پەسىل قىزى
دوستلار مەن سىلەرگە تونۇشلۇق بولغان تەنىئەتنىڭ ئەركە بالىسى _ <<پەسىل قىزى>.بولىمەن.
مەن باھاردا ئىللىق باھار شامىلى بىلەن ئېرىقلاردا ئەگىز بولۇپ ئاقىمەن،سىم-سىم يامغۇر بولۇپ يېشىل دالىلارغا،ئورمانغا قۇيىلىمەن:يازدا سالقىن شامال بولۇپ ئورمىچىلارغا ھوزۇر بېرىمەن.يامغۇر سۈيى بولۇپ ئۆستەڭلەردە ئاقىمەن.تاڭ سەھەردە شەبنەم بولۇپ گۈل-گىياھلارنىڭ،ئوت-چۆپلەرنىڭ،يوپۇرماقلىرنى مەڭزىنى سۆيۈپ ئۆتىمەن:كۈزدە سەلكىن شامالنى باشلاپ،سارغايغان دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يوللارغا،ئورمانلارغا ئۇچۇرۇپ تاشلايمەن،مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن دېھقانلارنىڭ يېقىملىق ناخشا-قوشاقلىرىنى كائىناتقا ئاڭلىتىمەن:قىشتا قار چېچەكلىرىنى ئۇچۇرۇپ،زېمىنغا ئاق لىباس كىيدۈرىمەن،ئاقارغان زېمىن قار بوۋايغا ئوخشايدۇ.مەن زېمىنغا ئاتا قىلغۇچى پەسىل قىزىمەن.
سەھرادىكى كۈز
ھەش-پەش دېگۈچە خاسىيەتلىك كۈز يېتىپ كەلدى.دېھقانلار تولۇمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
قاراڭ،سارغىيىپ پىشقان قوناق باشاقلىرىنىڭ تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتكىنىنى،ئەمدى بۇ قوناقلارنى ئورىنىغا كۈزگى
بوغداي تېرىلىدۇ.
ۋاھ،نېمانچە كۆپ ئادەم!ئۇلار كۈمۈشتەك پاختىلارنى تېرىۋېتىپتۇ.ۋاي_ۋۇي،نېمە دېگەن كۆپ مېۋىلەر بۇ!
قاراڭە،بۇ باغلارغا،قىپقىزىل ئالمىلار،سۇلۇق نەشپۈتلەر،باراڭدىكى مەرۋايىتتەك ئۈزۈملەر! نېمە دېگەن مولچىلىق !دېھقانلار ئېتىزدىكى ئالدىراش ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ،مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن مېۋىلەرنى ئۈزمەكتە.
دوستۇم،بۇ كۈزدىكى مولھوسۇلدىن ساتلىققا چۆمۈپ،كۈزنىڭ گۈزەل مەنزىرسىدىن ھوزۇرلىنىشنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمىز.قاراڭ،ئېتىز قىرلىرىدىكى ئوت-چۆپلەر سارغىيىشقا باشلاپتۇ.ساپسېرىق دەرەخ يوپۇرماقلىرى شامالدا ئۇچۇپ،ئاستا يەرگە چۈشمەكتە.سەھرا يوللىرى ساپسېرىق غازاڭلار بىلەن تولۇپتۇ،يىراقتىن قارىسىڭىز خۇددى سېرىق گىلەمدەك كۆرىنىدۇ.ئەتراپ ئالتۇن رەڭدە جۇلالانماقتا.سەھرايىمىزدىكى كۈزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئۇستا رەسسام سېرىق رەڭنى كۆپرەك بېرىپ سىزىغان ماي بوياق رەسىمدەك كۆزنى چاقناتماقتا.