ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 675 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دۆۋلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش
ئەردان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 818
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
تۆھپىسى: 11
پۇلى: 35 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 22
ياخشى باھا: 35
توردا: 8(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-02
ئاخىرقى: 2012-10-06
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-15 07:43

دۆۋلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قىزىقارلىق سېلىشتۇرۇش

دۇنيانى بىر سىنىپ كوللىكتىۋىغا ئوخشاتساق ئامېرىكا بۇ سىنىپنىڭ  
سىنىپ باشلىغى،جۇڭ گو بولسا ئىتتىپاق شۇجىسى.
1ئامېرىكا: _ سىنىپ باشلىغى،ئۆيىدىكىلەرنىڭ پۇلى جىق،ئۆزىمۇ ناھايىتى ساغلام ھەم بەسىتلىك،ئۈگىنىش نەتىجىسى ياخشى بىراق ئۇرۇشقاق،ئۆكتەم يولسىزنىمە ئىش قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدۇ  ،شۇڭا سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن قورقىدۇ،گەپ ياندۇرالمايدۇ.ئۇنىڭ مۇئاۋىن سىنىپ باشلىغى بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى ئەمەس.  
      
2.روسىيە: _  مۇئاۋىن سىنىپ باشلىغى،ئۈگىنىش نەتىجىسى ياخشى،سىنىپ بويىنچە ھەممىدىن بەسىتلىك ؛ئالدىنقى مەۋسۈم دائىم سىنىپ باشلىغىنىڭ چىشىغا تېگىپ ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشتى؛كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن چاتاق چىقىپ ئۆيى بۇزۇلۇپ كەتتى .ھازىر ئىش قىلغاندا ناھايىتى پاسسىپ پوزىتسىيەدە قىلىدۇ،لېكىن سىنىپتا خېلى ئابرويى بار.
      
    
3.ئەنگىلىيە :_  ئۈگىنىش باشلىقى،ئۈگىنىش نەتىجىسى ياخشى،ئائىلىسىمۇ ناھايىتى باي،ئۇ سىنىپ باشلىغىنىڭ يالاقچىسى بولۇپ ،ئىش قىلغاندا ئۆز ئالدىغا قىلالمايدۇ،ھەممە ئىشتا سىنىپ باشلىغىنىڭ گېپىدىن چىقمايدۇ.  

4.شىۋىتسارىيە: _  گۈزەل سەنئەت دەرىسى ھەيئىتى،سىنىپنىڭ گۈزىلى ،ئۈگىنىش نەتىجىسىمۇ ياخشى؛باشقىلار بىلەن ئىچ پەش تارتىشىپ يۈرمەيدۇ.بەك سىپايە ھەم ئىچ مىجەز.                            

5.ئارگىنتىنا:_  ئۇ تەنتەربىيە ھەي ئىتى بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرىدۇ،بىرنەچچە ۋاقىت ئىلگىرى ئۈگىنىش باشلىغى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ تاياق يىگەنىدى.ھازىر ھەر قېتىم تەنتەربىيە دەرىسى بولغاندا ئۇ ئۈگىنىش باشلىغىنى تۇتىۋېلىپ ئەسەبىلەرچە بوزەك قىلىدۇ.            

6.ئافغانىستان:  _سىنىپتا ھىچقانداق ۋەزىپىسى يوق،ئۈگىنىش نەتىجىسىمۇ ناچار،بويى پاكار ،ئائىلىسىمۇ بەك نامرات. بىراق باشقىلارغا ئالدىراپ بوزەك بولىدىغانلاردىن ئەمەس ؛ئالدىنقى مەۋسۇم مۇئاۋىن سىنىپ باشلىغى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانتى ،سىنىپ باشلىغى ئۇنىڭغا ياردەملەشتى ھەم داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلىۋەتتى.بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇ سىنىپ باشلىغىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەڭ ئىگىز ئىككى ئائىلە سايمىنىنى چېقىۋەتكەنتى ،سىنىپ باشلىغىدىن ئۆلگۈدەك تاياق يەپ ،ھازىر ھوشۇنى بىلمەي ياتىدۇ  
  
