ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 199 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر شېئىرىيەت بىلىملىرى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-17 19:29

ئۇيغۇر شېئىرىيەت بىلىملىرى

شېئىر ھەۋەسكارلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن توردىن ئۇيغۇر شېئىرىيەتچىلىكى توغرىسىدىكى  تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى توپلىغان ئىدىم، ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاب قىلغايسىلەر!.....

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى
ئۇيغۇر شېئىرىيىتى شېئىر شەكلىگە باي بولۇپ، مەسنەۋى، غەزەل، مۇسەللەس، مۇرەببە، مۇخەممەس،مۇسەددەس، مۇسەببە، مۇسەممەس، مۇتەسسە، تەرجىئبەند، مۇستەھزاد، مۇۋەششەھ، مۇساۋىيات تەرەپەيىن، مۇختەملات، رۇبائىي، مۇئەمما، قىتئە... قاتارلىق شەكىللىرى بار.
مەسنەۋى- ئىككى مىسرالىق شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى زېمىنىدا ئۆسۈپ راۋاجلانغان شېئىرىي شەكىللەردىن بىرى بولۇپ، ئادەتتە «بىيىت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
مەسنەۋىنىڭ قاپىيەتۈزۈلۈش شەكلى ...aa,bb,cc.دېمەك، ئۇنىڭ ھەر بىر كوپلىتى ئىككى مىسرادىن تەركىب تاپقان، ئۆزئارا جۈپ – جۈپ بولۇپ قاپىيىلىشىدۇ. ئەمما، بىر خىل قاپىيىلەنگۈچى جۈپ مىسرا (بىيىت) نىڭ كىيىنكى مىسرالار بىلەن قاپىيىلىك باغلىنىشى بولمايدۇ.
مەسىلەن: بىلىمنى بۈيۈك بىل، ئوقۇشنى ئۇلۇغ،
بۇ ئىككى يۈكسەكتۈر قۇلنىمۇ تولۇق.
بۇ سۆزگە گۇۋاھتۇر تۆۋەندىكى سۆز،
بۇ سۆزگە ئىشىكتىن،سۆزۈڭ بۇندا ئۇز:
ئەقىل قايدا بولدائۇلۇغلۇق تاپۇر،
بىلىم كىمدە بولسابۈيۈكلۈك تاپۇر.
(يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىن)
غەزەل- تۈزۈلۈش شەكلى جەھەتتىن ئىككى مىسرالىق بولۇپ، مەسنەۋىگە ئوخشاپ كېتىدىغان، ئەمما قاپىيە شەكلى aa,ba,ca,da.....بولۇپ تۈزۈلگەن شېئىرىي شەكىلنى كۆرسىتىدۇ. غەزەل مەسنەۋىدىن ئىككى جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ: بىرىنچىدىن، غەزەل ئاساسلىق لىرىكىلىق بولۇپ، قىزغىن ھېسسىيات ۋە ھاياجان بىلەن يېزىلىدۇ.ئىككىنچىدىن، شەكىل جەھەتتە ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىككى بېيىتى (ئىككى مىسراسى) ئۆزئاراقاپىيداش بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىينكى ھەر بىر بېيتنىڭ بىرىنچى مىسراسى ئوچۇق(قاپىيىسىز) قالدۇرۇلۇپ، ئىككنچى مىسراسى دەسلەپكى بېيىت بىلەن قاپىيداش بولۇپ كېلىدۇ. بېيىت سانى تاق بولۇپ، ئادەتتە بەش بېيىتتىن 13 بېيىتقىچە يېزىلىدۇ.(ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزدە بېيىتلەر سانى بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ)
غەزەللەر ئاساسەن ئارۇز ۋەزنىنىڭ رەمەل ۋە ھەزەج بەھرىلىرىدە يېزىلىدۇ. ئۇ مىللىي شېئىرىيىتمىزدەئالاھىدە سالماققا ۋە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە. مەسىلەن:« ئايرىلمىغىل»،«بىلىم ئىشقىدا» ، «قەشقەردە كەچ» قاتارلىق شېئىرلار غەزەل شەكلىدە يېزىلغان.
غەزەليات- غەزەل شەكلىدە يېزىلغان شېئىرلاردىن تۈزۈلگەن توپلامنى كۆسىتىدۇ.
مۇرەببە- تۆت مىسرالىق كوپلىتلاردىن تۈزۈلگەن شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. مۇرەببە (تۆتلۈك) شەكلى ئۇيغۇرشېئىرىيىتىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇ ئارۇز ۋەزنىدىمۇ، بارماقۋەزنىدىمۇ يېزىلىدۇ. ئۇنىڭ قاپىيىلىنىش شەكلى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل بولىدۇ؛
(1)aaab,cccb,dddb…
(2)aaba,bbcb,ddgd…
(3) abcb,bdgd,kptp…
(4)aaaa,bbbb,cccc,dddd…
(5) abab,bcbc,dtdt…
(6)aaaa,bbba,ccca,ddda…
«كەچ كۈز لىرىكىسى»، «دىكابىردا ئۆرۈكگۈللەپتۇ»، «تېلى قوشىقى»، «تەنھا قىيىق»، «غايە»، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچەسۆيگۈ» قاتارلىق ئەسەرلەر مۇرەببە شەكلىگە كىرىدۇ.
