ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 409 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دېھقاننىڭ جېنى قانچە پۇل
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-12 14:10

دېھقاننىڭ جېنى قانچە پۇل

ئاپتور: ئا.ت. تارىم
دېھقاننىڭ جېنى قانچە پۇل؟
بۇ قانداق سۇئال بولۇپ كەتتى، دەپ ئويلىغانسىز. «گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار» دېگەندەك، بۇ سۇئالنىڭ تېگىدىمۇ گەپ بار.
دېھقان ياۋاش، دېھقان ساددا، دېھقان بوزەك. ساختىپەز سودىگەرنىڭمۇ، قىزىلكۆز دورىگەرنىڭمۇ، قارنى يامان ئەمەلدارنىڭمۇ، ئىش قىلىپ ئالا نىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دېھقاننى دۈم قويغۇسى كېلىدۇ. قانۇنسىز ئالۋاڭمۇ دېھقاننى تېپىپ كېلىدۇ. تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاق دېگەندەك، دېھقان يارىتىۋاتقان نېمەتلەر بىلەن شاھلاردەك ياشاۋاتقان شەھەرلىكلەر دېھقاننى كەمسىتىشىدۇ، مەسخىرە قىلىشىدۇ، خورلىشىدۇ. يەنە دېسەك گەپ تولا.
ئەمەلىيەتتە قانداق بولسا بولسۇن، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، سەۋىيىسى، ئېتىقادى، مال-مۈلۈك ئەھۋالى قاتارلىقلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇن ئالدىدا باب-باراۋەر ئىكەنلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن. دېھقاننىڭ كۆڭلى مانا شۇنىڭدىن قانائەت تېپىپ كەلگەن، ئۆزىنى دۆلەتنىڭ خوجايىنى ساناپ كەلگەن، كەمسىتىش، خورلۇق
ھېس قىلمىغان. لېكىن، مانا ئەمدى ئىش باشقىچە بولۇشقا باشلىدى: دېھقاننى كەمسىتىش، دېھقاننى خورلاش، دېھقانغا باراۋەرسىز مۇئامىلە قىلىش قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولدى. دېھقان قانۇن ئالدىدا باشقا پۇقرالار بىلەن باراۋەر بولالمىدى، دېھقان پەرزەنتلىرىگە بۆشۈكىدىلا دېھقانلىق تامغىسى بېسىۋېتىلگەندەك بولدى.
بۇ مەسىلىنى ئېنىقراق چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ ئالىي سوت ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈزۈپ ئېلان قىلغان «جىسمانىي زىيان تۆلىمى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇن تەدبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات» 2004-يىلى 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇ ئىزاھاتتا باشقىلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنىڭ سوممىسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كونتروللىقىدا بولىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ياكى دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ 20 ھەسسىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن بولغاچقا، سوت مەھكىمىلىرى شۇ بويىچە ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە، شەھەر نوپۇسىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبكار بولغۇچى ئۇنىڭ خۇن تۆلىمى ئۈچۈن 144 مىڭ 400يۈەن تۆلىسە ( شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ 2003-يىلدىكى كونتروللىقىدا بولىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 7220 يۈەن)، يېزا نوپۇسىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبكار بولغۇچى ئۇنىڭ خۇن تۆلىمى ئۈچۈن 42مىڭ 120 يۈەن تۆلەيدىغان بولدى(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ 2003-يىلدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2106 يۈەن). (بۇ يازما 2004-يىلى يېزىلغانلىقتىن، شۇ چاغدىكى ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغان. 2010-يىللىق ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا، شەھەر نوپۇسىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبكار بولغۇچى ئۇنىڭ خۇن تۆلىمى ئۈچۈن 272 مىڭ 880يۈەن تۆلىسە، يېزا نوپۇسىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبكار بولغۇچى ئۇنىڭ خۇن تۆلىمى ئۈچۈن 92 مىڭ 860 يۈەن تۆلەيدۇ—ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى.) ئۆلگۈچى كەلگۈسىدە ئۆمۈر بويى دۈمبىسىنى ئاپتاپقا سالىدىغان دېھقان بولۇشى ياكى تۆمۈر دەپتەرگە ئۆتۈپ، خان ئاشلىقى يەيدىغان كادىر بولۇشى ۋە ياكى بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن دەيدىغان ھارامتاماق بولۇشى نامەلۇم بولغان بىر نەچچە ياشلىق نارەسىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ نوپۇس پەرقىگە قاراپ، يۇقۇرىدىكى ئۆلچەم بويىچە مۇئامىلە قىلىندى. پەرق ئۈچ ھەسسە دېگەن گەپ. بۇ نېمە دېگەن زور پەرق- ھە! بۇنداق پەرقنى يەنە قەيەردىنمۇ تاپقىلى بولار؟ بۇنداق بولسا، كىممۇ قايىل بولار؟ شەھەر-يېزا نوپۇسى دەپ ئايرىمايدىغان پەرەڭلەرگە تۆلەم تۆلەشكە توغرا كېلىپ قالسا، قانداقمۇ قىلارمىز؟ بۇنى بىلىپ قالغان پەرەڭلەر ئېلىمىزگە كېلىشتىن بۇرۇن شەھەر نوپۇسى بېجىرىپ كېلىدىغان ئىشلار بولۇپمۇ قالارمۇ؟
