[img]http://www.xjtv2.cn/uploadfile/article/uploadfile/201208/20120815093913616.jpg
[/img]
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «خەلق گېزىتى» نىڭ 12- ئاۋغۇستتىكى سانىدا «جۇڭگودا ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار مەھەللىسى يىۋۇدا» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى، ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى:
10 يىل ئىلگىرى، يىۋۇدىكى مۇسۇلمانلار مېھمانساراينىڭ ياتىقىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئىبادەت قىلماي ئامالى يوق ئىدى. ئادەم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار بىر ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا يۆتكىلىپ كەلدى. ئەمما يېقىندا ماشىنا توختىتىش مەيدانىمۇ ئۇلارنى سىغدۇرالماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى كوچىلاردا تارقاقلىشىپ كەتتى. ھازىر، 25 مىليون يۈەنگە پۈتكەن بىر مەسچىد يېقىندا پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ مەسچىد جۇڭگودىكى، ئەرەب ئەللىرىدىكى، جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ۋە ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ. ئەمما يېڭى مەسچىد بۇ شەھەردىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
ئالدىراش چاغدا، مەسچىد ھەر بىر مۇسۇلماننى سىغدۇرالمايدۇ. «ھەقىقەتەن دەبدەبىلىك»، دېدى مەسچىتنىڭ ئىمامى ئايسىن گىئورو باۋچۈەن (ئاھاڭ تەرجىمىسى) يىۋۇدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زورىيىشىنى تەسۋىرلەپ، «شۈبھىسىزكى، يىۋۇدا جۇڭگو بويىچە تەرەققىياتى ئەڭ تېز مۇسۇلمانلار مەھەللىسى بار.»
ھازىر يىۋۇدا تەخمىنەن 35 مىڭ مۇسۇلمان بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەخمىنەن يېرىمى چەتئەلدىن كەلگەن، نۇرغۇنلىرى ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن.
ئېيتىلىشچە، يىۋۇدىكى جۇڭگو تاۋارلىرىنى سېتىش بازىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولۇپ، دەل مۇشۇ بازار 10 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئەرەب ۋە جەنۇبىي ئاسىيالىقنىڭ كېلىپ ئوقەت قىلىشىنى جەلپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ماس ھالدا خۇيزۇ ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان جۇڭگولۇق مۇسۇلمانلارنىڭ يىۋۇغا كېلىپ ئاشخانا، دۇكان ياردەمچىسى بولۇشى ياكى ئېغىز تەرجىمانى بولۇشىنى جەلپ قىلغان. شاڭخەينىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بۇ شەھەر جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم مەركىزىگە تەدرىجىي ئايلانماقتا. «سودا ۋە دىنىي تۇرمۇش جانلىق بىرلەشتى»، دېدى ئايسىن گىئورو.
يىۋۇدىكى ئىسلام دىنى ۋاقىتلىق پائالىيەت سورۇنىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى لى زىخوڭ مۇنداق دېدى: گەرچە گۇاڭجۇدا تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمان بولسىمۇ، ئەمما يىۋۇنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كىچىك بولغاچقا، «تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان مۇسۇلمانلار مەھەللىسى تۇيغۇسى» بار. ئۇ مۇنداق دېدى: 21- ئەسىرنىڭ بېشىدا يىۋۇدا ئاران بىر مۇسۇلمانچە ئاشخانا بار ئىدى، ھازىر بولسا 36 سى بار. ھازىر بىزنىڭ يەنە مۇشۇنداق ئۇلۇغ مەسچىدىمىز بار بولدى، مەھەللىمۇ يىلتىز تارتتى. بۇ بىزگگ بىر خىل تەۋەلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلدى.
ئۆتكەن ئىككى يىلدا، گەرچە ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىدىكى قالايمىقانچىلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما لىۋىيە قالايمىقانچىلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، لىۋىيەلىكلەر تۈركۈملەپ يىۋۇغا كېلىپ مال كىرگۈزۈشكە باشلىدى. بۇ ئەھۋال يەرلىك ئاھالىلەرگە مۇسۇلمانلار مەھەللىسىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىش ئۈمىدى ئاتا قىلدى. ئايسىن گىئورو مۇنداق بىلدۈردى: ھەر يىلى يېڭى چىرايلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز، ھەر يىلى ئۆزگەرمەكتە، مەھەللە بارغانسېرى زورايماقتا.
مەنبە:
http://www.xjtv2.cn