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.ئەي ئانا تىلىم- ئانىلىرىم سۆزلىگەن ئانا تىل، ئۇ ئىللىق بىر سىمانىڭ يارقىن نەمۇنىسى. ئۇستاز مەڭگۈ قەلىبلەر تۆرىدە ئۆز جۇلاسىنى سەبى دىللارغا چېچىپ ، ھالال مېھنەت تەرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ھاياتلىقلىقتىكى توغرا يولنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.ئۇلر ئانا تىل ئارقىلىق پۈتۈن كائىنات ئۈچۈن ھەسسە قوشتى.
ئانا تىلىم ، سەن بىر خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان گۈل، ھەر خىل تىلنى ھەر خىل گۈلگە ئوخشاتسام سەن ئەشۇ گۈلنىڭ ئەڭ جۇلالىنىپ تۇرغان خۇشپۇرىقى دەپ ئوخشىتىمەن . گۈلزارلىق بىر خىل گۈل بىلەنلا رەڭدارلىققا ئىگە بولالمايدۇ. جاھان گۈلزارىنىڭ رەڭدارلىقىدا سېنىڭمۇ بىر ئۈلۈش جىلۋەڭ بار، ھەم ھەسسەڭ كۆپ .
ئانا تىلىم-كۆيۈمچان ئۇستازىم بەرگەن تىل! مەن سىنى ئانامنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن،بالامنى پەرۋىش قىلغانغا ئوخشاش ئاسرايمەن ھەم قوغدايمەن، ئانا تىلىمنى قوغدىشىم ھەممە ئىنساننىڭ ئانىلىرىنى قەدىرلىگىنىم! ئاشۇ ئانىلارنى ئۇلۇغلاۋاتقانمۇ مېنىڭ تىلىم .
ئەنە قاراڭ ، ئۇچۇپ كېتىۋاتقان شۇڭقارلارغا...ئۇلار كەلگۈسىمىزنىڭ پەخىرلىرى بۇلار ئەشۇ كۆيۈمچان ئۇستازلىرىمنىڭ نەتىجىلىرى، ئۇلار ئانا تىلىمنىڭ پەرۋىشكارلىرى ...
.