ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 274 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاغىلىقتىكى ئۆمۈر چولپانلىرى «بەيگە» گە چۈشتى
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-12 17:49

قاغىلىقتىكى ئۆمۈر چولپانلىرى «بەيگە» گە چۈشتى



8-سېنتەبىر، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭىنىڭ يېشى 114 ياش، ئەڭ كىچىكىمۇ 100 ياش بولغان ئالتە نەپەر ماھىر «ئۆمۈر چولپىنى يۇلتۇزى»نى تاللىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئۇلار ئاڭلاش ئىقتىدارى، ئىنكاسىنىڭ تېز-ئاستىلىقى، سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا 107 ياشقا كىرگەن تۇرامخان توختىنىياز چېمپيونلۇققا ئېرىشىپ، 3000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.
   تۇرامخان تۇختىنىياز قاتارلىق ئالتە نەپەر 100 ياشتىن ئاشقان ماھىرنىڭ ھەممىسى قاغىلىق ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىمقى «ئۆمۈر چولپىنى يۇلتۇزى»نى باھالاش پائالىيىتىگە قاتناشقان.
   بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە يەنە 114 ياشلىق مەپىزخان مەمەت بىلەن 100 ياشلىق ئوسمان سوپى 2-دەرىجىگە ئېرىشىپ، 2000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلانغان. قالغان ئۈچ ئۆمۈر چولپىنى 3-دەرىجىگە ئېرىشىپ، ئايرىم-ئايرىم 1000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلانغان.  
ئىگىلىنىشچە، قاغىلىق ناھىيەسىدە 100 ياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپىندىن 23 ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 14 ى ئەر، 9 ى ئايال ئىكەن.

مەنبە:نۇر تورى
خەلقېم مەن بىلەن