رۇبائىي- تۆتلۈ كشەكىلدۇر. تۆتلا مىسرادىن تۈزۈلۈپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر پەلسەپىۋى ئوي –پىكىرنى ئىپادىلەپ بەرگەن شېئىرىي شەكىلنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ قاپىيىلىنىش شەكلى aaaa ياكىaaba بولىدۇ. مەسىلەن:
بەختىڭنى بەرپا قىل ھالال تەر بىلەن،
پۈتمەيدۇ ئىنساننىڭ رىزقى «بەر» بىلەن.
ئەقلىڭنى ئىشلەتكىن،زېھنىڭنى يۈگۈرت،
زامانەم گۈللىنەرئىشچان ئەر بىلەن.
(روزى سايىت)
رۇبائىيات- مەخسۇس رۇبائىيلاردىن تۈزۈلگەن توپلاملارنى كۆرسىتىدۇ.
مۇخەممەس- ھەر بىركوپلېتى بەش مىسرادىن تەركىب تاپقان شېئىر شەكلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئادەتتە مۇخەممەس دېگەندە، قانچە كوپلېت بولۇشدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ بىرىنچى كوپلېتىدىكى بارلىق مىسرالار بىر ىىل قاپىيىلىشىپ كېلىدۇ. كېيىنكى كوپلېتلاردا بولسا ئالدىنقى تۆت مىسراسى ئۆزئارا ئوخشاش قاپىيىلىشىپ، ئاخىرقى بەشىنچى مىسراسى بىرىنچى كوپلېتتىكى مىسرالارغا قاپىيداش بولۇپ كېلىدۇ. يەنى قاپىيە شەكلى مۇقىم ھالدا مۇنداق بولىدۇ.
Aaaaa,bbbba,cccca,dddda…..
مەسىلەن: زۇردۇن سابىتنىڭ «نۇرۇزنامە»، ئەھمەدشاھ قاراقاشنىڭ «نەزەر مۇفتىغا خەت» دېگەن ئەسەرلىرىمۇخەممەس شەكلىدە يېزىلغان.
مۇئەمما- شېئىرىي تېپىشماق بولۇپ، بۇ خىل شەكىل قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر خەلقئېغىز ئىجادىيىتى ۋە يازما ئەدەبىياتتا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مۇئەممانىڭ مىسرا ۋەقاپىيە شەكلىدە مۇقىم ئۆلچەم بولمايدۇ. ئۇ – كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشنى، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت توغرىسىدىكى ھادىسىلىرى توغرىسىدىكى تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىپ مەيدانغا كەلگەن ۋە ئۆز تارىخىدا بەلگىلىك ئەھمىيەتكەئىگە بولغان بىر خىل شېئىرىي شەكىل.
چاچما (ئەركىن)شېئىر- شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، مىسرا تۈزۈلۈشى، كوپلىتلارغابۆلۈنۈشى، بوغۇم سانى ۋە باشقا جەھەتلەردىن نىسپەتەن ئەركىنرەك بولغان شېئىرىي سىستېمىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: «ئانا»، «نان»، «نېگىرلارنىڭ نەزىرىدىكى دەريا»قاتارلىق شېئىرلار.
نەسرىي شېئىر- نەسىربىلەن شېئىرنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرىدىغان، نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان بىر خىل بەدىئىي شەكىل. ئۇنىڭدا، لىرىك مەزمۇن نەسىرىي شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ، ۋەزىنلىك شېئىرلارغا قۇيۇلىدىغان ھەر قانداق ئۆلچەم بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئېنىق تۇراق،مىسرالار بولمايدۇ. ھەجىمى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. شېئىرىي كەيپىيات، شېئىرىي ھېسسىيات،. شېئىرىي مەزمۇن، شېئىرىي مۇھىت بولىدۇ. مەسىلەن: «شېئىر ۋە شائىر»،«قاشتېشىغا مەدھىيە»، «بورانقۇش ناخشىسى» قاتارلىق ئەسەرلەر نەسرىي شېئىرغا تەۋە.
شېئىرلار (پوئىزىيە)
شېئىر- ئەدەبىي ژانىرلار ئىچىدە ئەڭ بالدۇر بارلىققا كەلگەن ژانىر بولۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ تۈپكى شەكلى.شېئىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى كۈچلۈك ھېسسسىيات، مول تەسەۋۋۇر ياردىمى بىلەن ئەڭ ئىخچام، ئەڭ جانلىق ۋە ئەڭ مەزكەزلىك ھەلدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، چوڭقۇرشېئىرىي پىكىر، ئوبرازلىق تىل، يېقىملىق ئاھاڭ ۋە مۇئەييەن رىتىمغا ئىگە ئەدەبىي شەكىلنى كۆرسىتىدۇ.
شېئىرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى
1) شېئىر ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ ئىخچام شەكلى بولۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى باشقا ژانىرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يۈكسەك دەرىجىدەمەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
2) شېئىر كۈچلۈك ھېسسىياتقا ۋە بايتەسەۋۇرغا ئىگە. ھېسسىيات شېئىرنىڭ جېنى، تەسەۋۇر شېئىرنىڭ قانىتى.
3) شېئىر تىل جەھەتتە ئىخچام،ئوبرازلىق، ئاھاڭدار بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئوبرازلىق بولۇش- بىۋاستە مۇنازىرەپاكىت سۆزلىرى كۆپ بولماسلىق دېگەنلىك.
تىلنىڭ ئاھاڭدار بولۇش ماس رېتىم، زۆرۆربولغان قاپىيە بولۇش مەسىلىسىگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ شېئىرنى ئوقۇشقا ئەپلىك،ئاڭلاشقا يېقىملىق، تەسىرلىك قىلىپ بېرىدۇ.
شېئىرنىڭ تۈرلىرى
شېئىر مەزمۇن ئىپادىلەش ئۇسۇلىغائاساسەن لىرىك شېئىر ۋە ئىپىك شېئىر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە: قۇرۇلمىسى ۋە شەكلىگەقاراپ ۋەزىنلىك شېئىر، ئەركىن شېئىر ۋە نەسىرىي شېئىر دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
لىرىك شېئىرلار- شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتىنىڭ شېرىئىي شەكىلدە بىۋاستە ئىپادىلىنىشىدۇر. ئوبيېكتىپ دۇنيادىن ئالغان سۇبيېكتىپ تەسىرات- چۈشەنچىسىنى تەسۋىرلەش ۋە ئۇنى ئەدەبىي تۈرلەرگەقارىغاندا بىۋاستە، ئىنىق ئىپادىلەش لىرىك شېئىرنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتىدۇر.
ئۇ، شائىرنىڭ شېئىردا ئىپادىلىگەن ھېسسىياتى، ئوتتۇرغا قويغان پىكىرنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتېرىگە قاراپ سىياسىي لىرىكا، ئىنتىم لىرىكا، تەبىئىت لىرىكىسى، مۇھەببەت لىرىكىسى، قەسىدە، مەرسىيە،قوشاق ۋە ھەجۋىي شېئىر قاتارلىق بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
سىياسىي لىرىكا- شائىرلار جەمئىيەتنىڭجىددىي تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ چوڭ سىياسىي- ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تېما قىلغان،ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان سىنىپ ياكى گۇرۇھنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدائۆزىنىڭ كۆز قارىشى، ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇكۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ۋە بايراقدارلىققا ئىگە. مەسىلەن: ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ«ئايرىلمىغىل» دېگەن شېئىرى.
تەبىئەت لىرىكىسى- شائىرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىن ئالغان ھاياجانلىق ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. تەبىئەت مەنزىرىسى توغرىسىدىكى شېئىرلارنى مەزمۇن جەھەتتىن ئومۇمەن،ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئېسىتېتىك (گۈزەللىك) تېمىسىدىكى شېئىرلار دېيىشكىمۇ بولىدۇ.مەسىلەن: ئابدۇكېرىم خۇجىنىڭ «شارلار تېغى» دېگەن شېئىرى.
مۇھەببەت لىرىكىسى- مۇھەببەت ئاساسىيتېما قىلىنىپ كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت توغرىسىدىكى قارىشى، ھېس – تۇيغۇلىرى ئەكس ئەتتۈرىلىدىغان لىرىك شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مۇھەممەت راشىدىننىڭ «كەلسەڭ ئەگەر...»، «سەن يازغان خەتلەر» ناملىق شېئىرلىرى.
ئىنتىم لىرىكا- شائىرنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە باغلىق بولغان تۈرلۈك ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ گەرچە شائىرنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشىدەك كۆرۈنسىمۇ،ماھىيەتتە ئۇنىڭ ئەكس ئەتتۈرگەنلىرى ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتقا، يانى ئۆزۋەتىنى، ئۆز خەلقى، ئۆز سىنىپى ۋە پارتىيە، گۇروھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن:تاھىر تالىپنىڭ «چۈنكى مەن – ئادەم» دېگەن شېئىرى.
قەسىدە- مۇھىم ۋەقە ھادىسىلەرنى،شەخىسلەرنى مەدھىيلەش (ماختاش) خاراكتېرىدە يېزىلغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: تېيىپجان ئېليوفنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل»، نىمشېھىتنىڭ «بىلىم ئىشقىدا»قاتارلىق ئەسەرلىرى.
