پەرى بۇلاق
(قاش دەريا بويىدىكى بىر بۇلاقنىڭ ئىسمى)
مىركايىل نۇرئالىم
چىغىريول يېتەكلەپ ئېپ كەلدى مېنى،
يىلاندەك تولغانغان دەريا بويىغا.
قاش دەريا شاۋقۇنى ئۆلمەس بىر ناخشا،
كۆڭۈلنى سالىدۇ چەكسىز ئويلارغا.
توقايلىق،چاتقاللىق ئاچقان كەڭ قوچاق،
باغرىدا قاينىغان پەرى بۇلاققا.
ئىچكەندە سۈيىدىن سۆيۈندى يۈرەك،
خىيالىم قۇشلىرى كەتتى ئۇزاققا.
ئەكسىمنى كۆرسىتىپ تۇرغان شۇ بۇلاق،
قاچاندا تۈرەلگەن مۇشۇ تۇپراققا؟
نە ئۈچۈن ئاتالغان پەرى بۇلاق دەپ،
بۇ سوئال سالماقتا مېنى دوزاققا.
ئەرشىدىن چۈشكەنمۇ راسلا بىر پەرى،
يۇيۇنۇپ چىچىنى تاراپ ئۈتكەنمۇ!؟
نە ئۈچۈن سۈيىگە چاڭقايدۇ ئادەم،
ئول پەرى مېھرىنى چېچىپ كەتكەنمۇ!؟
ياكى بىر قىسمەتلەر ئۆتكەنمۇ بۇندا،
بۇلدۇقلاپ چىققان سۇ كۆزلەر يىشىمۇ؟
ئاشىقلار دەردىگە تار كېلىپ ئالەم ،
بۇ پانى دۇنيادا ياتقان يېرىمۇ؟
ۋىساللار گۈللىرى ئىچىلىپ ياكى،
ساپ سۆيگۈ مەڭگۈلۈك مۇراد تاپقانمۇ؟
ئىچىلغان رەڭدار گۈل ئارمىنى بولسا،
بۇ زېمىن قوينىدا كۈلۈپ ياتقانمۇ؟
نە ئۈچۈن كەتمەيدۇ بىر جۈپلەر ئەگىپ،
تاللارنىڭ شېخىنى ئوينىشار ئىگىپ.
سېردىشىپ بۇلاقنىڭ سۇلىرى بىلەن،
گۈللەرنى قېتىغا كېتىدۇ سىڭىپ،
ۋاپا ۋە مېھرىدىن سېلىشىپ گېرە،
سۆيگۈنىڭ باغرىدا كېتىدۇ ئېرىپ...
بىلمىدىم قانداق كۈچ تارتىدۇ مېنى،
تەكتى يوق خىيالنىڭ، سىرلار يىشىمى.
تۇرىمەن خىيالدا،سۈكۈت ئىلكىدە،
قىينايدۇ قەلبىمنى بۇلاق تىلسىمى،
باسماقتا ۋۇجۇدنى كەلكۈندەك يامراپ،
ئۇلۇغ بىر سۆيگۈنىڭ ۋولقان،ئېقىنى...
ھۆر پەرى تۈنىگەن ئەي،پەرى بۇلاق،
سۆيگۈدىن تىكلەنگەن يىقىلماس بايراق.
مۇھەببەت چۈلىدە تېنىگەن ئۈچۈن،
قاراڭغۇ يولىغا يىقىلغان چىراق...
abralning almizardiki yollanmisidin....