تەنھا قېيىق
مۇختەر مەخسۇت
ساھىلدا تۇرىدۇ تەنھا بىر قېيىق،
داتلاشقان قوزۇققا باغلاقلىق مەھكەم.
ئۇ بۇنداق تاشلىنىپ ياتقىلى نەكەم،
ئاستىدا لاتقىلار بوغۇدۇ دىمىق.
يىراقتا-زەڭگەر رەڭ دېڭىز يۈزىدە،
يەلكەنلىك كېمىلەر سويلايدۇ ئەركىن.
يېگانە شۇ قېيىق تەلمۈرەر غەمكىن،
ئۆكۈنۈش ياشلىرى ئەگىپ كۆزىدە.
دولقۇنلار كېلىدۇ ئېيتىپ ئارىيە،
يېتەكلەپ بارغىلى ئۇنى دېڭىزغا،
نە ئامال بىچارە بۇ <<تۇتقۇن قىز>>غا،
غىچىرلاپ بىر ئاچچىق قىلىدۇ نالە.
كېمىلەر ئۇپۇققا كەتتى يىراقلاپ،
ئۇ تۇرار شاۋقۇنسىز ساھىلنى ساقلاپ.
يۇلغۇن
كېسىپ تۇرار،
ئۆسۈپ تۇرار.
ئۇ تائەبەد
قانغا ئايلانغان بىر بوۋاق.
چۆل ئانا
بۆلەپ ئۇنى قۇم بۆشىكىگە
ئەللەيلىتىدۇ،
بورانلاردىن توقۇپ قوشاق.
ئۇ
چۈش كۆرىدۇ
يېشىل چۈشلەرنى،
ئالتۇن چۈشلەرنى
ئۇزاقتىن-ئۇزاق ...
مەنبە؛ ئاپتورنىڭ <<يېرىم ئاسمان>>ناملىق شېئىر توپلىمى...