مەرسىيە- كۈچلۈك قايغۇ – ھەسرەت ۋەچوڭقۇر ماتەم – مۇسىبەتنى ئىپادىلەيدىغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. مەرسىيەجەمئىيەت ۋە خەلق ئۈچۈن ئېغىر يوقىتىش ھېسابلانغان ئاتاقلىق شەخىسلەر ۋە مەشھۇرئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئۆتكۈرئەپەندىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان «ھازىدار بۇغدا بۈگۈن» ناملىق شېئىر.
ھەجۋىي شېئىرـ رېئال تۇرمۇشتىكى خەلق مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان ناچار ئادەم، يامان ئىللەت، قالاق ئىدىيە ۋە ھەر خىل بولمىغۇر قىلىقلارنى پاش قىلىش، مەسخىرە قىلىش خاراكتېرىدە يېزىلغان لىرىك شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ھەجۋىي شېئىرلار ئادەتتە «ساتىرا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇمەن ھەجۋىي شېئىرلارنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى پاش قىلىش، ھەجۋىي قىلىشتىن ئىبارەت.مەسىلەن: ئەخمەدشاھ قاراقاشنىڭ «نەزەر مۇفتىغا خەت» دېگەن شېئىرى.
ئېپىك شېئىر- ھەر خىل كونكرېت ۋەقە ياكى پېرسۇناژلار تەسۋىرلەش ئوبيېكتى قىلىنىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىر قەدەركەڭ، ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئېپىك شېئىرلارقەھرىمانلىق ھەققىدىكى قوشاقلار، سۇژىتلىق شېئىرلار، قىسسە (ئېپوسلار)، داستان(پوئېما)، باللادا، شېئىرىي دراما، شېئىرىي ئېيتىشىش، شېئىرىي مەسەل قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
سۇژىتلىق شېئىر- ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە بىرەر كىچىك ۋەقەلىك بايان قىلىنىپ يېزىلغان شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ «قۇچاقلا ئۇ- سېنىڭ داداڭ» دېگەن شېئىرى.
باللادا- تارىخىي ياكى فانتازىيىلىك سۇژىت ئۈستىگە قۇرۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ ئارزو ۋە كۈرەشلىرى بىلەن بىرلەشكەن، ھەجىم جەھەتتىن ئانچە چوڭ بولمىغان شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئابدۇكېرىم خۇجىنىڭ«ئايخان»، بۇغدا ئابدۇللانىڭ «چوغلۇق باللادىسى» قاتارلىقلار.
داستان- ئوبيېكتىپ ۋەقە ۋەپېرسۇناژلارنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان چوڭراق ھەجىمدىكى شېئىرىي ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ. داستاندا مۇكەممەل ھېكايە ۋە پېرسۇناژبولىدۇ. ئەنە شۇ ھېكايە ۋەقەلىكىنى تەسۋىرلەش ۋە پېرسۇناژ خاراكتېرىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق ئاپتورنى ئىدىيىۋى ھېسسىياتى بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن: لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت»، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «قەشقەر كېچىسى»قاتارلىقلار.
شېئىرىي دراما- دىئالوگلارنىڭ ھەممىسى شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان درامىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا شېئىرىي خۇسۇسىيەت بىلەن دراماتىك ئالاھىدىلىكلەر ئورگانىك ھالدا بىرىكىپ كەتكەن بولىدۇ ۋە تۈگۈن، راۋاج،كۇلمىناتسىيە، يېشىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
شېئىرىي مەسەل- مەسەللەرنىڭ شېرىئىي شەكلى بىلەن يېزىلغان تۈرى.
شېئىرىي مەسەللەر نەسرىي شەكىل بىلەن يېزىلغانلىرىغا قارىغاندا ئاھاڭدار بولۇشى بىلەن قەدىرلىكتۇر ۋە شۇ سەۋەبتىن ئوقۇرمىنى كۆپ، ئېغىزغا چۈشىشى راۋان، ئەپلىك بولغانلىقتىن تارقىلىشى كەڭ،ئۆزلىشىشى تېز بولىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىداشېئىرىي مەسەلنىڭ سالمىقى خېلى زور. زۇنۇن قادىرى شېئىرىي مەسەل يېزىشنىڭ ئوبدان ئۈلگىسى بولۇپ، «قوشچى بىلەن چاشقان» ۋەكىللىك خارالتېرگە ئىگە.
شېئىرىي چۆچەك- چۆچەك ۋەقەلىكىنى تېماقىلغان داستان تۈرىدىكى ئېپىك شېئىر.
شېئىرىي چۆچەكلەردە بىر قەدەر مۇكەممەل ۋەقەلىك سۇژىتى بولىدۇ، تىلى ئاددى، ئاممىباب، پۇختا ئىشلەنگەن، تەسىرلىك بولىدۇ.مەزمۇنى قىزىقارلىق، جەلپ قىلارلىق بولىدۇ. ۋەزنى يەڭگىل، راۋان، خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا يېزىلىدۇ.
