ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1129 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جەنۇبى دىڭىز خەۋەرلىرى
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-13 17:16

جەنۇبى دىڭىز خەۋەرلىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك كۆرۇرمەنلەر:
11-چىسلا ياپۇنىيە ھۆكىمىتى دۆلىتىمىزنىڭ كۈشلۇك نارازىلىقى ،جۇڭگۇ خەلقىنىڭ ھىسياتىنى بىلەن ھىساپلاشماي
دىياۋ يۇ ئارىلىنى ئاتالمىش<< سىتىۋىلىش >>كىلىشىمىنى ئىمزالاپ،بۇ رايۇن ۋەزىيتىدە مولچەرلىگۇسىز كەسكىن
ھالەت شەكىللەندۇرۇپ قويدى.
توۋەندە بىر نەچچە كۈن ئىچىدىكى ۋەزىيەتكە نەزەر سالىمىز.
''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''''
جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئەڭ زور سىناققا دۇچ كەلدى


[ياپونىيە «يومىئۇرى خەۋەرلىرى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 13-سېنتەبىر خەۋىرى] ياپونىيە ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن كابىنېت يىغىنى ئېچىپ، 2012-يىللىق خام چوتتىكى زاپاس خىراجەتتىن 2 مىليارد 50 مىليون يېن ئاجرىتىپ، سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى (ئېلىمىزنىڭ دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللار−گېزىتىمىز ئىزاھاتى)دىكى ئاراللارنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. ھۆكۈمەت شۇ كۈنى زېمىن ئىگىدارى بىلەن ئارال سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى ھەم ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەپ تىزىمغا ئالدۇردى.
    جۇڭگو سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، كابىنېت ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ئوسامۇ فۇجىمۇرا بۇ ھەقتە يەنە تەكىتلەپ: «ئېلىمىزنىڭ بىر قىسىم زېمىنىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى دۆلەتكە ئۆتۈنۈپ بېرىش، باشقا دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق»، دېدى.
[كيودو ئاگېنتلىقى، توكيو، 13-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] ياپونىيە ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ زېمىن ئىگىدارلىرى بىلەن توختام ئىمزالاپ، ئۈچ ئارالنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئالماقچى بولدى. كابىنېت ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ئوسامۇ فۇجىمۇرا: ئۇقۇشماسلىق ۋە كۈتۈلمىگەن ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تىرىشىمىز، دەپ تەكىتلىدى.
دىپلوماتىيە ۋازارىتى ئاسىيا-ئوكيانىيە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇگىيامانى 12-سېنتەبىرغىچە بېيجىڭدا قىسقا مۇددەت تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، جۇڭگوغا دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشتىكى ھەقىقىي ئويىنى چۈشەندۈرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ سالماقلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. دىپلوماتىيە ۋەزىرى گېندا كويچىرو: «بۇ قېتىمقى ئىشنى ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلدۇرماسلىقىمىز كېرەك، چوقۇم ئەمەلىي پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك»، دېدى.
    [ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 13-سېنتەبىر خەۋىرى] جۇڭگونىڭ دېڭىز چارلاش پاراخوتى بۈگۈن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە باردى، بۇ بېيجىڭنىڭ تالاش-تارتىشلىق بۇ زېمىنغا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تىرىشىپ ئۇقتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    ئاممىنىڭ بېسىمىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ بۇ تاقىم ئاراللارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىگە قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. جۇڭگو دېڭىز چارلاش ئىدارىسى دېڭىزدا قانۇن ئىجرا قىلىدىغان غەيرىي رەسمىي ھەربىي ئاپپارات، ئۇنىڭ رولى جۇڭگو بىلەن قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زېمىن تالاش-تارتىشىدا بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتىدۇ. بۇ يىل ئەتىيازدا ئاز دېگەندە بىر دېڭىز چارلاش پاراخوتى فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ پاراخوتى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت كەسكىن تىركەشتى.
    [مەركەز ئاگېنتلىقى، تەيبېي، 13-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] ياپونىيە ھۆكۈمىتى دياۋيۈتەي (چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىلەر دياۋيۈ ئارىلى دەپ ئاتايدۇ−گېزىتىمىز ئىزاھاتى)نى سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن: بۇ ھەرىكەت جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق، جۇڭگو ئارمىيەسى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىدۇ، دېدى.
    جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ يەنشېڭ: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەنىڭ دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز، دېدى.
    بېيجىڭ، گۇاڭجۇ ۋە شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئامما بۈگۈن كوچىلارغا چىقىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دياۋيۈتەينى سېتىۋالماقچى بولغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.
    [مەركەز ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] جۇڭگو دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى بۈگۈندىن باشلاپ دياۋيۈتەي دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىدىن رەسمىي مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۈگۈن كەچتە مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر پىروگراممىسىدىن كېيىن، ھاۋارايىدىن مەلۇمات بەرگەندە دياۋيۈتەي تاقىم ئاراللىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن تېمپېراتۇرىسىدىن مەلۇمات بەردى.
    لېكىن، تەيۋەن مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ دياۋيۈتەي دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ھاۋارايىسىدىن مەلۇمات بېرىشنى بېلىقچىلىققا ئائىت ھاۋارايى مەلۇماتى مەزمۇنىغا كىرگۈزگىنىگە ئاز دېگەندە نەچچە ئون يىل بولغان.
    [كيودو ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13-سېنتەبىر تېلېگراممىسى] ياپونىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا بۈگۈن نامايىشچىلار ئېتىراز بىلدۈردى. جۇڭگودا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارال سېتىۋېلىشىغا قارشى ھەرىكەتلەر كۆپىيىشكە باشلىدى.
    شۇ كۈندىكى «دۇڭلى لوڭقىسى» شاڭخەي خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى باشلىنىپ تۆت مىنۇتتىن كېيىنلا تۇيۇقسىز توختىتىلىپ بىكار قىلىندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارال سېتىۋېلىشىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرگەچكە، سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شاڭخەي خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ياپونىيە دۇڭلى شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ياردىمىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    [شياڭگاڭ «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 13-سېنتەبىر خەۋىرى] جۇڭگو: ياپونىيە دياۋيۈ ئارىلىنى سېتىۋېلىش قىلمىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ، دېدى. ياپونىيەدە ئارال سېتىۋېلىش پىلانى ئاشكارا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭگو بۇ ئاراللارنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنى ئېنىق كۆرسەتتى، تەھلىلچىلەر: بۇ، جۇڭگونىڭ دېڭىز تەۋەلىك دائىرىسىنىڭ ئېنىق بېكىتىلگەنلىكىگە باراۋەر، دېدى.
    [ياپونىيە «يومىئۇرى خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ 13-سېنتەبىر خەۋىرى] جۇڭگو زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 10-سېنتەبىر سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى توغرىسىدا: «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن مەسىلىسىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى قىلچە يول قويمايدۇ»، دېدى. ۋېن جياباۋ بۇ سۆزى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىرادىسىنى كۈچلۈك ئىپادىلىدى. جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ چەت ئەلنىڭ قىلمىشلىرىنى بۇنچە ئاشكارا ئەيىبلىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. ئىلگىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ياپونىيەنى كۈچلۈك تەنقىدلەيتتى، لېكىن، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولغاندەك قىلىدۇ.
    بەزىلەر جۇڭگو دېڭىز چارلاش پاراخوتلىرىنىڭ چارلاش ۋەزىپىسىنى كۈچەيتىش، ياپونىيە كارخانىلىرىغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش قاتارلىق ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
    يەنە بىر جەھەتتىن، جۇڭگو دېڭىز تەۋەلىكى قانۇنىغا ئاساسەن سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئاساسىي سىزىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ 3-ئايدا ئارالغا نام بەرگەندىن كېيىن، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەشەببۇس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 9-سېنتەبىر ۋلادىۋوستوكتا باش ۋەزىر نودا يوشىخىكونىڭ ئېھتىياتچان بولۇشىنى تەلەپ قىلدى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئارقىدىنلا دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش قارارىنى چىقاردى، بۇ ھەرىكەت جۇڭگو قوبۇل قىلالايدىغان چەكتىن ئېشىپ كېتىپ، جۇڭگونىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپونىيە بىلەن ئالاقە قىلىدىغان تارمىقىنىڭ كادىرى 10-سېنتەبىر: «ياپونىيە جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇقىنى ساقلاشنى خالىمىسا، جۇڭگومۇ قايتا ئويلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ»، دېدى. بۇ، ئەلئارا ئالاقىنىڭمۇ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
تۆت چوڭ ھەربىي رايوندا كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى

