ئىسلام دىنى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە، بۇ مۇناسىۋەت داۋامىدىكى ئەدەب -ئەخلاققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان دىن.مۇھەممەد ئەلەيھسىسسالام: مېنىڭ ۋەزىپەم ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىنلا ئىبارەت. دىگەن . «قۇرئان كەرىم » دە تەشەببۇس قىلىنغان كىشىلىك مۇناسىۋەت پىرىنسىپلىرىمۇ سەمىمىيلىك، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، سەۋرىچانلىىق ، ئەپۇچانلىق ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش، كەمتەرلىك ، باشقىلارغا زىيان سالماسلىق ، تىلى گۈزەل بولۇش ، قائىدە- يوسۇنلۇق بولۇش ....قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . بۇ پرىنسىپلارغا زىت بولغان سۆز ۋە ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى ئەخلاققا يات قىلمىش دەپ قارالغاچقا ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن . بۇ چەكلىمىلەرنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
مەن قىسقارتىپلا ئالدىم.
1. يالغان گۇۋاھلىق بېرىش چەكلەنگەن .
2. يالغان سۆزلەش چەكلەنگەن .
3. تۆھمەت قىلىش چەكلەنگەن.
4. گۇمانلىنىش چەكلەنگەن.
5. باشقا ئادەمنىڭ شەخسىي سىرىنى تىڭ -تىڭلاش چەكلەنگەن.
6.ھەسەت قىلىش چەكلەنگەن .
7. غەيۋەت قىلىش چەكلەنگەن.
سودا- سېتىق ئىشلىرىدىمۇ بەزى چەكلىمىلەر بار.
1. جازانىخورلۇق چەكلەنگەن .
2. تاۋاز مالغا ناچىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش، ناچىرىنى ياخشى دەپ سېتىش چەكلەنگەن.
3. بېسىمدارلىق قىلىش چەكلەنگەن.
4. ئۆلچەمدە كەم بېرىش قاتتىق چەكلەنگەن.
5. قەسەم قىلىپ تۇرۇپ مال سېتىش چەكلەنگەن.
6. ئوغرىلاپ كەلگەن ،بولىۋالغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش چەكلەنگەن.
ھاجى خوجائابدۇللا ئوسماننىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەردىن ئۈنچىلەرنى ئوقۇپ قىسقارتىپ بەردىم .