ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 190 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ساغلاملىق بىلىملىرىدىن پارچە
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-18 11:13

ساغلاملىق بىلىملىرىدىن پارچە

پاشىدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى

ياز ۋە باش كۈز پاشىنىڭ كۆپ مەزگىلى بولۇپ، پاشا ئادەمنى چاقسا، چاققان ئورۇن قىزىرىدۇ ۋە ھۈررەك ئۆرلەيدۇ، قىچىشىدۇ. پاشا يەنە بەزگەك كېسىلىنى تارقىتىدۇ. پاشىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ:

   1.دورا ئارقىلىق پاشىنى قاچۇرۇش: بىر قانچە تال ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن B2 تابلېتكىسىنى سۇغا چىلاپ، دورا سۈيى تەييارلاپ، ئۇنى بەدەنگە سۈرتۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، دورا پاشىنى قاچۇرىدىغان بىر خىل پۇراق چىقىرىپ، پاشا ئادەمگە يېقىن كېلەلمەيدۇ.

   2.رەڭ ئارقىلىق پاشىنى قاچۇرۇش: ئۆيگە قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك دېرىزە پەردىسى ئېسىش ياكى لامپۇچكىغا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك بىر پارچە ئەينەكسىمان قەغەزنى ئوراپ (چاپلاپ) قويۇش كېرەك. پاشا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك يورۇقلۇقتىن قورقىدۇ، ئۇنىڭ پاشىنى قاچۇرۇش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

   3. ئۆسۈملۈك ئارقىلىق پاشىنى قاچۇرۇش: لامپۇچكا ئاستىغا بىر باش پىيازنى ئېسىپ قويغاندا ياكى داكىغا بىر قانچە تال پىياز پارچىسىنى ئوراپ قويغاندا، پاشىلار كېلەلمەيدۇ.

   يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۆيگە بىر – ئىككى تەشتەك يەسىمەن گۈلى، ئۇششاق سېرىق گۈل، ئەتىرگۈل، تۈن پۇراق قاتارلىق گۈل – گىياھلارنى قويۇش كېرەك. ئىشلىتىپ بولغان چاينىڭ شامىسىنى قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئوت يېقىپ قويسىمۇ، پاشىنى قاچۇرغىلى بولىدۇ.

مەنبە تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىن ئابلەت ئابلىز تەييارلىغان
تېما تەستىقلىغۇچى : ئەلتېكىن
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-19, 09:51
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 18:19

ساغلاملىق بىلەن ئادەم چىرايلىق،
دورا كۆپكەن بايقاپ ئىچكۈلۈك...................................