مەلۇم بىر ئالىي دوكتور يۇقۇرىدىكى بەلگىلىمىنى مەسخىرە قىلىپ، ئۆلۈدىغان بولسا، بىر شەھەرلىكنىڭ ئورنىغا سەھرالىقتىن ئۈچى ئۆلسۇن، جىددىي قۇتقۇزۇشقا توغرا كەلسە، سەھرالىقتىن ئۈچى تۇرۇپ تۇرسا مەيلىكى، شەھەرلىكتىن بىرنى بولسىمۇ ئاۋۋال قۇتقۇزايلى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ جېنىنىڭ تۆلىمى ئوخشىمايدۇ، دەپ يېزىپتۇ.
بۇ نېمە دېگەن روشەن سېلىشتۇرما- ھە!
بىسمىللا دېمەي سورىغان سۇئالنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەنگەنسىز. مانا بۇ بىز ئىجرا قىلىۋاتقان قانۇن. سۈرۈشتۈرسەك، بۇنداق ئەھۋال ئەمدىلا ئوتتۇرىغا چىققانمۇ ئەمەس. ئىلگىرىمۇ ئۇيەر-بۇيەرلەردە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدىمۇ پەيدا بولغان. لېكىن، بۇنداق نامۇۋاپىق، شۇنداقلا ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىغا خىلاپ بەلگىلىمە بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق، زىددىيەت-ماجىرا، ئىتتىپاقسىزلىق، ناھەقچىلىك پەيدا قىلغانلىقتىن، ئاپتونوم رايۇنىمىزدا يول قاتناش ھادىسىلىرىدە ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى ھېسابلاش ئۆلچىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزا نوپۇس پەرقىگە قارىماي، بىردەك شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلاش توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغان. قاتناش ھادىسىسىدىن باشقا دېلولاردىمۇ شۇ بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان. ئەمدى ئەھۋال باشقىچە بولدى، چۈنكى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئىزاھات بارلىق جىسمانىي زىيان تۆلىمى دېلولىرىغا تەدبىقلىنىدۇ، ئۈنۈم كۈچىنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈنۈم كۈچى قانۇن كۈچىگە تەڭ.
قانۇن تۈزۈشتىكى مەقسەت- ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغداش، ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، زىددىيەت-دەۋانى ھەل قىلىش. قانۇن ئادىل بولسا، ئىشلىرىمىزنىڭ ئادىل بولۇشىدىن ئۈمىد بار، لېكىن، نامۇۋاپىق قانۇن تېخىمۇ كۆپ ناھەقچىلىقلارنى پەيدا قىلىپ، پۇقرانى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، قانۇنغا ئىشەنمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەكمۇ يامان.
قانداق قىلىش كېرەك؟ مېنىڭچە، بۇنداق نامۇۋاپىق بەلگىلىمىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن، ھېچ بولمىسا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئايرىم جانلىق بەلگىلىمە تۈزۈپ ئىجرا قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن. بارلىق پۇقراغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش- ئاۋامنىڭ ئەقەللىي تەلىپى.

2004-يىلى 7-ئاي.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئا.ت. تارىمغا تەۋە. توردا تارقىتىش ھوقۇقى «تارىم شېئىرىيەت تورى»غا (
http://www.sheiriyet.com) تەۋە. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرسىڭىز، ئاپتورنى ۋە مەنبەنى ئەسكەرتىشنى
ئۇنۇتماڭ.

توردىشىمىز نادىرەنىڭ ئالمىزاردىكى يوللانمىسى...ئەسلى
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1271 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1271
توردا: 123(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-04
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-12 22:43

دېھقانغا بولغان ما پوزىتسىيەمۇ ئەڭ ئىچىنىشلىق : ئەگەر بىر دېھقان قاتناش ھادىسىدە ئۈلۈپ كەتسە يىلىغا 4 مىڭ كوي ، شەھەر نوپۇس قاتناش ھادىسىسىدە ئۈلۈپ كەتسە يىلىغا 11 مىڭ كويما؟ ئىشقىلىپ شۇنچىلىك .