7. ئىراق:  -
سىنىپتا ھىچقانداق ۋەزىپىسى يوق،ئۈگىنىشى ناچار،لېكىن ئۆزى بەك بەسىتلىك ؛ئالدىنقى مەۋسۇم سىنىپتا تۆتنىڭ بىرى ئىدى.ناھايىتى بوينى قاتتىق،ئالدىنقى مەۋسۇم پارتىدېشى كۇۋەيىتنى بوزەك قىلغاچقا ،سىنىپتىكى ھەممەيلەندىن تاياق يىدى؛بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى سىنىپ باشلىغى بىلەن ئۈگىنىش باشلىغى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئۇرۇپ ۋەتۋەرىگىنى چىقىرىۋەتتى ،ھەم دادىسىنى ئۆلتۈرىۋەتتى.        
  8.كۇۋەيىت :   _   سىنىپتا ھىچقانداق ۋەزىپىسى يوق ،ئائىلىسى ناھايىتى باي،بەتخەج؛شۇڭا سىنىپ باشلىغى ئۇنىڭغا ئامراق؛ئۇ ئىراق بىلەن پارتىداش، ئىلگىرى ئۇنى ئىراق دائىم بوزەك قىلاتتى ،ھازىر سىنىپ باشلىغى بىلەن دوست بولىۋالغاندىن بۇيان كۈنلىرى خاتىرجەم ئۆتىۋاتىدۇ.  

9. مىسىر: _  تارىخ دەرسى ھەيئىتى ،ئۈگىنىش نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك؛ئۆيىدە ئەل ئىھرام بار .شۇڭا تارىخ دەرىسى ھەيئىتى بولۇپ سايلانغان.بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى دادىسى تۈگەپ كەتتى .ھازىر ئائىلىسى ئانچە خاتىرجەم ئەمەس.                  
 10. ئىران: _  سىنىپتا ھىچقانداق ۋەزىپىسى يوق،ئۈگىنىش نەتىجىسى ناچار؛ئۇ دائىم سىنىپ باشلىغىنىڭ چىشىغا تېگىدۇ ، سىنىپ باشلىغىنىڭ تازا خوشى يوق ، شۇڭا ئۇرىدىغانغا باھانە ئىزدەپ يۈرۈيدۇ؛يېقىندا ئۆيىدە يەر تەۋرىگەنتى سىنىپتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.  

11.ھىندىستان: _  ئۇ كومپىيوتۇرغا ئۇستا بولغاچقا كومپىيوتۇر ھەيئىتى بولۇپ سايلانغانبويى خېلى بەسىتلىق قاۋۇل؛دائىم پارتىدىشى پاكىستان بىلەن پارتا تالىشىپ غىژىلدىشىدۇ؛ئۇنىڭ كەينى پارتىدا ئولتۇرىدىغان ئىتتىپاق ھەيئىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس.                    
12. پاكىستان:سىنىپتا ھىچقانداق ۋەزىپىسى يوق،ھىندىستان بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرىدۇ؛ ئۈگىنىش نەتىجىسىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس،لېكىن ئىتتىپاق ھەيئىتى  بىلەن مۇناسىۋىتى خېلى ياخشى؛شۇڭا ھىندىستاننىڭ قورىقماي چىشىغا تېگەلەيدۇ.                        

13. ئاۋىستىرالىيە:    سىنىپتا ھىچقانداق ۋەزىپىسى يوق،ئۈگىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرىھالدىن يۇقۇرى،سىنىپتا دائىم  ئۈگىنىش ھەيئىتىنى ئاكا دەپ يۈرۈيدۇ؛مۇستەقىل ئىش قىلالمايدۇ،ئۈگىنىش ھەيئىتى نىمە دىسە شۇنى قىلىدۇ.    


14.ئىسرائىلىيە:    سىنىپتا ھىچقانداق ۋەزىپىسى يوق،ئۈگىنىش نەتىجىسى ياخشى،چەتئەلدە باي تۇققانلىرى بولغاچقا ئۆزىنىڭمۇ خېلى ئۇلى چىڭ؛سىنىپ باشلىغى بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى .لېكىن بىر پارتىدا ئولتۇرىدىغان پەلەستىننى دائىم بوزەك قىلىدۇ ،ھەم بىكاردىن بىكار ئۇرۇپ ئوينايدۇ.يولسىز.    
15.پەلەستىن:  سىنىپتا ھىچقانداق ۋەزىپىسى يوق،تېنى ئاجىز ئورۇق ،ئائىلىسىمۇ نامرات ؛دائىم پارتىدىشى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن دۇمبالىنىپ چىشلىرى تۆۈلۈپ كەتسىمۇ ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر.ئۇنىڭ گەرچە باي تۇققانلىرى بولسىمۇ لېكىن بىرىنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق.كۈنى بوزەك ئېتىلىش ۋە نامراتچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.                  
  16. گىرمانىيە:     ئەمگەك ھەيئىتى،ئۈگىنىشتە تىرىشچان ھەم جاپاغا چىداملىق ،نەتىجىسىمۇ ياخشى؛ئالدىنقى مەۋسۈم باشقىلار بىلەن ئىككى قېتىم ئۇرۇشۇپ ،ئەينى ۋاقىتتىكى سىنىپ باشلىغى ئەنگىلىيەنىڭ سىنىپ باشلىقلىغىدىن چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالغان.          
  17. ياپونىيە:   سىنىپتا ھىچقانداق ۋەزىپىسى يوق؛ئۈگىنىش نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى،ئىدىيە ئەخلاق جەھەتتىن ناھايىتى ناچار ،ھىلى مىكرى كۆپ؛ئالدىنقى مەۋسۇم باشقىلارنى بوزەك قىلىپ خەقنىڭ نەرسىسىنى ئۆزەمنىڭ قىلىۋالىمەن دەپ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقاندا ،ھازىرقى سىنىپ باشلىغى ئادەم باشلاپ بېرىپ ئۆلگۈدەك ئۇرغان ۋە داۋالىنىشقا پۇل بېرىپ تۇرغان.تاياق جېنىغا ئۆتۈپ كەتكەچكە شۇنىڭدىن  بۇيان گەپ سۆزدە سىنىپ باشلىغىنىڭ ئاغزىغا قارايدىغان بولغان؛لېكىن كېسىلى ساقايغاندىن كېيىن كونا  ئادىتى يەنە قوزغىلىپ يېقىندىن بۇيان ئىتتىپاق ھەيئىتىنىڭ بېلىق قاچىسىنى تالىشىۋاتىدۇ.بۇ قېتىم ئىتتىپاق ھەيئىتىدىن ئۆلگۈدەك تاياق يەيدىغاندەك تۇرىدۇ.بۇمۇ بولىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن تۈزۈلىپ ئادەم بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.        
  