- سېنتەبردىن 11- سېنتەبرگىچە، جىنەن ھەربىي رايونى ئۇرۇش رايونى شەندۇڭ يېرىم ئارىلىدىكى مەلۇم بازىدا توپچى قىسىم ئەسكەرلىرى، ھاۋا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى راست ئوق مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.

سۈرەتتە: توپچى قىسىم ئەسكەرلىرى مانېۋىردا.

شېنجېن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ «شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننى بىۋاسىتە كۆرسىتىش» پروگراممىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نەنجىڭ، جىنەن، چېڭدۇ، گۇاڭجۇدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەربىي رايونى يېقىندا پات- پات مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» دە يەنە نەنجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ مانېۋىرىنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەر بېرىلگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: قاتتىق تەيفېڭ بورىنى چىقىۋاتقان ھاۋارايى شارائىتىدا، نەنجىڭ ھەربىي رايونىدىكى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيەسى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى. دېڭىز ئارمىيەنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتىدىن تەشكىللەنگەن ئەترەت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش كېمىسى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە قىسمى ۋە قۇرۇقلۇق ھاۋا قىسمى ئوت كۈچىنىڭ ھىمايىسىدە، ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ دۈشمەننىڭ بازىسىغا قاراپ ساھىل ئىگىلەش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى.

سۈرەتتە: ھاۋا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاچىلىماقتا
(خەۋەر تورىدىن قىسقارتىلىپ ئىلىندى.)
#################################################

ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ياپونىيىگە جىددىي قوندى



يەر شارى تورىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ياپونىيە فۇجى تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ 12- سېنتەبردىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 12- سېنتەبر چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 15 مىنۇت ئەتراپىدا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ F-22تىپلىق ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ياپونىيەنىڭ ياماگۇچى ناھىيەسىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ ئىۋاكۇنى بازىسىدا قونغان.




ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيە ئوكىناۋا ناھىيەسىدىكى كادېنا بازىسىدا ھازىر ئالتە دانە F-22تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بولغاچقا، بۇ ئىككى دانە F-22تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىۋاكۇنى بازىسىدا قونغان. بۇ بەلكىم ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن ياپونىيەدە جىددىي ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن.



مەنبە:نۇر تورىدىن قىسقارتىلدى.
خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
كوكتوقاي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1071
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 44
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە44دانە
تۆھپىسى: 2
پۇلى: 49 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 4
ياخشى باھا: 49
توردا: 13(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-11-15
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-14 17:54

جوڭگۇ ياپۇنىيەدىن قوقمايدۇ،ياپونىيەنىڭ ئەدىپىنى بېرىش كېرەك،جوڭگۇنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قۇيىدىغان پۇرسىتى كەلدى ھىلىمۇ 67 يىل كۈتتۈق
ياپونلۇقلار  شىنجاڭغا  كېلىپتىكەندە- ئۇقماپتۇق،