ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 428 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاشتېشى شاھى چەرچەن
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-18 11:02

قاشتېشى شاھى چەرچەن

قاشتېشى شاھى چەرچەن




(چەرچەن ناھىيەسىنىڭ9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان6-نۆۋەتلىك قاشتېشى،مەدەنىيەت،ساياھەت بايرىمىغا بېغىشلايمەن)





قاشتېشى شاھىسەن ئەي ئانا ماكان،

يۈكسەلدىڭ،يۈكسەلدى خەلق بۇ زامان،

سەن بىلەن ئەمەلگە ئاشماقتا ئارمان،

كۆز تىكىپ باقماقتا ھەممە يەر جاھان،

ماڭدۇق بىز غەيرەتتە غەلىبە  تامان.




(1)سېنىڭدە جىنىسنى ئالغان كۆمەچمۇ،

سېنىڭدە جىنىسنى ئالغان قاشتېشمۇ،

سېنىڭدە ئەڭ يۇغان ئەجدىھار باشمۇ،

سېنىڭدەغۇڭقۇدەك قالتىس كەشىپمۇ،

قاشتىشى شاھى دەپ نامىڭ تارالغان.




(2)‹‹بەش››چەرچەن قۇرۇشقا چىقتۇق سەپەرگە،

قاشتېشى كۈيىنى ئېيتىپ سەھەرگە،

باغلاندى ئەقىدە ساڭا ھەم  ئەلگە،

ئاتلاندۇق ئېچىشقا ئۇلۇغ زەپەرگە.

قىلىمىز دۇچ كەلسە تاغنىمۇ تالغان.




(3)ياسالدى ئاجايىپ ئاللىچى راۋاپ،

سېلىندى تۆگە ۋە قوتازدا كاۋاپ،

تۇخۇممۇ كۆمۈلدى شەنىڭگە ئاتاپ،

باغرىڭنى ھەر ياقتىن قىلماقتا تاۋاپ،

سەن شۇنداق ئۆزگۈچە بۈيۈك ئاتالغان.




تىزگىنلەپ قۇملارنى قىلدۇق چىمەنزار،

سەيلىگاھ ئەمدى قۇم ھەممە  ئىنتىزار،

قۇملاردا زەدەكمۇ ئەڭ ئىسىل تاۋار،

ھۇسۇلدىن ھەممىمىز شۇنچە ئىپتىخار،

ئۈزۈلمەس ھەر ياقتىن ئايىغى مېھمان.




ئوخشايدۇ سېنىڭدە ئاشلىق زىرائەت،

چىلان ۋە كېۋەزمۇ ئاينار كارامەت،

دېھقاننىڭ چېھرىدە كۈلەر دارامەت،

بەك ياقتى ئۇلارغا يەرلىك سىياسەت،

يوللىرى بولغاچقا  پارلاق ۋە راۋان.




(4)تۇرىدۇ تۆمۈركان،قاتلىشتا مىس كان،

كوزۇر بوپ ئوتتۇرىدا قىلماقتا جەۋلان،

تاتلىقسۇ ئەزەلدىن قاشتېشى ماكان،

كاپىدا ئالتۇندىن ئالماقتا خامان،

قارائاتا يولىدا تۈزلەندى داۋان.




كەپىلىك مەھەللە ئۆزگەردى پەقەت،

ئورنىغا بىنالار سېلىندى رەت-رەت،

تاڭشەنمۇ بىر ياقتىن بەرگەچكە مەدەت،

(5)زۇمرەتلىك بۇلاقتا قىززار ساياھەت،

سېسىق سۇ يىكەنى قويمىدۇق ئامان.




(6)پەرۋاز قىپ ئۇچۇشقا  سېلىندى ئۇلمۇ،

(7)چوڭ سۇلاق ئامبىرىغا ئېچىلدى يولمۇ،

سۇ يىتىپ چۆللەرگە ياشاردى كۆلمۇ،

يايلاقلار ئوڭشۇلۇپ ئېلىندى تۆلمۇ،

شورداڭدا بىر شەھەر سۈرمەكتە دەۋران.



ئۆرلىگىن يەنىمۇ،ئۆرلىگىن كۆككە،

قوينۇڭدا يىتەيلى ئارمان تىلەككە،

كۈچ بەرگىن ئۆرلەشتە تالغان بىلەككە،

پارتىيە يۆلەيدۇ سېنى ئەبەتكە،

ئالدىڭدا توسقۇدەك يوق ھېچ بىر تۇمان.



(1) دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆمەچ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قاشتېشى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مىستىن ياسالغان ئەجدىھار بېشى،غۇڭقا قاتارلىقلارغا جىنىس گۇۋاھنامىسى بېرىلگەن. (2)بەش چەرچەن قۇرۇش نىشانى كانچىلىقتا تەرەققىي قىلغان چەرچەن،چىلانچىلىقتا بېيىغان چەرچەن،ئىكولوگىيەلىك چەرچەن،بەخىتلىك چەرچەن،گۈزەل چەرچەن.(3)بۇ يىل قاشتېشى بايرىمىغا ئۇزۇنلىقى 2مىتىردىن ئاشىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاللىچى راۋاپ ياسالدى تۆگە بىلەن كالىدا پۈتۈن بىرلا ۋاقىتتا تونۇر كاۋىپى سالماقچى.يەنە 10018تۇخۇمنى بۇ قېتىمقى بايرامدا بىراقلا قوقاستا پىشۇرۇپ دۇنيا جىنىس قامۇسىغا كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىندى (4)تۇرا چارۋىچىلىق فېرمىسىدا تۆمۈركان،ئاچچان يېزاقاتلىش كەنتىدە مىس كان ئېچىلدى.تاتلىقسۇ،قارائاتالارنىڭ قاشتېشى تارىختىن بۇيان داڭلىق. تارىختىن بۇيان كاپا ئالتۇن كېنىنىڭ نامى بار.(5)تاڭشەن شەھرى ياردەم قلىپ زۇمرەت بۇلاق ساياھەت رايۇنى قۇرۇلدى.(6)ئايرۇپىلان ئىستانسىنى كېڭەيتىپ كۆچۈرۈشكە ئۇل سېلىندى.(7)چوڭ سۇلاق سۇ ئامبىرى قۇرۇش ئىلتىماسى تەستىقلاندى.
چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز

ئاپتورنىڭ ئىجازىتى بويىچە يوللاندى .
تېما تەستىقلىغۇچى : ئەلتېكىن
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-19, 09:51
japaning kayni halawatdur
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1185
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 114
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە114دانە
تۆھپىسى: 27
پۇلى: 169 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 54
ياخشى باھا: 169
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-01-19
ئاخىرقى: 2012-10-10
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 23:17

شېئىرنىڭ مەزمۇنىدىن چەرچەندە قاشتېشى چېقىدىكەندە دەپ ئويلاپ قالدىم .