شېئىرىي چۆچەكلەرنىڭ خەلق ئېغىزئەدەبىياتىدىكى سالمىقى خېلى زور بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تېخىمۇيۈكسىلىشلەرگە ئىگە بولماقتا. مەسىلەن: نۇر مۇھەممەت زاماننىڭ «دانىشمەن بالا»،پۇشكىننىڭ « بېلىقچى بىلەن ئالتۇن بېلىق ھەققىدە چۆچەك» قاتارلىقلار.
شېئىرىي رومان- ئېپىك شېئىرلارنىڭ بىرخىلى بولۇپ، شېئىرىيەت شەكىللىرى ئارقىلىق ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدارومانلارغا ئوخشاش پېرسۇناژلار خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئىنچىكلىك بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ، مۇكەممەل. مەسىلەن: مۇھەممەتجان سادىقنىڭ «ئىلى پەرزەنتلىرى»ناملىق ئەسىرى.
رىتىم- بىر خىل مىقداردىكى بوغۇملارنىڭ بەلگىلىك تەرتىپتە قاتار تەكرارلىنىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئاھاڭدارلىنىكۆرسىتىدۇ.
تۇراق- ئوخشاش ساندىكى بوغۇملارنىڭ شېئىر مىسرالىرىدا بەلگىلىك تەرتىپتە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن:
ئاقارغان يۈز، قىيىلغان قاش، قۇيۇلغان ياش،
كېسىلگەن باش، چۇۋۇلغان چاچ، تۆكۈلگەن قان.
تىتىلغان تەن، تۈگۈلگەن مۇش، كىرىشكەن چىش،
پۈتمەس غەزەپ ئوتى بولۇپ چىقتى بۇ جان.
قاپىيە- شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. قاپىيە توق قاپىيە ۋەئاچ قاپىيە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
توق قاپىيە- ئاھاڭداشلىقى تولۇق بولغان سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ قاپىيىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:
ئۇلۇغلۇققە يەتسەڭ بۇزما ئۆزۈڭنى،
ئەتلەس كىيسەڭ، ئۇنۇتما كىيگەن بۆزۈڭنى.
ئۇلۇغ بولغانسېرى بولۇپ مۇلايىم،
چوڭ – كىچىككە سىلىق قىلغىن سۆزۈڭنى.
شېئىردىكى «ئۆزۈڭنى» ، «بۆزۈڭنى» دېگەن سۆزلەر توق قاپىيە ھاسىل قىلىدۇ.
ئاچ قاپىيە- ئاھاڭداشلىقى تولۇق بولمىغان سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ قاپىيىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:
ۋە لېكىن ۋەتىنىم سەن باشقا دۇنيا،
مېھرىڭدىن تاشقىمۇ بەردىڭ سەن سەزگۈ.
مەن سېنىڭ پەرۋانەڭ، ئورناتتىڭ ئۆزۈڭ،
ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ.
يۇقىرىقى كوپلىتتىكى «سەزگۈ» بىلەن«سۆيگۈ» ئاچ قاپىيە ھاسىل قىلىدۇ.
رادىف- شېئىرىي مىسرالاردىكى قاپىيىدىن كېيىن تەكرارلىنىپ كەلگەن سۆز رادىف بولىدۇ. مەسىلەن: «بىلىم ئىشقىدا» دېگەن شېئىردىكى قاپىيىداش سۆزدىن كېيىن تەكرارلانغان «يوق» دېگەن سۆز رادىف.
كۆپ قوللىنىدىغان قاپىيە شەكىللىرى
تەڭ بوغۇملۇق شېئىرلار- ھەر قايسى شېئىر مىسرالىرىدىكى بوغۇملارنىڭ سانى تەڭ بولغان تۈزۈلۈشتىكى شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار تۆت بوغۇمدىن 16 بوغۇمغىچە بولىدۇ.
ئارىلاش بوغۇملۇق شېئىرلار- مىسرالاردىكى بوغۇملار سان جەھەتتىن ئاز – كۆپلۈكتە پەرىقلىىنىدىغان شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ.
كۆپ قوللىنىدىغان قاپىيە شەكىللىرى- جۈپ قاپىيە، ئەركىن قاپىيە، ئالماش قاپىيە، ۋە يانداش قاپىيىلەردىن ئىبارەت.
جۈپ قاپىيە-شېئىردىكى مىسرالارنىڭ سانىنىڭ ئاز – كۆپلىكىدىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر جۈپ مىسرالارنىڭ ئاخىرىدىكى سۆز ياكى بوغۇملار بىر – بىرى بىلەن مۇستەقىل ھەم ئەركىن ھالدا قاپىيەداش بولۇپ كەلسە جۈپ قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: نىمشېھىتنىڭ «ۋەتەن مۇھەببىتى» ناملىق شېئىرى مۇشۇ خىل قاپىيىدە يېزىلغان.
