رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
پۇتبول روھى
رايونىمىز پۇتبول تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پائالىيەتچانلىقى، تەشكىللەشچانلىقى شۇنداقلا ھەققانىي، خالىسلىقى بىلەن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئابدۇلغەنى تۇرسۇن ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاپ يېقىندىن ماسلىشىپ كېلىۋاتقان پۇتبول سۆيەر ئوغلانلارنىڭ ھەمرالىقىدا 12–سىنتەبىر بورتالا شەھەر چىندىل 1–باشلانغۇچ (تاڭنۇر) مەكتىۋىتدە «پۇتبول روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتىۋىمىز پۇتبول تەرەققىيات ئىشلىرىنى كۈچەيتەيلى» دېگەن شۇئار ئاستىدا «تاڭنۇرى بالىلار پۇتبول كوماندىسى»نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئىلان قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىندا شەۋكەت ھاجى ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەت توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئابدۇلغەنى تۇرسۇن ئەپەندى يېڭىدىن قۇرۇلغان كوماندا ئەزالىرىغا 16 قۇر تەنھەرىكەت كىيىمى ۋە 5 دانە پۇتبول سوۋغا قىلدى. مەكتەپ مۇدىرى شەمشىدىن داۋۇت سەپەرۋەرلىك دوكلاتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. شۇنداقلا يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم ساغلام تەرەققياتى، ماددىي كاپالىتى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مەخسۇس باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
مەكتەپ مۇدىرى شەمشىدىن داۋۇت ئومۇمىي خىزمەتلەرگە يىتەكچىلىك قىلىش ۋە بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولدى.
چىندىل مەركىزى مەكتەپ تەتقىقات ئىشخانىسىدىن ئابدۇسەمەت قۇربان ۋە مەكتەپ ئىلمىي مۇدىرى ئۆمەرجان تۇرسۇن ئىدىيۋى تەربىيە ۋە تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش بىلەن بىرگە، ئابدۇلغەنى تۇرسۇن ئەپەندى ۋە شەۋكەت ھاجى ئەپەندى باش مەسلىھەتچىلىككە، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى قوناقباي دائىملىق كوماندا تېرنىرلىق ۋەزىپىسىگە، مەردان مىجىت ۋە دىيارىمىزدىكى پۇتبول چولپىنى نىجات ئابدۇمەجىد مەخسۇس تەكلىپلىك تېرنىرلىق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىندى.
[ بۇ يازمىنىخەلپەت 2012-09-14 03:04قايتا تەھرىرلىدى ]