كۈنلۈك ئاستىدا
مۇختەر مەخسۇت
كېتىۋاتىمەن
كۆزۈمنى ئېسىپ قويۇپ
پۇتلۇرۇمنىڭ ئۇچىغا.
كۈنلۈك لېۋىدە
دارغا ئېسىلغان كۆز يېشى.
تاپىنىمدا
ئىڭراپ يېقىمسىز
نالە قىلىدۇ تۇپراق.
كۈنلۈك
پەردە ئاستى كۆزۈمگە،
كۆرەلمىدى كۆزۈمنى ئاسمان
نىگاھىمدىن.
ئۈركۈپ قاچتى كەڭ دالا،
چېغىر يولدا
چايقىلىدۇ قارايغان سايەم.
ئىزلىرىم
پىرقىرايدۇ چەمبەر ئىچىدە.
يامغۇر تىۋىشى مېنىڭ شادلىقىم،
كېتىۋاتىمەن
كۈلكىلەرنى چىڭداپ يۈزۈمگە،
يېتەلمەستىن مەنزىلگە
غۇۋالاشتى لاي چاچراپ
پۇتلۇرۇمنىڭ ئۇچىدا كۆزۈم...
مەنبە؛ ئاپتورنىڭ <<يېرىم ئاسمان>>نىدىن....