سەندىن ئۆزگىگەسۆيگىنىم يوق بۈيۈك ۋەتەن.
ساڭا پىدا، ساڭاقۇربان جان بىلەن تەن،
سېنى كۈتۈش، سېنى ساقلاشقا ماڭا بۇ پەرز،
ۋەتەن سۆيۈش ۋەتەن ئوغلىغا ئەزەلدىن قەرز،
ماڭا سەندىن ئۇلۇغ نېمەڭ كېرەك ئەمەس.
مېنىڭ ئۈچۈن ئازادلىقىڭ كۇپايە بەس،
ھەم ھاياتىم، ماماتىم سېنىڭ بىلەن.
سائادىتىم، ساخاۋىتىم سېنىڭ بىلەن.
ئەركىن قاپىيە-تۆت مىسرالىق شېئىرلارنىڭ 2-، 4- مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆزلەر ئاھاڭداش بولۇپ كەلگەن قاپىيە شەكلى ئەركىن قاپىيە بولىدۇ.
شۇنچىلىك غۇبارسىز بىپايان ئاسمان،
دالىلار كۆز يەتمەس،كۆرۈنمەيدۇ قاش.
كۆرۈنۈپ قالىدۇسانسىز چارۋا – مال،
شاماللار يەلپۈسە،ئوتلار ئەگسە باش.
ئالماش قاپىيە- تۆت مىسرالىق شېئىرلارنىڭ 1-، 3- مىسرالىرىنىڭ ۋە 2-، 4- مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدىكى سۆزلەر ئاھاڭداش بولۇپ كەلگەن قاپىيە شەكلى ئالماش قاپىيە بولىدۇ.
مەسىلەن:
تاڭ سەھەر يېنىمدىن ئۆتكەن شوخ شامال،
ئويغاتتى ئۇيقىدىن،ئېتىز باغلارنى.
كۆكلەمدە جانلانغان ئۈمۈدلىك خىيال،
يول سالدى سۆيۈشكەئېگىز تاغلارنى.
يانداش قاپىيە- تۆت مىسرالىق شېئىرلاردا 1- مىسرا بىلەن 4- مىسرا، 2- مىسرا بىلەن 3- مىسرانىڭ ئاخىرىدىكى سۆزلەر ئاھاڭداش بولۇپ كەلگەن قاپىيە شەكلى يانداش قاپىيە بولىدۇ.
مەسىلەن:
ساھىلدا تۇرىدۇ تەنھابىر قېيىق،
داتلاشقان قوزۇقتاباغلاقلىق مەھكەم.
ئۇ بۇندا تاشلىنىپ ياتقىلى نېكەم،
ئاستىدا لاتقىلاربوغىدۇ دىمىق.
(مۇختار مەخسۇت)
ۋەزىن
ۋەزىن- شېئىردىكى سۆزلەرنى مۇنتىزىم ئاھاڭغا سالىدىغان ئۆلچەم ياكى قىلىپ دېمەكتۇر.
ۋەزىنلىك شېئىرلار-مەلۇم تەرتىپ ۋە قائىدىگە ئاساسەن يېزىلغان شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدا بوغۇم،مىسرا كوپلېتلارنىڭ مەلۇم ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى، مىسرالاردىكى سۆز، تۇراقلارنىڭ رەتلىك، ئېنىق بولۇشى، قاپىيىلەرنىڭ ياخشى بولۇشى، رېتىملىرىنىڭ ئاھاڭدار، كۈچلۈك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.ۋەزىنلىك شېئىرلار ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلار ۋە ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلار- شېئىر مىسرالىرىدىكى سۆز ۋە بوغۇملارنىڭ مۇئەييەن تەرتىپتەگۇرۇپپلىنىشىدىن ھاسىل بولغان شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ بوغۇم سانى ئاساسەن باراۋەر بولىدۇ. بۇنىڭدا بىر خىل مىقداردىكى بوغۇملارنىڭ بىرقاتار تەكرارلىنىشى نەتىجىسىدە رېتىم ھاسىل قىلىنىدۇ. مىسرالىرىدىكى بوغۇملاربارماق بىلەن سانىلىدۇ.
ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار- شېئىر مىسرالىرىدىكى سوزۇق (ئۈزۈك) ۋە ئۈزۈك (قىسقا) تاۋۇشلارنىڭ مەلۇم تەرتىپ بىلەن ئالمىشىپ كېلىپ، شېئىردىكى رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىقنى بارلىققاكەلتۈرىدىغان شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. ئارۇز ۋەزنىنىڭ پائىلاتۇن، پائىلۇن، مەپائىيلۇن،مۇستەپئىلۇن قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق تۈرى بار.
