ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 639 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «مىڭ بىر كېچە»نىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق ؟
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-10 12:06

«مىڭ بىر كېچە»نىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق ؟

ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، «مىڭ بىر كېچە» ئەرەب خەلق ئەدەبىياتىدىكى گۆھەر ، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدىكى بىر مەرۋايىت. بۇ ئەسەر كىتاب قىلىپ يېزىلىشتىن بۇرۇنلا،  چارۋىچى ئەرەبلەر چېدىرلىرىدا ئوت سۇنۇۋاتقاندا ياكى مەدداھلار ئوردىلاردا مەدداھالىق قىلغان چاغلاردا ئېغىدىن -ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەنىدى. «مىڭ بىر كېچە» دىكى ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرەبلەرنىڭ  ئەمەس، ئۇ ئۈچ مەنبەدىن كەلگەن ؛ بىرىنچىسى ، ھىندىستان ۋە پارس ھېكايىلىرى؛ ئىككىنچىسى ئىراق ھىكايىلىرى (بۇ ئاساسەن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئوردىسىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلدىن، داڭلىق كىشىلەر توغرىسىدىكى غەلىتەئىشلاردىن ئېلىنغان بولۇپ، 10-11-ئەسىرلەردە يېزىپ چىقىلغان )؛ ئۈچىنچىسىى ، مىسىر ھېكايىلىرى (ئۇ نۇرغۇن خەتەرلىك ۋەقەلەر ۋە چۆچەك -رىۋايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 13-، 14- ئەسىرلەردە يېزىپ چىقىلغان )«مىڭ بىر كېچە» ئېغىزدا تارقىلىپ يۈرۈشتىن تارتىپ 16- ئەسىردە كىتاب بولۇپ چىققانغا قەدەر تەخمىنەن سەككىز ئەسىرنى باشتىن كەچۈرگەن . بۇ دەۋر دەل ئىسلام دىنى يۈكسەلگەن ۋە تازا گۈللەنگەن دەۋر ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، بۇ ھېكايىلەر مەزمۇن جەھەتتە مۇقەررەر ھالدا تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قويۇق دىنىي تۈس ئالغان.
ئەمەلىيەتتە ، «مىڭ بىر كېچە» دىكى ھېكايىلەر ئىسلام دىنى، يەھۇدىي دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىن ئىبارەت تۆت دىنغا چېتىلىدۇ. ئىسلام دىنى بۇنىڭ ئىچىدە يېتەكچى ۋە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىسلام دىنىغا خاس ھېسسىياتلار ھېكايىلەرگە بەكمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن بولغاچقا، ھەر بىر ھېكايىدىن ئىسلام دىنىغا ۋە ئىسلام روھىغا مەدھىيە ئوقۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئاتەشپەرەسلىك دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھېكايىلەردە ئىسلام دىنى ئاتەشپەرەسلىك دىنىنى بويسۇندۈرغان تارىخىي جەريان مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . «ھاممال بىلەن باغدادلىق ئۈچ چوكاننىڭ ھېكايىسى» دىكى باغدادلىق بىرىنچى چوكاننىڭ ھېكايىسىدە ئاتەشپەسلەرنىڭ توغرا دىننى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن شەھەر بىلەن قوشۇلۇپ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەنىكى، چوكاننىڭ ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا قانداق ئىخلاسمەن ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ بەرگىنىگەشۈكىرى -قانائەت قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
ئىسلام ئېتىقادى مۇسۇلمانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى  دېگەن ئىدىيە ھېكايىلەردە تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن . ھېكايىەلردىكى باش قەھرىمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالالھقا قاتتىق ئېتىقاد قىلىدۇ، ئالالھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ۈكچ -قۇۋۋەت ۋە جاسارەتكە ئىگە بولىدۇ. خەۋپ -خەتەر گە يولۇققاندا ياكى قارا كۈچلەرگە دۇچ كېلىپ قالغاندا، ئۇلار ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇپ، ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ، «لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ» (ئاللاھقا تايانماق ، بىزدە ئامال يوق ) دىگەن كەلىمىنى ئاۋازلىق ئوقۇيدىغانلا بولسا، دەرھال مۆجىزە يۈز بېرىپ، ئۇلار ھەممە بالا قازا ۋە خەۋپ -خەتەردىن قۇتۇلىدۇ.
«مىڭ بىر كېچە»دە «قۇرئان كەرىم »نىڭ جەمئىيەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئوينايدىغان رولى ئەينەن تەسۋىرلەنگەن، بۇنىڭ تەسىرىنى ھەممە ھېكايىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.
ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىش ، ياماننى جازالاش ، ياخشىنى مۇكاپاتلاش ئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئۆلمەس تېمىسى ، ئىسلام روھى «مىڭ بىر كېچە» دىكى ھېكايىلەردە بۇنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ۋە ئۇنى ياخشىلىقنىڭ يامانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسىغا ئايلندۇرغان. ئىسلام روھى ئادالەت ئورنىتىشقا دوستانىلىق -ئىناقلىق ۋە ئەپۇچانلىق ھېسسىياتىنى سىڭدۈرگەن . ھېكايىلەردىكى باش قەھرىماننىڭ ھەرىكىتى شۇنداق تۇيۇقسىز ئاخىرلاشسىمۇ ، لېكىن بەك پاجىئەلىك بولۇپ كەتمەي، ئومۇمەن قانائەتلىنەرلىك دەرىجىدە ئاددىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان، ئەپۇچانلىق نەتىجىسىدە ھېكايىدىن ھېكايە شاخلاپ كېتىۋەرگەن .

ئىسلام مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەردىكى ئۈنچىلەردىن ئېلىندى.
تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-11, 02:09