18.ۋېتنام:      سىنىپتا ھىچقانداق ۋەزىپىسى يوق،ئۈگىنىش نەتىجىسى ناچار؛ئالدىنقى مەۋسۈم سىنىپ باشلىغىدىن تاياق يىگەن ،لېكىن مۇئاۋىن سىنىپ باشلىغى بىلەن ئىتتىپاق شۇجىسى ھەمدەمدە بولغاچقا ئانچە ئېغىر تاياق يىمىگەن .لېكىن كېيىن ۋاپاغا جاپا قىلىپ ئىتتىپاق ھەيئىتىنى بوزەك قىلىمەن دىگەچكە ،ئۇنىڭدىن ئۆلگىدەك تاياق يىگەن.      
  
19. چاۋشەن:    سىنىپتا  ھىچقانداق ۋەزىپىسى يوق،ئىتتىپاق ھەيئىتى بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرىدۇ؛ئۈگىنىش نەتىجىسى ناچار،لېكىن بوينى قاتتىق،دائىم سىنىپ باشلىغىنى رەنجىتىدۇ؛سىنىپ باشلىغى بىرنەچچە قېتىم ئۇنى ئەدەپلەيدىغانلىغىنى دىگەن بولسىمۇ ،لېكىن ئىتتىپاق ھەيئىتى توسالغۇ بولغاچقا ئۇرالمىغان.                                          
  
20.  جوڭگو:      ئىتتىپاق ھەيئىتى،ئۇنىڭ يەسلىدىكى ۋە باشلانغۇچتىكى ئۈگىنىش نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولغان؛لېكىن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،ئۇيقۇغا ئامراق بولغاچقا ،ھەم ئۆيدىن سىرىتلارغا چىقىپ ھەركەت قىلىشنى ياقتۇرمىغاچقا ،تەن ساپاسى ناچارلاپ دائىم باشقىلاردىن تاياق يەيتى .لېكىن ئالدىنقى مەۋسۇمنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ مەۋسۇم ئىلگىرىلىشى ناھايىتى تېز بولدى.ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئامراق.ئالدىنقى مەۋسۇم  پارتىدىشى غا ياردەم قىلىمەن دەپ سىنىپ باشلىغى بىلەن خېلى قاتتىق سوقۇشتى. ھازىر ئۇنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسى ياخشى ،بەدىنىنىمۇ چېنىقتۇرۇپ خېلى قاۋۇل قىلىۋالدى.چۈشىدىمۇ دائىم سىنىپتىكى ئاداۋىتى بار بىرنەچچىسىنى راسا دۇمبالاپ ئاچچىغىنى چىقىرىۋالغۇسى كېلىدۇ ؛لېكىن ئۈگىنىش نەتىجىسىگە تەسىرى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىگە ھاي بېرىدۇ.شۇڭا سىنىپ باشلىغى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا يۈرۈيدۇ.                                                                                    
[ بۇ يازمىنىئۈمىديار 2012-09-15 13:00قايتا تەھرىرلىد ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-15, 02:35
گۈل ياپرىقى بىلەن گۈزەل
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 544
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە544دانە
تۆھپىسى: 56
پۇلى: 69823788 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 123
ياخشى باھا: 658
توردا: 150(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-10-31
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-18 18:12

بۇ ساۋاقداشلارنىڭ مىجەز - خۇلقى خېلى گەۋدىلىنىپتۇ.
كۆزۇڭنى ئاچ