ئۇزۇن بوغۇم- ئۇيغۇرتىلىدىكى يېپىق بوغۇملار، ئۇرغۇ چۈشكەن ئۇچۇق بوغۇملار (ئۇرغۇلۇق ئۇچۇق بوغۇملار)ئارۇز ۋەزنىدە ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلاردا ئارۇزۋەزنىنىڭ ھەر قايسى بەھرىلىرىنىڭ ۋەزىن تەلىپى بويىچە بەزى قىسقا بوغۇملار ئۇزۇن بوغۇمغا ئۆزگىرىدۇ. ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان مىسرالارنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن ئوچۇق بوغۇملار ئۇزۇن بوغۇم بولىدۇ. ئۇزۇن بوغۇملار تۈز سىزىق «-» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
قىسقا بوغۇم- ئۇيغۇرتىلىدىكى ئۇچۇق بوغۇملارنىڭ كۆپ قىسمى ئارۇز ۋەزنىدە قىسقا بوغۇم بولىدۇ. قىسقابوغۇملار ئاچا سىزىق «V»بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
بەھر- ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەر بىر تۈرى بەھر دەپ ئاتىلىدۇ. بەھر ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «دەريا، غول» دېگەنمەنىدە. ئارۇز ۋەزنىنىڭ بەھرلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رەمەل بەھرى، ھەزەج بەھرى ۋە رەجەز بەھرلىرى كۆپرەك قوللىنىلماقتا.
رەمەل بەھرى-«پائىلاتۇن» (-V--)ۋەزىنىنىڭ ھەر ىىل تەكرارلىنىشى ياكى مەپائىيلۇن ۋەزنىنى ئاساس قىلىپ، باشقاۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزىلىدۇ. مەسىلەن: «ئايرىلمىغىل» دېگەن شېئىر رەمەلبەھرىدە يېزىلغان.
ھەزەج بەھرى-«مەپائىيلۇن» (V---)ۋەزىنىنىڭ ھەر خىل تەكرارلىنىشى ياكى مەپائىيلۇن ۋەزنىنى ئاساس قىلىپ، باشقاۋەزىنلەرنىڭ قۇشۇلۇشىدىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن: «بىلىم ئىشقىدا» دېگەن شېئىر ھەزەجبەھرىدە يېزىلغان.
رەجەز بەھرى-«مۇستەپئىلۇن» (--V-)ۋەزىنىنىڭ ھەر خىل تەكرارلىنىشى ياكى مۇستەپئىلۇن ۋەزنىنى ئاساس قىلىپ، باشقاۋەزىنلەرنىڭ قۇشۇلۇشىدىن تۈزۈلىدۇ.
مەنبە:ئاقتىلەك تورى   ئادرېسى:   www.aktilak.com
ئىزاھاتلار:
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ مۇسەللەسII ]
ئى [ئە] ‹ئەد› ئۈچ مىسرالىق كۇپلېتتىن تەركىب تاپقان شېئىر شەكلى. بۇ شەكىلئىككى خىل كېلىپ، كېيىنكى مىسرالاردا ئاۋۋالقى ئىككى مىسرا ئوخشاش قاپىيىدە، 3-مىسرا بىرىنچى كۇپلېتتىكى قاپىيىدە كېلىدۇ
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ مۇرەببە ]
ئى [ئە] ① ‹ئەد› تۆت مىسرادىن ئىبارەت شېئىر. ئۇنىڭ 1-، 2- ۋە 4- ياكى 2- ۋە4- مىسرالىرى قاپىيداش كېلىدۇ. خەلق قوشاقلىرى تولىراق مۇشۇ شەكلىدە يېزىلىدۇ. ②كونا. كۋادرات
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ مۇسەددەس ]
ئى [ئە] ‹ئەد› ئالتە مىسرالىق كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن شېئىر. بۇ خىل شېئىرنىڭبىرىنچى كۇپلېتىدىكى ئالتە مىسرا ئىزچىل قاپىيداش بولىدۇ. كېيىنكى كۇپلېتىدائالدىنقى تۆت مىسرا باشقا قاپىيىدە بولۇپ، ئاخىرقى ئىككى مىسراسى بىرىنچىكۇپلېتتىكى قاپىيىدە ئىزچىللىشىدۇ. ياكى بولمىسا بىرىنچى كۇپلېتنىڭ ئاخىرقى ئىككىمىسراسى كېيىنكى كۇپلېتلاردا تەكرارلىنىدۇ
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ مۇسەببە ]
ئى [ئە] يېزت ئىككى تەرىپى ئوخشاش، پەرقلەنمەيدىغان؛ تەڭ، باراۋەر
ئى [ئە] ‹ئەد› يەتتە مىسرالىق كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن شېئىر
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ مۇسەممەن ]
ئى [ئە] ‹ئە› ھەر بىر كۇپلېتى سەككىز مىسرادىن تەركىب تاپقان شېئىر شەكلى. بۇشەكىل ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلىنىڭ ھەر كۇپلېتى بىر خىل قاپىيىدە تۈزۈلۈپ،قاپىيىلىرى كۆپىنچە مۇرەببەنىڭ قاپىيە تۈزۈلۈشىگە ئوخشايدۇ ياكى بىرىنچىكۇپلېتتىكى سەككىز مىسرانىڭ ھەممىسى قاپىيداش بولۇپ، كېيىنكى كۇپلېتلارنىڭ ئاخىرقى8- مىسراسىدا بىرىنچى كۇپلېتتىكى قاپىيە ئىزچىللىشىدۇ. يەنە بىر خىلىدا بولسا، ھەركۇپلېتنىڭ ئالتە مىسراسى چاپراس قاپىيىلىك (يەنى، 1-، 3-، 5- مىسرالىرى بىر خىلقاپىيىدە، 2-، 4-، 6- مىسرالىرى بىر خىل قاپىيىدە)، ئاخىرقى ئىككى مىسراسى يەنە باشقىچەقاپىيداش كېلىدۇ. بۇ شەكىلنى بارماق ۋەزنىدە يازسىمۇ بولىدۇ، ئارۇز ۋەزنىدەيازسىمۇ بولىدۇ
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ مۇتەسسە ]
ئى [ئە] ‹ئەد› بىر كۇپلېتى توققۇز مىسرادىن تەشكىل تاپقان شېئىر
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ مۇخەممەس ]
ئى [ئە] ‹ئەد› ھەر كۇپلېتى بەش مىسرادىن تەركىب تاپقان شېئىر شەكلى
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ تەرجىئىبەند ]
ئى [ئە+پە] ‹ئەد› شېئىر شەكىللىرىنىڭ بىر خىلى. بۇ خىل شېئىر شەكىلدە ۋەزنىبىر خىل‏، ‏ قاپىيىسى ھەر خىل بولغان بىر نەچچە كۇپلېتلىق شېئىرنىڭ ھەر بەندى(بۆلىكى‏، ‏ قىسمى) ئارىسىدا مەلۇم بىر بېيىت تەكرار يېزىلىدۇ ؛ تەكرارلانغانبېيىت ھەر بەند ئاخىرىدىكى بېيىت بىلەن باغلىنىپ بارىدۇ
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ مۇستەھزاد ]
ئى [ئە] ‹ئەد› بىر ئۇزۇن، بىر قىسقا مىسرادىن تەركىب تاپقان، ئۇزۇنمىسرالارمۇ ئۆز ئالدىغا قاپىيلىنىدىغان؛ قىسقا مىسرالار ئۇزۇن مىسرالارنىڭمەزمۇنىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ بېرىدىغان؛ ئۇزۇن مىسرالارنى قىسقامىسرالاردىن ئايرىپ قارىغاندىمۇ مەسنەۋى ياكى غەزەل شەكلىنى ئېلىپ ئۆز ئالدىغامۇستەقىل تۇرالايدىغان شېئىر
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ مۇۋەششەھ ]
ئى [ئە] ‹ئەد› ھەربىر بېيىتنىڭ بېشىدىكى ياكى ھەربىر مىسرانىڭ بېشىدىكىھەرپلەرنى قۇراشتۇرسا كىشى ئىسمى ياكى بىرەر مەنىلىك سۆز چىقىدىغان شېئىر شەكلى:لۇتپۇللا مۇتەللىپ «دوستۇمغا مۇۋەششەھ» دېگەن شېئىرنى يازغان
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ رۇبائىي ]
ئى [ئە] ‹ئەد› تۆت مىسرادىن تەركىب تاپقان، تولۇق بىر مەنە ئىپادىلەيدىغان ۋەبىرىنچى، ئىككىنچى، تۆتىنچى ياكى تۆتلا مىسراسى قاپىيداش بولغان مۇستەقىل بىرشېئىر
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ مۇئەمما ]
ئى [ئە] ‹ئەد› ئەدەبىياتتا شېئىرىي يول بىلەن يېزىلغان تېپىشماقلار
ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق-[ قىتئە ]
ئى [ئە] ① ‹جۇغ› يەر شارىنىڭ دېڭىز ۋە ئوكيانلار بىلەن قورشالغان ئالاھىدەقىسىملىرىنىڭ ھەربىرى. يەر شارىدا ئاسىيا، ياۋرۇپا، ئافرىقا، شىمالىي ئامېرىكا،جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوكيانىيە ۋە جەنۇبىي قۇتۇپتىن ئىبارەت يەتتە قىتە بار. ②‹ئەد›لىرىك شېئىرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى بىر تۈرى. ئۇنىڭدا جۈپ مىسىرلار(ئىككىنچى، تۆتىنچى، مىسرالار) قاپىيىلىنىپ، تاق مىسرالار ئوچۇق قالىدۇ. ئۇ ھەجىمجەھەتتىن قىسقا، مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zimistan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 14:06  


zimistanning almizardiki yollanmisi
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-18 10:31

ئالدى بىلەن تېما يوللىغۇچىغا رەخمەت ئېيتىمەن ، پايدىلىنشىقا تېگىشلىك مۇھىم تېما ئىكەن ، كۆپ ئەجىر قىپتۇ.